ئامانگۈل ئابدەك
ھاياتلىق تەبىئەتكە موھتاج، تەبىئەت ھاياتلىق ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالەم بوشلۇقى، دېڭىز – ئوكيانلار، تاغ – دەريالار، ئورمانلىقلار ۋە تۈرلۈك شەيئىلەر ئارقىلىق نامايان قىلىپ، مەلۇم بىر بەلگە ئارقىلىق تەبىئەتتىكى بوشلۇقتىن ئورۇن ئالىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيىتىگە تايىنىپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ماكان زامانغا، زامان چۈشىنىشكە، چۈشىنىش ئەسلىي تەبىئەتكە موھتاج بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك فىزىيولوگىيەلىك جەرياننى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئايلىنىش، ساقلىنىش قانۇنىيىتىنى تەكرارلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەبىئەت ھەرخىل شەكىلدە رەڭ ۋە پۇراقلارنى ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە، كۆزگە كۆرۈنىدىغان ۋە قول بىلەن تۇتىدىغان، شۇنداقلا كۆز بىلەن كۆرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان شەيئىلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئىلېمېنتلار ئارقىلىق رېئال دۇنيادىكى شەيئىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىلا دۇنيانىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ماددىي دۇنيانى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللار قۇياش، ئاي قاتارلىق سامان يولى سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ماددىي دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. ئاتوم، نېيترون، فىرىتۇنلار تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تەبىئەتتىن ئايرىپ چىقىپ، چوڭقۇر ئىجتىمائىيلاشقان ئاڭ ئېقىمىنى يارىتىپ، تەبىئەتتىن ئىبارەت كەڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرىدۇ.
تەبىئىي ھادىسە ماددىي دۇنيادا ئەسلىدىن بار بولسىمۇ، سىستېمىلاشقان، تاكامۇللاشقان پەن قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، زامانىۋىلىشىشنىڭ ئاجايىپ زور كۈچىنى نامايان قىلدى. ھاياتلىق، جۈملىدىن ئادەملەر ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئەتتىن قانداق پايدىلىنىشنى ھەل قىلىشتا، تەبىئەتتىن ئىبارەت پەننىي ئۇقۇمغا تايىنىپ، ئۇنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى بولغان تەبىئەت دەرسىگە مۇراجىئەت قىلدى.
تەبىئەت دەرسى ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنمىسە بولمايدىغان پەننىي بىلىمىگە ئايلاندى، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تېيىزلىكتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن تاشقى دۇنياسىغىچە ئورۇن ئالدى. بۇھال ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن يۇقىرى تەلەپ، يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارغا بۇھەقتە قانچىلىك بىلىم بېرەلەيدىغان سىناق مەيدانى ھازىرلىدى. ئوقۇتقۇچى تەبىئەت دەرسىنى ئۆتۈشتىن بۇرۇن، كىتابتىكى بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەشتىن سىرت، تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن مۇكەممەللەشكەن ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىغان ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى لازىم. كىتابىي بىلىملەر بىلەن رېئال دۇنيادىكى بىلىملەرنى تەبىئەت دەرسلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، نەزەرىيەۋى ئۇقۇملارنىڭ يىغىندىسنى بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا تەييارلىق قىلىپ دەرس مۇنبىرىگە چىقىشى لازىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن:
بىرىنچىدىن، تەييارلىق پۇختا بولۇش لازىم. يەنى دەرسخانا تەييارلىقى بىلەن دەرس تېزىسى تەييارلىقى پۇختا بولۇشى كېرەك. دەرسخانا تەييارلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس سائىتىدىكى ۋاقىتقا قارىتىلغان بولۇپ، قانچىلىك ۋاقىتتا ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى سۆزلەش، ئاتالغۇلارغا ئىزاھات بېرىش، ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ سائەتلىك دەرسكە بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلىش قاتارلىقلار.
ئىككىنچىدىن، دەرسخانا سىرتىدىكى تەييارلىق پۇختا بولۇشى لازىم. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان شەيئىلەرنى ۋە دەرسخانىدا كۆرسىتىش مۇمكىن بولمايدىغان شەيئىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىگە كەلتۈرۈش، قىياس قىلدۇرۇش دېگەنلىك.
ئۈچىنچىدىن، تەبىئەت دەرسىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىدىن پايدىلىنىش لازىم. ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان شەيئىلەرنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىشى، شەيئىلەردىكى زىددىيەتلىك تەرەپلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا تەبىئەت دەرسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان قارىشىنى تىكلىشى لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]