ئامېرىكا تاراتقۇلېرىنىڭ 14-چېسلا خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق 11 ياشلىق قىزچاق رىئاچېروۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىن تاشقىرى بولۇپ، كىچىكىدىن ئۆگىنىشتىكى ئەلا نەتىجىسى بىلەن، پەيدىنپەي دەرىجە ئاتلاپ، بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئۆتتى.
باشقا نۇرغۇن تەڭ ياشتىكى بالىلارغا ئوخشاش رىئاچېروۇ ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن، يۈزىنى يۇيۇپلا مەكتىپىگە ماڭاتتى، ئۇ پەقەت شۇ ئۆيىدە توردا دەرس ئاڭلايتتى.
ئۇ بۇ يىل ئەتىيازدا ئامېرىكا ئارىزونا بىرىكمە ئىنىستىتوتى تور مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئارىزونا شىتات ئونىۋېرسىتىتى كومپىيوتىر كەسپىگە قۇبۇل قىلىندى.
چېروۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارىزونا شىتاتى گىلبېرت بازىرىدا تۇرىدۇ، رىئانىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتى. ئۇ 4 ياش ۋاقتىدا، ئۆيىگە يىقىن بىر شەخسىي مەكتەپ ئۇنى يەسلىدىن بىراقلا 3-يىللىققا ئاتلىتىپ ئوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلدى.
چىروۋۇ ئاتا-ئانا قىزىنىڭ كىچىكلا بۇنداق يوقىرىرىغا ئاتلاپ ئوقۇشىدىن ئېھتىيات قىلدى بولغاي، 2008-يىلى ئۇنى ئارىزونا بىرىكمە ئىنىستىتوتى تور مەكتىپى بىرىنچى يىللىقىغا تىزىمغا ئالدۇردى. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا ئۇلار قىزىنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ مۇھىتىدىكى ئىپادىسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، مەۋسۈم ئاخىرلىشىشقا 2 ئاي قالغاندا ئۇ ئىمتىھان ئارقىلىق يوقىرى رايونلۇق باغچا باشلانغۇچ مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ 4- يىللىقنى پۈتتۈردى.
ئۇنىڭ ئانىسى، رىئا دائىم دەرس ناھايىتى زېرىكىشلىك دەپ ئاغرىنىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭكى تىخىمۇ يوقىرى رىقابەت مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سىناق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى كىلەركى مەۋسۈم 6-يىللىققا قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا رىئا ئەمدى 6 ياشتا ئىدى، شۇڭا ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئارىزونا بىرىكمە ئىنىستىتوتى تور مەكتىپىدە قايتا ئوقۇتتى. ئۇ تور دەرىسىدە 10- يىللىقنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىقتىدار سىنىقى قىلىشقا باشلايدۇ، 11 ياشتا يىتەرلىك ئوقۇش نومۇرى بىلەن تولۇق ئۇتتۇرا دىپلومىغا ئېرىشىدۇ.
رىئا ئەقىللىق بولۇپلا قالماي، ئىسكىرىپكا چالالايدىكەن، ناخشا ئېيتالايدىكەن، گولف توپ، چويلا توپ ئوينىيالايدىكەن. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ ئىكەن. ئۇ خوشنىلېرىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوينايدىكەن، ھەرخىل كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە ۋە مەملىكەتلىك داڭلىق يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەن. تور مەكتىپىدە، ئۇ باشقا ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئارىزونا شىتاتىدىكى باغچىلارنى، موزىيلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىدىكەن، ھەتتا بىللە قار تېيلىغىلىمۇ بارىدىكەن.
مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقا، رىئانىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۇنىڭ تەرربىيسىگە بولغان ياردىمى خېلى چوڭ. ئۇنىڭ ئانىسى بىر كومپىيوتىر ئىنژىنىرى، يومشاق دىتال ئىنژىنىرى بولغان دادىسىمۇ ئۇنىڭغا ئۆز خىزمەت ئەھۋالىنى دەپ بېرىپ تۇرىدۇ. ئانىسى ئۇ ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن، ھەر كۈنى ئۇنى ماشىنا بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئۇ دەرستىن چۈشكىچە ئۇنى ساقلاپ تۇرۇشنى ئويلاشتى، چۈنكى «ئۇ كىچىك بالىچاق» تە!
رىئا كەلگۈسىدە نېرۋا مەخپىيىتى ئىلمى بىلەن شوغۇللىنىشنى ئويلاشتى. ئۇ: «مەن ناھايىتى بەخىتلىك، ئاتا-ئانام ۋە نۇرغۇن باشقا كىشىلەر ماڭا ياردەم قىلىدۇ. ئالى مەكتەپ ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاچىدۇ، سىزگە يېڭى ئۆگىنىش پۇرسىتى ۋە يېڭى ساھە بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. مەن ھەربىر ساھەگە ئۇچرىشىش ۋە ئىزدىنىشكە ئىنتىزارمەن» دەيدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]