يېڭى قىزىق نۇقتا :
ما يۈننىڭ تولۇق تەرج
مۇقام ئۇستازى مەلىكە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ تالانتلىق شائىرەسى ۋە مۇقام ئۇستازى مەلىكە ئاماننىساخان 1534-يىلى مەكىتنىڭ تىزناپ دەرياسى بۇيىدىكى قۇمۇش مەھەللە يىزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 1567-يىلى ئوتتۇز تۆت يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئاماننىساخاننىڭ ئاتىسى مۇھەممەت ئاكا قالۇن ۋە ساتارنى ياخشى چالىدىغان ماھىر مۇزىىكانت ۋە ئۇستا مۇقامچى ئىدى. ئاماننىساخان كەچقۇرۇنلىرى ئاتىسىدىن ساز چېلىشنى ئۆگەنسە، كۈندۈزى مەكتەپتە ئۇقۇيىتتى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قويغۇچە نەۋائىي، فۇزۇلى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى يادقا ئۇقۇپ بېرەلەيدىغان ۋە قالۇن، ساتار،تەمبۇر قاتارلىق سازلارنى ياخشى چالالايدىغان بۇلۇپ يېتىلىدۇ. «نەفىسە» دىگەن تەخەللۇس بىلەن گۈزەل شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ زېرەكلىكىنى ۋە تالانتىنى نامايەن قىلىىدۇ.ئاماننىساخان كىيىنكى يىگرمە يىل ئۆمرىنى سەئىدىيە خانلىق پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ ئوردىسىدا ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، شېئىر يېزىش ۋە مۇزىكا ئىجاد قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنىڭ گۈللەپ- راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە يارىتىدۇ.
مەرىپەت ئاسمىنىدا پارلىغان يۇلتۇز16-ئەسىردىكى جاھالەت ۋە خۇراپات ھامىيلىرىنىڭ قاتمۇقات ئىسكەنجىسىدە ئەركىن نەپەستىن مەھرۇم بۇلۇپ، بۇرۇقتۇرمىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاسمىنىدا پارلاق نۇر چېچىپ بىر يۇرۇق يۇلتۇز چاقنىدى. ھەممە يۇلتۇزلاردىن ئۆزگىچە بۇ يېڭى يۇلتۇزنىڭ مۇبارەك نامى _ مەلىكە ئاماننىساخان ئىدى.
خان ئوردىسىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى بىلەن يالتىراق زىبۇ-زىننەتلىرى بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىشقىدا يانغان پاك قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلالمىدى. ئۇ ساراي كۇتۇپخانىسىدا ئىلىم -پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ توپلانغانلىقىدەك ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نادىر نەمۇنىللىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتى. ئۆزىنىڭ نازۇك يۈرەك-تۇيغۇلىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇنى ئۆزى ئاھاڭغا سېلىش بىلەن خەلىق ئارىسىغا تارقاتتى. «ئون ئىككى مۇقام:نى رەتلەش ۋە كامالەتكە يەتكۈزۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەشھۇر مۇقامشۇناس ئالىم قىدىرخاننىڭ ھەمكارلىقىدا قاتمۇقات سۈيقەسىتلەرنى يېڭىپ، ئاخىرى «ئون ئىككى مۇقام»نى تۇلۇقلاپ، نوتىغا ئالدۇرۇشتەك بۇ مۇشەققەتلىك ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇندىدى ھەمدە بۇ قىممەتلىك مىراسنى يۇقىلىپ كىتىش خەۋىپىدىن ساقلاپ قالدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئۆزى يازغان شېئىرلارنى «دىۋان نەفىسى» ماۋزۇلۇق بىر توپلام قىلدى. ئۆزىنىڭ ئەخلاقى-تەلىمى ۋە پەلسەپى قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «ئەخلاق جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق)، «شۇرۇھۇل قۇلۇپ»(قەلىبلەر سۆھبىتى) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى. مۇزىكا ۋە خەتتاتلىق سەنئىتىگە دائىر باشقا ئەسەرلىرىمۇ ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تالانتىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.
مەلىكە ئاماننىساخان ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭدىشى يوق مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى بۇلۇش سۈپىتىدە «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغاش) ناملىق يۈرۈشلەشكەن بىر مۇقام ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتتى.ئەپسۇسكى، ئاياللار فىئوداللىق تۈزۈم ئاسارىتىدە تۇرغان بۇ جەمئىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىلىم-ئىجادىيەت سەھنىسىدە ئۇچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن مەلىكە ئاماننىساخان ئىجاد قىلغان بۇ ئاجايىپ نادىر مۇزىكىلار سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ نامىدا ئوردا مۇزىكانتلىرىغا ئۆگىتىلەتتى ۋە تارقىلاتتى. ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي شارائىتتا ياشىغان مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ فىئودانلىق جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى ۋە دىنى تۇسالغۇلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھنىسىدە نامايەن بۇلۇشى مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن بىر مۆجىزە ئىدى