مەكتەپنىڭ«زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى يولغا قويۇش لاھىيسى
مەكتىپىمىز جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى قاغىلىق ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسى پاتكومىنىڭ پۇتۇن ناھىيە بويىچە مائارىپ سىستىمىسىدا «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى (ق م پ «2011»27-نومۇرلۇق)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرىشىنىڭ روھىغا ئاساسەن بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى ياخشى ئىلىپ بىرىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، دادىل قارشى تۇرۇش ئىددىيسىنى مۇستەھكەملەش، قانۇن-تۇزۇم ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش ئىڭىنى ھەقىقى تۇردە يۇقىرى كۆتۇرۇش شۇنداقلا بۇ قىتملىق مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى ياخشى ،چوڭقۇر ۋە سىستمىلىق قانات يايدۇرۇش ئۇچۇن بۇ لاھىيە تۇزۇپ چىقىلدى.
1. مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ يىتەكچى ئىددىيسى،نىشان ۋەزىپىسى،ئاساسى پىرىنسىپى
يىتەكچى ئىددىيسى:ماركىسىزم لىنىنىزم،ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى،دىڭ شىياۋ پىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىنى يىتەكچى قىلىپ،ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش،سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنى قوغداش،خەلقنىڭ مەنپەتىنى قوغداش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،ئىككى تارىخى ۋەزىپىنى تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قەتئى زەربە بىرىپ،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تەلپۈنۈش ھىسىياتى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تونۇش ھىسىياتى،ئۇلۇغ ۋەتىنىدىن پەخىرلىنىش ھىسىياتىنى كۈچەيتىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئى ئاڭلىق قوغداشتىن ئىبارەت.
نىشان ۋەزىپىسى: مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق،مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا خوتەن شەھىرىدە يۈر بەرگەن «7.18» ۋەقەسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە يۈر بەرگەن «7.30»،«7.31»ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى توغرا تونۇتۇپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ رەزىل قارا نىيىتى ۋە جىنايى ماھىيتىنى ئىنىق ئىچىپ تاشلاپ،ئىدىيە ۋە ھەركىتىنى مەركەز،ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە تەلىپى بىلەن يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە ناھىيلىك پارتىكومنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن،شىنجاڭنىڭ ھالىقما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلقنىڭ مەنپەتىنى قوغداش،قانۇننىڭ ھەيۋىسىنى قوغداش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ،مەكتىپىمىزنىڭ ئىددىيۋى-سىياسى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشىلاشتىكى مەسئۇلىيەت ئىڭىنى كۈچەيتىپ،بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدىكى ئىددىيۋى مۇداپىئە ئىڭىنى پۇختىلاپ،مائارىپ بازىسىنىڭ بىخەتەر مۇقملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت.
ئاساسى پىرىنسىپ:مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشتا،نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ساقلاپ،نەزەرنى يىراققا تىكىش،تەربىيە ئارقىلىق يىتەكلەشنى ئاساس قىلىپ ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش،ئىلگىرى قولغا كەلگەن خىزمەت ئاساسى بىلەن ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش،مەكتەپنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتى بىرلەشتۈرۈش،يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش،ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ئاساسىدا،پارتىيىۋىيلىك رەھبىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش،نۆۋەتتە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان خىزمەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بىرىدىغان مىخانىزىملار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش» مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى ئىلىپ بىرىشتا ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تونۇش ئالاھىدىلىكى ۋە بەدەن تەرەققىيات قانۇنىيتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ،نۇقتىلىق،قاتلاملىق،قاراتمىيلىق ھالدا تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشنى كۇچەيتىپ،دەرىسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىيەت پائالىيتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،مەكتەپ تەربىيسى بىلەن ئائىلە،جەمىيەت تەربىيسىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،بىر تۇتاش تەلەپ بىلەن مەكتەپ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،تۇرمۇشقا،ئەمەلىيەتكە،ئوقۇغۇچىلار ھىسىياتىغا يىقىنلاشتۇرۇش،تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلىققا،تەرتىپ بويىچە تەدرىجى ئىلگىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەي،ئىنچىكىلەشتۈرۈش،توختىماستىن مۈكەممەللەشتۈرۈش،ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش.
2.مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ مەزمۇنى،شەكلى،ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى
(1)مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى
①ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنى تەشۋىق قىلىش چوڭقۇر ئىلىپ بىرىلىدۇ.مۇقىملىق بولسا بەخىتنىڭ بۆشۈكى،قالايمىقانچىلىق بولسا ئاپەت يىلتىزى.ئىجتىمائى مۇقىملىق بولسا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.جەمىيەت مۇقىم بولمىسا،ھىچ قانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ،قولغا كەلگەن نەتىجىلەرمۇ قولدىن كىتىدۇ،گۈزەل تۇرمۇشتىن تىخىمۇ ئىغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.تارىخ يەنە بىر قىتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى،پەقەت ئىناقلىق،مۇقىملىق بولغاندىلا،جەمىيەت ئاندىن تەرەققىياتقا ئىرىشەلەيدۇ.سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم بولسا ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداپ،خەلقنى بەخىتكە ئىرىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى،قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر.پۇختا ئۈنۈملۈك تەربىيە ئارقىلىق،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى خوتەن،قەشقەر شەھىرىدە يۈربەرگەن زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيتى بولسا ۋەتەننى پارچىلاش،رەزىل قارا نىيىتى بولسا شىنجاڭنىڭ مۇقىم،ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيتىنى بۇزۇش،شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،شىنجاڭدىكى ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئىنىق تونۇۋىلىشقا يىتەكلەپ،ئۇلارغا ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قانۇن بويىچە قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ،قانۇننى بىلىدىغان قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن بولۇپ،سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنىڭ بىرلىكلىكى،ھەيۋىسى ۋو نوپۇزىنى ھەقىقى قوغداشقا يىتەكلەش چىڭ تۇتۇلىدۇ.
②ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش تەشۋىقى-تەربىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرلىدۇ.دۆلىتىمىز بولسا كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلەت.يىڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلىشى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ مۇستەھكەملىنىشى،مەمىلىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى دۆلەت ۋە جەمىيەتنىڭ خۇجايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ،ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەتىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى.بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتى ئارقىلىق،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولسا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالى مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇۋىلىشىقا يىتەكلەپ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى 56 مىللەت ئورتاق قۇرۇپ چىققان،ھەر بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان.بىرلىك ئىتتىپاقلىق بەخىت،قالايمىقانچىلىق بۆلگۈنچىلىك ئاپەت.ھەر بىر پۇخرانىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ۋەتەندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەجبۇرىيتى بار دىگەن ئىدىينى تۇرغۇزۇپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسىياتىنى تۇرغۇزۇپ،ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىلھاملاندۇرۇپ،مىللى بۆلگۈنچىلىككە قەتئى قارشى تۇرۇپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ،گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىشقا ئۆز كۇچىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوشىدىغان ئىدىيە ۋە ھەرىكەت تونىشى يىتىلدۇرلىدۇ.
③پارتىيىنىڭ مىللەت نەزەرىيسى،سىياسەت تەشۋىقات تەربىيسىى چوڭقۇر قانات يايدۇرلىدۇ.ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تارىخنىڭ شەكىللىنىشى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئەمەلى دۆلەت ئەھۋالىنى ئىنىق تونۇپ،پارتىيەمىزنىڭ مىللى سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشى،ئورتاق تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،«باراۋەر،دوستانە،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىدىغان،ئىناق»بولسان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ،«خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ،ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ،ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ»دىگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەملەپ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش،ئۆز-ئارا ئۆگىنىش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،باشتىن-ئاخىرى ھەمنەپەس،تەقدىرداش،قەلىپداشلاردىن بولۇش،قانۇننىڭ ئابرويىنى قەتئى قوغداپ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەتىنى قوغداپ،مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،ۋەتەننىڭ بىرلىكى،دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىقنى تەۋرەنمەي قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۇرلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇش چىڭ تۇتۇلىدۇ.
④ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق دوسلۇق تەربىيسىى چوڭقۇر قانات يايدۇرلىدۇ.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسى،سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئارلغا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات تارىخىنى تەشۋىق قىلىش ،مىللەتلەر ساۋاتلىرى تەشۋىق-تەربىيسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭقۇر تارىخى مەنبە ۋە كەڭ رىئال ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاياتى،كۈچ مەنبەسى،ئۈمىدى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى،ھەر مىللەت ئاممسىىنىڭ پەقەت بىر نىيەت بىر مەقسەتتە،قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگرلىگەندە ئاندىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چوڭقۇر جەلپ قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇۋىلىشىغا يىتەكلەش كۇچەيتىلىدۇ.ھەر مىللەت ئاممىسى پەقەت ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ،ئۆز-ئارا قوللىغاندىلا ئاندىن ئورتاق بيىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ،ھەر مىللەت خەلقى پەقەت بىردەك چىقىشىپ،بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولغاندىلا ئاندىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمى ئەۋزەللىكى ۋە ئىجادچانلىق ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق بىيىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
⑤ماركىسىزملىق دىن قارىشى ۋە پارتىيىنىڭ دىننى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش كۇچەيتىلىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ دىندىن پايدىلىنىپ بىزدىن ئەۋلات تالىشىش،بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىشىدەك كەسكىن رىئاللىققا قارىتا دادىللىق بىلەن مائارىپ ۋە دىننى ئايرىش پىرىنسىپىدا قەتئى تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ،مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ھەقىقى تۇردە ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە قەتئى رىئايە قىلىشىنى لازىملىقىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ،دىنغا ئىشەنمەسلىك،ھەرقانداق جايدا،ھەرقانداق شەكىلدىكى دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق،ئۆز ھەرىكىتنى ھەرۋاقىت قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرنىڭ 26 تۇرلۇك ئىپادىسىنىڭ روھى بويىچە سىلىشتۇرۇپ تۇرۇش توغرىسىدىكى تەربىيە ۋە تەشۋىقات كۇچەيتىلىپ، مەكتىپىمىز تەۋەسىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز دىننى پائالىيەت بىلەن ئەھۋاللىرىنىڭ يۇز بەرمەسلىكىگە ھەقىقى تۇردە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.ماركىسىزملىق ئاتىزىم تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،ئىلمى روھنىڭ يىتىلىشىنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى جەريانىغا پائال سىڭدۈرۈپ،پەن ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىگە سىڭدۈرۈپ،ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەيدىغان،خۇراپاتلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ياخشى مەكتەپ مەدەنىيەت مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش،دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئى توسىدىغان مۇستەھكەم ئىدىديۋى مۇداپىئە لىنىيسىنى پۇختىلاپ،«ئالتىنى چەكلەش»(دىننى پائالىيەتنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش،دىننى قىلمىشنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش،دىننى ئىتىقاد نەزەرىيسىنىڭ مەكتەپ كىرىشىنى چەكلەش،دىننى كىيىم-كىچەكلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى چەكلەش،دىننى ئىدىيىنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى چەكلەش،دىننى ئىتىقادنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى چەكلەش) ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
⑥بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات-تەربىيسى چوڭقۇر ئىلىپ بىرىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخى»،«تۆتنى يۈكسەك تونۇش»ۋە ماركىسىزملىق «بەش قاراش»تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم چوڭ ھەق چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە توغرا ئىتىقادنى تۇرغۇزۇپ،ئىددىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر» تارقاتقان تۈرلۈك خاتا،ئەكسىيەتچىل قاراشلارنى چىقىرىپ تاشلاپ،تىخىمۇ يۈكسەك،تىخىمۇ قاتتىق بولغان سىياسى ئۆلچەم بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى،سىياسى پىرىنسىپ،سىياسى مەيدان،سىياسى يۆنىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە چىتىلىدىغان ئەھۋاللاردا پارتىيە مەركىزى كومتىتى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاش،مەيدانى مۇستەھكەم،بايرىقى رۇشەن ھالدا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق پائالىيتى ئىلىپ بىرىشىنى توسۇش ئىددىيسى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۇرلىدۇ.
⑦پۇقرالىق ئىڭى تەشۋىق-تەربىيسى كۈچەيتىلىدۇ.پۇقرالىق ئىڭى بولسا پۇقرالارنىڭ ئاساسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىگە ئاساسەن،ئۆزىىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسى تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىكى ئاساسى گەۋدىلىك ئورنى،خوجايىنلىق سالاھىيتىگە بولغان تونۇشى بولۇپ،مۇناسىپ بولغان مەسئۇلىيەت،ھوقۇق،مەنپەئەتىنىڭ بىلىشى ۋە قىممەت يۆنىلىشىدۇر.سوتسىيالىستىك دىموكراتىك قانۇن-تۈزۈم،ئەركىنلىك،باراۋەرلىك،ئادىل ھەققانىيلىق ئۇقۇمى بولسا دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىق ئۇقۇمىنىڭ يادرولۇق نەزەرىيسى.ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار ئارىسىدا ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئىڭى تەربىيسى،دۆلەت ۋە مىللەت ئۇقۇمى تەربيسى،باراۋەرلىك ۋە ئادىللىق ئۇقۇمى تەربىيسى،ئەركىنلىك ۋە قانۇن-تۈزۈم ئۇقۇمى تەربىيسى،ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ئۇقۇمى تەربىيسىنى يادرو قىلغان پۇقرالىق ئىڭى تەربىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،ماركىسىزملىق «بەش قاراش»تەربىيسى،«تۆتنى يۈكسەك تونۇش»تەربىيسى سىستىمىلىق ۋە ئەتراپلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ.
⑧ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش تەربىيسى چوڭقۇرلاشتۇرلىدۇ.زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يىتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ،مەكتەپ ئىددىيۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق كۆرەش قىلىش،ئورتاق تەرەققى قىلىپ گۈللىنىش ئىددىيۋى ئاساسىنى پۇختىلىنىدۇ.«شىنجاڭ روھى»بولسا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللى روھ ۋە ئىسلاھات يىڭىلىق يارىتىشىنى يادرو قىلغان زامانىۋى روھنىڭ شىنجاڭدىكى كونكىرت،جانلىق ئىپادىلىنىشى،شۇنداقلا زامانىۋى مەدەنىيەت يىتەكچىلىك قىلغان كوللىكتىپ ئىپادىلىنىشى،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائي ئىشلىرىنىڭ ھەم تىز ھەم ياخشى تەرەققى قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان مەنىۋى بايراق،شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كاپالەت.كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى «شىنجاڭ روھى»نىڭ ھەقىقى ماھىيتى،ئىچكى مەنىسى ۋە تەلىپىنى ئۆگىنىشكە يىتەكلەپ،«شىنجاڭ روھى»نى مەكتەپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان،ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى يۆلەنچۈك ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ،«شىنجاڭ روھى»نىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەش ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
(2)مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ قاتنىشىش ئوبىكىتلىرى دائىرىسى:
مەكتىپىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار(پىنسىيچى ئوقۇتقۇچىلار، يەسلى ئوقۇتقۇچى- قارىغۇچىلار،ئامانلىق ساقلىغۇچىلار)لارنىڭ ھەممىسى بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.ھەر قايسى سىنىپ مەسئۇللىرى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ %100 قاتنىشىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
(3)مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى:
مەكتىپىمىز يۇقىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىدۇ.پارتىيۋىيلىك كادىرلار،ئوقۇتقۇچىلار 3 كۈنلۈك مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىپ،بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشىچى-خىزمەتچىلەر ۋە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ روھى،مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگەللەپ،زۆرۈر بولغان بىلىم ۋە ماتىرىياللارنى ئىگەللىشى ئارقىسىدا،تەربىيلەش تەلىپىنى ئىنىقلاشتۇرۇپ،بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئۇسۇل قەدەم-باسقۇچىلىرىنى پىششىق ئىگەللىشى ئىشقا ئاشۇرلىدۇ.
(4)مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىدە ئۆگىنىدىغان ماتىرىياللار:
①«زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە ئۆگىنىش ماتىرىياللىرى توپلىمى»
②خاسىيەتلىك ياڭيۇ،قۇربان تۇلۇمنىڭ بىيجىڭغا سەپىرى ( تىلىۋىزىيە فىلىم)
③دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى تەشۋىق-تەربىيە تىزىسى
④ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىسىپ تارقاتقان ئالاقىدار ئوقۇشلۇق:(شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»تەربىيسى قىسقىچە ئوقۇشلۇق)،«شىنجاڭ تەرەققىياتىدىكى 6 مەسىلە»،(ماركىسىزملىق «بەش قاراش»تەربىيسىدىكى 50 مەسىلە)،«مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى سۇئال-جاۋاپلار»،(«تۆتنى يۈكسەك تونۇش»تەربىيسى ئوقۇشلۇقى)،«شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدىكى 6 مەسىلە)قاتارلىقلار.
⑤ مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش، مەكتەپ تارىخى ۋە پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، ئىنقىلابچىلار،مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇش.
⑥مەكتەپ ئىچىگە ئىسىلغان تۇرلۇك تەشۋىقات دوسكىلىەرىدكى مەزمۇنلار ۋە نەمۇنىچى شەخىسلەر، ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىشلىرى بىلەن تونۇشۇش
(5)مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ شەكلى
①پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن رەھبەرلىك گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ،خىزمەت مەسئۇلىيتى ئايدىڭلاشتۇرلىدۇ.مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئەتراپلىق قانات يايدۇرلىشىغا بولغان تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۇچەيتىشنى ھەقىقى تۇردە ئىشقا ئاشۇرلۇپ،مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىدە ھەقىقى ئۇنۇمنى قولغا كەلتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيسىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئازات قىلىش ۋە سىياسى مەيدانىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ، مەكتەپ پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى مەسئۇل بولغان مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، خىزمەت تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرلۇپ، تەشكىلى جەھەتتىكى يىتەكچلىك ئاساسى بەرپا قىلىنىدۇ.
②مەكتەپ خاراكتىرلىك سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى چاقىرىلىدۇ.مەكتىپىمىزدە مەركەزلىك ئۆگىنىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى،پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاتناشتۇرۇپ سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنى چاقىرىلىدۇ.بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ زور ئەھمىيىتى،نىشان ۋەزىپىسى،ئۇسۇل قەدەم-باسقۇچلىرىنى ئىنىق سۆزلەپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ئاكىتىپچانلىقى،تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرۇپ،خىزمەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچەيتىلىدۇ.
③مەخسۇس تىمىلىق لىكسىيە،يىتەكچىلىك كۇچەيتىلىدۇ.بىرىنچىدىن مەكتەپنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى لىكسىيە سۆزلەيدۇ.ئىككىنچىدىن مەكتەپتىكى پارتىيۋىيلىك مەمۇرى خادىملار،سىياسى نەزەرىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى،يىتەكچىلەر،پىنسىيچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەجىربىلىك كەسپى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن غوللۇقلارنى ئايرىپ چىقىپ،مەكتەپ ئىچى تەشۋىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ،ئالاقىدار مەخسۇس تىمىلار بويىچە ئەستايىدىل دەرىس تەييارلاپ،پۈتۈن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارغا تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ،سىنىپ مۇدىرلىرى ۋە تەربىيچىلەرنىڭ يىتەكچىلىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
④ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش پائالىيتىنىڭ شەكلى.
بىرىنچىدىن: مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى كوللىكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئىككىنچىدىن: مەركەزلىك ئۆگىنىش ئاساسىدا،سۆھبەت يىغىنى چاقىرلىدۇ.سۆھبەت يىغىنىدا ئاساسلىق قىلىپ ئۆگىنىش مەزمۇنىنى مەركەز قىلىپ بىر نەچچە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش،ئورتاق تەھلىل قىلىش،ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئىددىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشان قىلىنىدۇ.ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە مەكتەپ مۇقىملىقىنى قوغداپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىپ بىرىلىدىغان سىياسى-ئىددىيۋى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيتى،ۋەزىپىسى ۋە بۇرچىنى ئىنىق تونۇپ يىتىش،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچى خوتەن،قەشقەردە يۈربەرگەن ئىغىر زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەسىنى چۆرىدەپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئىيتىش،سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ تونۇشى،ئويلىغىنى ۋە گاڭگىراپ قالغان جايلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش،مەيدانى ۋە پوزىتسىيسىنى ئىپادىلەپ،ئىددىيە،خىزمەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى تىپىپ چىقىش چىڭ تۇتۇلىدۇ.ئۆگىنىش مۇزاكىرە قىلىشتا چوڭقۇر،پۇختا،ئۈنۈملۈك بولۇش،ئىدىيىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى قىزىش،ئىددىيەدىكى ۋە ئەمەلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىمۇ يوق دىگەنلەرنى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.
ئۈچنىچىدىن: ھەر بىر ئوقۇتقۇچى مەركەزلىك ئۆگىنىش پائالىيتىگە قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۆزىنىڭ ئىددىيسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ،2000 خەتتىن ئارتۇق تەسىرات يىزىش ھەم مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بىرىپ،ئۆگىنىش مىۋىسىنى مۇستەھكەملەش چىڭ تۇتۇلىدۇ.
تۆتىنچىدىن: مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋەمەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆگىنىش تەربىيلەش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،ئۆگىنىش پائالىيتىنىڭ ئەمەلى ئۈنۈمگە ئىرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
⑤ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيلەش شەكلى.
بىرىنچى: تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تىمىلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىنولارنى كۆرۈشكە تەشكىللەش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھىكايىلىرىنى ئىيتىش،ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئۆگىنىش،مەكتەپ تەلىم-تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش، مەكتەپ ئىچىگە ئىسىلغان ۋەتەنپەرلىككە ئائىت بولغان تۇرلۇك تەشۋىقات دوسكىلرىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇشقا يىتەكلەش،ئاساسلىق سىياسى – نەزىرىيۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يىتەكلەش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
ئىككىنچى:يۇقىرى يىللىق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ئاساسىدا،ئۆگىنىش مۇھاكىمە يىغىنىغا تەشكىللەپ،ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئاساسى تىمىنى چۆرىدەپ تونۇشى،قارىشى،ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ مۇزاكىرىسىنى سىنىپ مۇدىرلىرى سىنىپنى بىرلىك قىلىپ ئىلىپ بارىدۇ،مەكتەپ رەھبەرلىرى،ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى،تەشۋىق-تەربىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرىمۇ سىنىپلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ،يۈز تۇرانە تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش مۇزاكىرىگە تەشكىللىگەش بىلەن بىرگە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆھبەتلىشىپ مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا تۈزىتىش ۋە يىتەكلەش خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان،گاڭگىراپ قالغان،تونۇشى تۇتۇق بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاپ بىرىپ،يۈزتۇرانە تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.ئۆگىنىش مۇزاكىرە قىلىشتا «كۇكۇلىسىغا ئىسىلىۋالماسلىق،كالتەكتە ئۇرماسلىق»پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر مەسىلىگە ھەقىقى ئويلىغىنى ۋە تونۇشىغا ئاساسەن جاۋاپ بىرىشىگە يول قويۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش دەرىجىسىگە بولغان تونۇشىنى چۈشىنىش ئاساسىدا،قاراتمىيلىق ھالدا يىتەكلەش ۋە چۈشەندۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنى بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقەتنى ھەقىقى ھىس قىلدۇرۇش كۇچەيتىلىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيۋى تونۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش،تونۇشىدىكى خاتا ئىدىيەلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ،زورلاش،نوقۇل يەتكۈزۈش،تەلەپ قىلىش،بۇيرۇق قىلىش شەكلىدىكى تەربىيە ئۇسۇلىدىن قاتتىق ساقلىنىش،باراۋەر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق،ئىددىيە ئالماشتۇرۇش،مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىگە ھەقىقى يىتىش نىشان قىلىنىدۇ.
ئۇچىنچى: ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن بۇ قىتىملىق تەربىيە پائالىيتىدە ئۆگىنىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلارنى ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىن بۇرۇن كوللىكتىپ ئۆگىنىپ ساپانى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئۆگىنىپ،ئورتاق ئالغا بىسىسش شەكلى قوللىنىلىدۇ.
⑥مەركەزلىك تەربىيلەش ۋاستىلىرى بىيىتىلىدۇ.مەركەزلىك ئۆگىنىش تەربىيسىنىڭ تۈپكى كۈچەش نۇقتىسى بولسا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردا ساقلانغان گۇمانلار ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر.
بىرىنچىدىن: ئۆگىنىش ئۇسۇلى جەھەتتە،ئادى بولغان ھۆججەت ئوقۇش،گىزىت ئوقۇپ بىرىشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇللارنى ئۆزگەرتىش،ئالاقىدار ماتىرىياللارنى مەركەزلىك ئۆگىنىش ئاساسىدا،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك كىنولارنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ،سۆھبەت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ،تەسىرات ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىش ئاساس قىلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن: مەكتەپنىڭ ھەر قايسى فونكىسىيلىىك تارماقلىرىنى پائال ھەرىكەتلەندۇرۇپ،تۈرلۈك تەشۋىقات يوللىرى ۋە ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،قويۇق بولغان مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتى كەيپىياتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ، لورزۇنكا ئىسىش،تەشۋىقات شۇئارى چاپلاش، تەشۋىقات سەھنىسى،مەكتەپ رادىئوسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مەكتەپنىڭ مەخسۇس تىمىلىق تەربىيلەش پائالىيتىنىڭ خىزمەت ھالىتى ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ،كەيپىيات قويۇقلاشتۇرلىدۇ.
5.مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىدە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
(1)يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك. مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتى بولسا بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسى ۋەزىپە.مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرىشى،كۈچلۈك بولغان سىياسى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ،مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەكتەپ مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا يىقىندىن ماسلىشىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆگىنىش،مۇزاكىرە، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ،تۇرلۇك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرنى ھەقىقى تۇردە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئۇنۇمنى قولغا كەلتۇرشنى نىشان قىلىشى، بىر پۇتۇن پائالىيەت پىلانىغا ئاساسەن پائالىيەت ۋە ئۆگىنىش ئىلىپ بىرىشقا قەتئى كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ سىستىمىلىق ۋە ئۇنۇملۇك بولىشىغا ھەقىقى تۇردە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
(2) مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتى پۈتۈن مەكتەپنى قاپلايدىغان،ئوقۇتۇش ۋە مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى تەڭ ياخشى ئىلىپ بىرىش مۇھىم تەلەپ بولۇپ، بىر پۇتۇن پائالىيەت جەريانىدا چوقۇم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.مەكتىپىمىزدىكى پارتىيلىك ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ۋە پائالىيەتكە ئالدىن ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىدىيسىدىكى ساقلىنىپ قالغان ئايرىم مەسىلىلەرنى ئالدىن بىرتەرەپ قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە بىرپۇتۇنلۇكنى ئقىشقا ئاشۇرىشى، سىياسى نەزەرىيە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرشى لازىم.سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز ئىدىيسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئازاد قىلىش بىلەن بىرگە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىدە، ئىڭىدا ساقلىنىپ قالغان ئدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى بايقاشقا ماھىر بولىشى، خاتا كۆز قاراش ۋە ئىدىيلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.
(3)توغرا نىشاننى ئىگەللەپ،ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم. مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ سىياسىيلىقى،سىياسەتچانلىقى،نەزەرىيۋىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك،ئىتتىپاق،مۇقىم بولۇپ ئىلھاملاندۇرۇش،يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلىپ تەربىيلەشنى ئاساس قىلىش لازىم.ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ،مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسى تىمىسىنى ئىنىق ھەم جانلىق پائالىيەتچانلىققا ئىگە قىلىش لازىم. ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارغا ياقىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇپ،مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى پۇتۇن ئوقوغۇچىلار ئىچىدە ھەقىقى ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
(4)تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ،خىزمەت مەسئۇلىيتىنى سۇرۇشتە قىلىش كۇچەيتىلىدۇ. مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا ، مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىتەكلەش ۋە تەكشۇرۇشنى كۇچەيتىپ، مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئۇنۇمىگە كاپالەتلىك قىلىش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ، مەخسۇس تىمىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا ئەزالىرى مەتكەپ پارتىيە ياچىيكىسىغا دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش لازىم. بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە سەل قارىغان سىنىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىل ئاخىرىدىكى باھالىنىشى بىلەن بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە تۇتقان پوزىتسىيسى بىرلەشتۇرلىدۇ.
مەكتەپنىڭ «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ،قانۇن-تۇزۇمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى كونكىرتنى يولغا قويۇش كالىندارى
ۋاقتى |
ئۆگىنىش ۋە پائالىيەت مەزمۇنى |
قاتناشقۇچىلار |
مەسئۇلچى |
ئېزاھات |
||||||
ئاي |
كۇن |
1-يىللىق |
2-يىللىق |
3-يىللىق |
4-يىللىق |
5-يىللىق |
6-يىللىق |
|||
9 |
19-كۇنى |
مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە سەپەرۋەر قىلىش چوڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ |
بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار |
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى |
|
|||||
9 |
20-كۇنى |
تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۇش |
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھىكايىسى ئىيتىش |
مەكتەپ ئچىدىكى تەشۋىقات دوسكىلىرى بىلەن تونۇشۇش |
دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى تەشۋىق-تەربىيە تىزىسى |
دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى تەشۋىق-تەربىيە تىزىسى |
دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى تەشۋىق-تەربىيە تىزىسى |
سىنىپ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار |
سىنىپ مۇدىرى |
|
9 |
21-كۇنى |
مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش |
تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۇش |
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھىكايىسى ئىيتىش |
مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە ئۆگىنىش ماتىرياللىرى توپلىمىدىن ئۆگىنىش |
مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە ئۆگىنىش ماتىرياللىرى توپلىمىدىن ئۆگىنىش |
مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە ئۆگىنىش ماتىرياللىرى توپلىمىدىن ئۆگىنىش |
سىنىپ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار |
سىنىپ مۇدىرى |
|
9 |
22-كۇنى |
مەكتەپ ئچىدىكى تەشۋىقات دوسكىلىرى بىلەن تونۇشۇش |
مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش |
تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۇش |
مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش |
تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۇش |
شىنجاڭنى ئۇچ تارىخى،ماركىسىزملىق بەش قاراشتىن سۇئال -جاۋاپلار |
سىنىپ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار |
سىنىپ مۇدىرى |
|
9 |
23-كۇنى |
« ۋەتەن ماڭا نىمىلەرنى بەردى،مەن قانداق جاۋاپ قايتۇرىمەن»دىگەن تىمىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى |
بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار |
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى |
|
|||||
9 |
24-كۇنى |
قىزىل ناخشا ئۆگىنىش |
مەكتەپ ئچىدىكى تەشۋىقات دوسكىلىرى بىلەن تونۇشۇش |
ئاساسى سىياسى نەزىرىيۋى بىلىملەردىن ئۆگىنىش |
تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۇش |
شىنجاڭنى ئۇچ تارىخى،ماركىسىزملىق بەش قاراشتىن سۇئال -جاۋاپلار |
مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش |
سىنىپ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار |
سىنىپ مۇدىرى |
|
9 |
25-كۇنى |
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھىكايىسى ئىيتىش |
قىزىل ناخشا ئۆگىنىش |
مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش |
شىنجاڭنى ئۇچ تارىخى،ماركىسىزملىق بەش قاراشتىن سۇئال -جاۋاپلار |
مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بازىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىش |
تىلىۋىزىيە فىلىمى كۆرۇش |
سىنىپ مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلار |
سىنىپ مۇدىرى |
|
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]