خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئەمىللەشتۈرۈشنى يولغا قۇيۇش لايىھەسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2015-09-02 21:48



مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئەمىللەشتۈرۈشنى يولغا قۇيۇش لايىھەسى
小学教职员工带头落实“去极端化”实施方案
 
   xxxx ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ «xxxxx ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› خىزمىتىنى ئەمىللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىرى»توغرىسدىكى  ([2015]187-نۇمۇرلۇق) ھۆججىتى، xxxx ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ  «xxxx ناھىيەلىك مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› خىزمىتىنى ئەمىللەشتۈرۈشنى يولغا قۇيۇش لايىھەسى»توغرىسىدىكى ([2015]57-نۇمۇرلۇق) ھۆججىتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپ سېستىمىمىزنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىپ ۋە چەكلەش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ناھىيەمىزدە يولغا قۇيۇلىۋاتقان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى سەككىز چوڭ قۇرۇلۇش ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ «ئىككى كۆپەيتىش» ئۇسۇلىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەلەپلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىجىرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ يولغا قۇيۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى.
   بىرىنچى. خىزمەت نىشانى.
   ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇھىم قارار ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى باشلامچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سېستىمىسى قۇرلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى سەككىز چوڭ قۇرلۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيىۋى جەھەتتە «مۇكەممەل بۇلۇش، كارغا كېلىدىغان بۇلۇش، ئۈنۈملۈك بۇلۇش» تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، «ئۈچنى پۇختا تۇرغۇزۇش» ۋە «تۆتنى كۈچەيتىش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك يىتەكچىلىك رولى ۋە باشلامچىلىق رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە  «تۆتنى قاتتىق مەنئى قىلىش، تۆتنى ئەمىللەشتۈرۈش، تۆتتە باشلامچى بۇلۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆزى ئۈلگە بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسى نىشان قىلىنىدۇ.
   ئىككىنچى. كونكىرىت ۋەزىپىلەر.
  1. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر «تۆتنى قاتتىق مەنئى قىلىش»نى ئەمىللەشتۈرۈشتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ باشلامچى بۇلۇشى كېرەك. پارتىيىنىڭ مىللى دىنى سىياسىتى، قانۇن، قائىدە-نىزام بەلگىلىمىلىرىگە كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بۇلۇپ ئاستىرىتتىن خىلاپلىق قىلىش (ئىككى يۈزلىمىلىك) قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ دىنى ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان گەپ-سۆز،ئىش-ھەركەتلەرگە قارىتا رەددىيە بەرمەسلىك، دوكلات قىلماسلىق، توسماسلىق قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ دىنغا نىسبەتەن كۆرۈنۈشتە ئىشەنمەي، يۇشۇرۇن ئىشنىش، قىياپىتى، تەقى-تۇرقى دۇرۇس بولماسلىق قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ قارار ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىجىرا قىلىشتا قەتئى بولماسلىق، ئەمىللەشتۈرمەسلىك، تەلىم تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كۆڭۈل قويماسلىق قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
  1) «ئۈچ قەدەملىك مېڭىش» تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى قەدەم: قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مەركەزلىك تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە، مۇھاكىمە يىغىنى، ئەيىبلەش، پاش قىلىش يىغىنى، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچى قەدەم : سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەركەزلىك تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ماركىسىزملىق «بەش قاراش»، «تۆتنى تونۇش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىگە، قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنىچى قەدەم : «كىچىك قول چوڭ قولنى تارتىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق پارتىيىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-نىزام، بەلگىلىمىلىرى قاتارلىق تەشۋىقات ماتىرياللىرى، ھەمدە «مەكتەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا بىرپارچە خېتى» ۋە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا بىرپارچە خېتى» قاتارلىق ماتىرياللار ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ ئائىلە باشلىقلىرىنى يىتەكلەش، شۇنداقلا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئورتاق ھالدا مەسئۇلىيەتنامە ۋە ۋەدىنامە ئىمزالىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزھەركىتىگە تەسىر كۆرسىتىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆز-ھەركىتى ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە باشلامچى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
  2) «بەشنى تەكشۈرۈش بىرگە قاراش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. بەشنى تەكشۈرۈش: يەنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفۇن، كومپيۇتېر، كۆپ ۋاستىلىق ئىلىكترۇنلۇق ئۈسكۈنىلىرى، نۇردېسكا، كىتاب-ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، «ئۈچ قانۇنسىز»نىڭ مائارىپ سېستىمىسىدا يامراپ كېتىشىنى چەكلەش؛  بىرگە قاراش: ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭ ھەق چوڭ ناھەق مەسلىلەر ئالدىدىكى ئەمىلى ئىپادىسىگە قاراش.
 ھەرقايسى مەكتەپلەر قانۇنسىز تور ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىشى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتىپ، ھەپتىدە بىرقېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزۇشقا قەتئى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «بەشنى تەكشۈرۈش بىرگە قاراش» خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، كۈندە بىر تەكشۈرۈش، ھەپتىدە بىريوللاش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش كېرەك.
   3) قانۇن تۈزۈمنى «تۆتكە ئېلىپ كىرىش بىرگە ئەھمىيەت بىرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك ( تۆتكە ئېلىپ كىرىش: مەكتەپكە ئېلىپ كىرىش، دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىش، دەرسلىككە ئېلىپ كىرىش، كاللىغا ئېلىپ كىرىش؛ بىرگە ئەھمىيەت بىرىش: قانۇن تۈزۈمگە ئەھمىيەت بىرىش) . ھەرقايسى مەكتەپلەر كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەل رايى» خىزمەت ئەترىتى رەھبەرلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرپ، ئوقۇتقۇچىلارغا قانۇن، قانۇن-قائىدە، نىزام، بەلگىلىمىلەردىن سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك؛ قانۇن تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى قانۇن خىزمەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن، قانۇن-قائىدە، نىزام، بەلگىلىمىلەردىن سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىش كېرەك. سۆزلىنىدىغان دەرس مەزمۇنىنى دەرسلىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەپتىدە بىرسائەت دەرس سۆزلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىنى مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ ئېلىپ بېرىش، قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قانۇن تۈزۈمنى كاللىغا ئېلىپ كىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى ئارقىلىق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
   4) مەخسۇس تېملىق لېكسىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمىللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىشخانىسى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەردەرىجىلىك «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەخسۇس تەربىيلەشلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدۇ، ھەرقايسى مەكتەپلەر مۇشۇ ئارقىلىق تەشۋىقات تەربىيەنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىپ،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش» ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەرقايسى مەكتەپلەر يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ ئۇنۋىرستېتى، شىنجاڭ مەشئەل ئادوۋكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە كۇچا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرىنى لېكسىيە ۋە دەرس سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، پارتىيىنىڭ مىللەت دىن سىياسىتى ۋە ئالاقىدار قانۇن نىزاملىرىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىپ ۋە ئىگەللەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن تۈزۈم ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ مائارىپ ئىشخانىسى مەسئۇل بۇلۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيەلىرىنىڭ سىن نۇسقىسىنى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى مەكتەپلەر مۇتەخەسىىسلەرنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاش (كۆرۈش) ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەشتىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
   5) ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئالاقە باغلاش، ئائىلە سۆھبىتىنى كۈچەيتىشنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى قەرەللىك تۈردە نۇقتىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن تۈزۈمگە، تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىشكە يىتەكلەش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر تەۋەلىكتىكى جۈمە مەسچىتلىرىگە مەخسۇس ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ(ھەرقانداق ۋاقىت ھەرقانداق جايدا)  دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قاتتىق چەكلەش كېرەك؛ ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى كەڭ تۈردە ئائىلە زىيارىتىگە تەشكىللەپ، دىنى كەيپىيات قۇيۇق ئائىلىلەردىن كىلىدىغان بالىلار، ئائىلىدە قالغان بالىلار (ئاتا-ئانىسى سىرىتقا چىقىپ كەتكەن بالىلار)، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر بالىلار ۋە خاتىرجەم بولالمايدىغان ئائىلىلەردىن كېلىدىغان بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە مەخسۇس سۆھبەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى ھالىتى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك دەل ۋاقتىدا ئىگەللەپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   2. ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر «تۆتنى ئەمىللەشتۈرۈش»تە باشلامچىلىق بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىشىش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرۈپ، ھەربىر ئىشچى-خىزمەتچى چۇقۇم «كۇچا ناھىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› خىزمىتىنى ئەمىللەشتۈرۈش مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىشىشى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئىپادىسىنى يىللىق تىزىملاپ يوللاش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرۈشى، ھەربىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى «كۇچا ناھىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش جەدىۋىلى» ئەستايىدىل، ھەقىقى تولدۇرۇشى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇرۇق تۇققانلىرىغا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئائىلە يىغىنى ئېچىش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئەمىللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىدىن دوكلات بىرىش تۈزۈمىنى ھەقىقى ئەمىلللەشتۈرۈش كېرەك.
   1) ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىدىن دوكلات بىرىش تۈزۈمىنى ئەمىللەشتۈرۈش كېرەك. ھەربىر ئىشچى-خىزمەتچى چۇقۇم مەكتەپ بىلەن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىشى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ چۈمبەل تارتىۋېلىشى، ياش تۇرۇپ غەيرى ساقال قۇيىۋېلىشى، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىشى، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىدەك «ئەسەبىيىلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىگە خىلاپ بولغان ئىش-ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە قەتئى چەكلىشى كېرەك.
   2) ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئاساسى ئۇچۇرىنى ئىگەللەش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر «كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش جەدىۋىلى»نى ھەقىقى تولدۇرۇپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئاساسى ئۇچۇرلىرىنى توغرا ئىگەللەپ، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتنىڭ 26خىل ئىپادىسى، دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ 76تۈرلۈك ئىپادىلىنىش شەكلى بۇيىچە سېلىشتۇرۇپ، بىرمۇ-بىر رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئاساسى ئەھۋالنى ئېنىقلاش كېرەك.
3) «ئىككى كۆپەيتىش» تەشۋىقات تەربىيەسىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. كادىرلارنىڭ يېنىدىكى ئادەملەرنى ياخشى باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ھەربىر ئىشچى-خىزمەتچى يېنىدىكى ئادەملەر(ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى)نى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ يېنىدىكى ئادەملەرنى ياخشى باشقۇرۇشقا ھەركەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سىياسى مەيدانى مۇستەھكەم بۇلۇش، بايرىقى روشەن بۇلۇش، ھەركىتى قەتئى بۇلۇش، كۆڭلىدە ئويلىغىنى بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتكىنى بىردەك بۇلۇش جەھەتتىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۆزيېنىدىكى ئادەملەرنى قاتتىق باشقۇرۇش، دائىم تەربىيەلەش، كۆپلەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇشقا، ئاممىغا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە يىتەكلەش كېرەك. مائارىپ سېستىمىسىدا ھەممە ئادەم مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاكتىپ  خادىملاردىن بۇلۇشنى قەتئى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
4) قەرەللىك تۈردە «ئائىلە يىغىنى» چاقىرىش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر روزا ھېيىت، قۇربان ھېيىت، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈش ۋاقىتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شۇنداقلا ھەرئايدا  بىرقېتىم «ئائىلە يىغىنى» چاقىرىپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا پارتىيىنىڭ مىللەت دىنى سىياسىتى ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئېنىق سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى دىنى ئەسەبىيلىكنى چەكلەشكە يىتەكلەش كېرەك. يۇلۇققان مەسلىلەرگە قارىتا يول كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئەمەلى ئىپادىسىدىن ھەرئايدا بىرقېتىم مەكتەپ پارتىيە تەشكىلىگە مەلۇم قىلىش، چوڭ ئەھۋاللار بولسا ھەرۋاقىت مەلۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ساقلانغان مەسلىلەرگە قارىتا يازمىچە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ۋەدىنامىسى يېزىپ چىقىش، ئۆزگەرتىش تەس بولغانلىرىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.
5) پېنىسىيەگە چىققان خادىملارنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر پىنسىيەدىكى خادىملارنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تەربىيە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارغا مەكتەپنىڭ، ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا، بازار، ئىش باشقارمىسى، كەنت (ئىجتىمائى رايۇن) پارتىيە تەشكىلىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇش، سىياسى ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلماسلىق توغرىسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. پىنسىيەدىكى خادىملارمۇ ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرى بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەرئايدا ئۆزى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىدىن ئەسلى مەكتىپىگە دوكلات بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر «تۆتتە باشلامچى بۇلۇش»تا باشلامچىلىق بىلەن ئاممىنى يىتەكلەش كېرەك.
 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر باشلامچى  بۇلۇپ «يەتتە تۈرلۈك تەشۋىقات تەربىيە ئۇسۇلى» نى قوللىنىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى «سەككىز چوڭ قۇرلۇش»نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى كېرەك؛ باشلامچى بۇلۇپ سەييارە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، كەڭ ئاتا-ئانىلارغا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش كېرەك؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىشتا باشلامچى بۇلۇپ، «مۇسبەت ئېنىرگىيە»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «مەنپى ئېنىرگىيە»نى چەكلەش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۆز-ئارا دوستىلىشىش، ئۆز-ئارا تىل ئۆگىنىش، مەدەنىيەت ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا ياردەم بىرىشتە باشلامچى بۇلۇش كېرەك.
1) «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئىشخانىسى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر، ياچىكا شۇجىسى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىنسىيەگە چىققانلاردىن بىر سەييارە لىكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، 5-ئايدىن باشلاپ يېزىمىز مائارىپ سېستىمىسىدا سەييارە لېكسىيە تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر، شۇجىلىرى، مەكتەپ بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىشى كېرەك. مائارىپ ئىشخانىسى مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ، سورۇن ھازىرلاپ نەق مەيداندا بىرمۇ بىر ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، لىكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنى بېكىتىپ چىقىپ، رەسمى لېكىسيە تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى چوقۇم پوزىتىسىيىسىنى بىلدۈرۈپ، مەيدانىنى ئىپادىلەش كېرەك. لېكسىيە تەشۋىقات پائالىيىتى ھەپتىدە ئاز دىگەندە بىرمەيدان ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا قول تۇتۇشۇش دوستلۇق ئالاقە  پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا (شەھەر ئىچىدىكى خەنزۇچە ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ)مىللى خەنزۇ مەكتەپلەر ئۆز-ئارا دوستلىشىش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى چاقىرىش، ئەدەبىي سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىش، ئۆز-ئارا يېڭىدىن دوست تۇتۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستنى كۆپەيتىپ، خىزمەتتە، تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە بىرگە بۇلۇشنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
3) «كىچىك قول چوڭ قولنى تارتىش» ئەدەبىي سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئاساسى تېمىسىدىكى «كىچىك قول چوڭ قولنى تارتىش» ئەدەبىي سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆز يېنىدىكى ئادەم ۋە ئىشلارنى ماتىريال قىلغان ئاساستا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان كۈلدۈرگە، ئېتوت، تېز تېمپا ( كۇۋەيبەر)، ناخشا-ئۇسۇل، تىياتىر-دىراما نۇمۇرلىرىنى تەييارلاپ، سىنىپلارنى بىرلىك قىلىپ، ھەرھەپتىدە بىرمەيداندىن نۆۋەتلىشىپ نۇمۇر كۆرسىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلار مەكتىپى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى كومتىتىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە باشلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىنى بىرلىكتە نۇمۇر كۆرسىتىشكە تەشكىللەپ، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسدىكى كۆۋرۈكنى قۇرۇپ چىقىپ، قۇيۇق بولغان ئادەم تەربىيلەش مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائى تەسىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كېرەك.
4) يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيىسى ئارقىلىق «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر «كۇچا ناھىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك يادورۇلۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش توغرىسدىكى يولغا قۇيۇش لايىھەسى»نى ئەستايىدىل ئىزچىلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى نەزىرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، تەربىيلەش، يادرۇلۇق قىممەت قارىشىنى ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت سېستىمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، چۈشەندۈرۈش، چوڭ تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار چوقۇم «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ناخشىسى»نى ئېيتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
5) «مۇنبەر قىممىتى» چوڭ مۇھاكىمىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇنبەرنىڭ بىلىم يەتكۈزۈشتىكى رولى، ئادەم تەربىيەلەشتىكى رولى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، قانداق قىلغاندا مۇنبەرنىڭ قىممىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇنبەرنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك؟ قاتارلىق تېمىلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا مۇنبەر قىممەت قارىشىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا مۇنبەردە ئوقۇغۇچىلارغا نېمىنى سۆزلەش، نېمىنى سۆزلىمەسلىك توغرىسىدا، مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، باشقىلارغا ئۈلگە بۇلۇشتىكى رولىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك. ھەرمەۋسۇمدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم مۇنبەر قىممەت قارىشى بۇيىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئۈچىنچى. مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەر.
1. يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى، رەھبەرلەرنىڭ ئالاقە باغلاش ۋە قەرەللىك چارلاپ تەكشۈرۈش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ، مەكتەپ مۇدىرى، شۇجىلەر ئۆزى تۇتۇپ ئىشلىشى، پائالىيەتتە كۆزلىگەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
2. ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش ئاساسىدا، مەكتەپنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ماس ھالدا، كۆڭلىدە سان بولىشى، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىشى، رەڭگارەڭ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى كۆڭۈل قۇيۇپ پىلانلىشى، ئۆزگىچە، يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدىغان تەربىيە پائالىيەت مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيەسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
3. ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە مەكتەپ رادىئوسىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەت جەريانىدىكى ياخشى بولغان تەپەككۇر يولى، ياخشى بولغان كۆز قاراش ۋە ئۇسۇللار، مەيدانغا كەلگەن ئىلغار ئىش-ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك. مەخسۇس تېمىلىق دوكلات بىرىش، مەكتەپنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيە پائالىيىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ۋە خىزمەتتىكى يارقىن نۇقتىلارنى جەمئىيەتكە سېستىمىلىق ھالدا ئاشكارىلاپ، مائارىپىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدىكى ياخشى بولغان ئوبرازىنى يارىتىش كېرەك.
4. تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، مۇپەتتىش قىلىپ باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. مائارىپ ئىشخانىسى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا قەرەللىك، قەرەلسىز تۈردە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۈنۈمنى تەكشۈرىدۇ. ئدىيە جەھەتتە ئەھمىيەت بەرمىگەن، تەدبىرى كۈچلۈك بولمىغان، پائالىيەتنى رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئېلىپ بارغان مەكتەپلەرگە قارىتا، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئەمەلى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتى يىل ئاخىرىدىكى ئىش ئۈنۈمىنى باھالاشقا چېتىشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
5. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستىكى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان يولغا قۇيۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن مائارىپ ئىشخانىسىغا يوللاش كېرەك. مائارىپ ئىشخانىسى مەكتەپلەرنىڭ لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۇرۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلى ئۈنۈمىگە قارىتا قەرەللىك قەرلسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
ئالدىنقىسى:زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى ....«لاھىيە»
كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#0000FF'>ئوقۇتقۇچىلار نىمە ئۈچۈ</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار