يېڭى قىزىق نۇقتا :
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
مۇھەممەد مۇسا خارازىمى 780– يىلى خارازىمنىڭ خىۋە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ شەھەر كېيىنچە شەرقىي قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇ ياش ۋاقتىدا خاقانىيە تىلى (ئۇيغۇر تىلى) دىن باشقا ئەرەپ، يۇنان، پارىس، ھىندى تىللىرىنىمۇ پىششىق ئۆگەنگەن. ھەمدە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېدىتسىنا ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئالاھىدە بېرىلىپ تەتقىق قىلغان. كېيىن مەشھۇر ماتېماتىك بولۇپ يېتىلگەندىن كېيىن ئەينى چاغدىكى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى باغداتقا تەكلىپ قىلىنىپ ئابباسىلار خاندانلىقىنىڭ 5- خەلىپىسى بولغان ھارۇن رەشىدنىڭ ئوغلى خەلىپە مەئىمۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا «ھېكمەت ئۆي» دەپ ئاتالغان كۈتۈپخانىدا كۈتۈپخانا رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ ئاساسلىق ئەسەر ۋە تەتقىقاتىنى مۇشۇ يەردە ۋۇجۇدقا چىقارغان.
ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى يازغان ئەسىرى «تىرىگونومىتېرك قىممەتلەر جەدۋىلى» دۇر.
مۇسا خارازىمى ماتېماتىكىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يېشىش ئۇسۇلىنى گېئومېتىرىيىلىك يېشىش ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرگەن تۇنجى ماتېماتىك. ئالگېبرا ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇنىڭ «ئالگېبرا» دېگەن ئەسىرى دۇنيا ماتېماتىكا تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ يازغان «ئەلجەبىر ۋە مۇقابەلا» (ئەزا يۆتكەش ۋە ئوخشاش ئەزالارنى ئىخچاملاش ) ، «ھېساب ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى شەرق ئېلىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل دەرسلىك بولۇپ قوللىنىپلا قالماستىن، 1140- يىلغا كەلگەندە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن (روبېرت تەرجىمە قىلغان) باشقا ياۋروپا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت ياۋروپالىقلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسلىكى قىلىپ ئىشلىتىلگەن.
ماتېماتىكىنىڭ تارمىقى «ئالگېبرا» مۇ ئەل خارازىمىنىڭ تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
مۇسا خارازىمى ئوتتۇرىغا قويغان تەڭلىمە يېشىشتىكى «ئەزا يۆتكەش» ، «ئەسلىگە قايتۇرۇش» ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ كىتابىدا «ئەلجەبىر» دەپ يېزىلغان بولسا ياۋروپالىقلار ئۇنى (Algebr) دەپ تەرجىمە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پەن ئىسمى «ئالگېبرا» دەپ تارقىلىپ مۇقىملاشقان. دېمەك بۇ پەن ئىسمى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم.
كومپىيۇتېر بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ھېسابلاش پروگراممىسىنى تۈزۈشكە قوللىنىلىدىغان پروگرامما تىلىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىزنىڭ نامى بىلەن «ئالگول تىلى» (Algol تىلى) دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ ئالىمنىڭ لاتىنچىلاشتۇرۇلغان ئىسمى Alqaritmus بولىدۇ، بۇ شۇ ئىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى.
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە دائىر «سىند ھىند» دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۈشىنىكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۈزەپ توغرىلاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ قايتا يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ «يېڭى سىند ھىند» دېگەن ئوقۇشلۇقنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەر ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان 0 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى ( 0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 ) بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى «ئەرەب رەقىمى» دەپ ئاتاشقان.بۇ نام ھېلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا.gggئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
دېمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سېستىمىسىنىڭ ئەسلى ئىجادچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ.
ئەرەب ئالىملىرىدىن سارتۇن 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنى «خارازىم دەۋرى» دەپ ئاتىغان، شۇنداقلا «مۇسا خارازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ ئالىمىدۇر» دەپ تەرىپلىگەن.
بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى 847– يىلى ۋاپات بولغان. ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.
ئىلاۋە : بۇ بۈيۈك ماتېماتىكا ئالىمىمىزنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە خەلقئارادا نۇرغۇن ئىختىلاپ بار، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا قەۋملىرى ئۇنى تالىشىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب تىلىدا يېزىلغىنى ۋە ئەرەب دۇنياسىدا ئىلىم تەھسىل قىلغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئەرەب ماتېماتىكى دەپ يېزىلغان. بۇ ھەقتە ئابلىز مۇسا سايرامى ئەپەندى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارنى كۆرسۈتۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. شۇڭا بىز شۇنداق قارىشىمىز كېرەك : ئۇنىڭ ئۇيغۇر ماتېماتىكا تارىخىدىكى ئورنىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ!