ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > پىلان-لاھىيە > مەخسۇس تىمىلىق پائالىيەت پىلان > تولۇق مەزمۇنى

«زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تە

ۋاقىت : 2011-09-19 17:13 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

مەكتەپنىڭ«زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىگە سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

 

يولداشلار،ساۋاقداشلار:

مەكتىپىمىز جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى قاغىلىق ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسى پاتكومىنىڭ پۇتۇن ناھىيە بويىچە مائارىپ سىستىمىسىدا «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى  (ق م پ «2011»27-نومۇرلۇق)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن،مەكتىپىمىزدە «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى يولغا قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز.

بۇ قىتىملىق «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنى يولغا قويۇش ۋە قانات يايدۇرۇش مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىڭ روھىنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۇچ بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ،پارتىيە 17 قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم 7-نۆۋەتلىك 9-،10- قىتىملىق (كىڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۇزلۇك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەردە زور يۇكسىلىش بەرپا قىلىۋاتقان تارىخى پۇرسەتتە، ئىدىينى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،مۇجمەللىكنى تۇگىتىپ، كۇچنى بىرلەشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ يىتىپ ۋە مۆلچەرلەپ، « ئۇچ خىل » كۇچنىڭ ئەكسىيەتچىل،زوراۋان خاراكتىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يىتىپ، مائارىپ بازىسىنىڭ مىللى بۆلگۇنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قارشى مۇستەھكەم بازىلىق ئورنىنى تىغىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىرگە، مەكتىپىمىزنىڭ مۇقىملىق،بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى تىغىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشىلاپ، ئىناق،مۇقىم مەكتەپ بەرپا قىلىشتا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ھەربىر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئۇچۇنمۇ ئىدىيسىدىكى مۇجمەللىكنى تئۇگىتىپ، چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بار كۇچى ۋە زىھنى بىلەن خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە ئاتلىنىپ،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۇرۇشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنىڭ يىتەكچى ئىددىيسى:ماركىسىزم لىنىنىزم،ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى،دىڭ شىياۋ پىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىنى يىتەكچى قىلىپ،ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش،ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش،سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈمنى قوغداش،خەلقنىڭ مەنپەتىنى قوغداش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،ئىككى تارىخى ۋەزىپىنى تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قەتئى زەربە بىرىپ،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تەلپۈنۈش ھىسىياتى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تونۇش ھىسىياتى،ئۇلۇغ ۋەتىنىدىن پەخىرلىنىش ھىسىياتىنى كۈچەيتىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئى ئاڭلىق قوغداشتىن ئىبارەت.

بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنىڭ نىشان ۋەزىپىسى: مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق،مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا خوتەن شەھىرىدە يۈر بەرگەن «7.18» ۋەقەسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە يۈر بەرگەن «7.30»،«7.31»ۋەقەسىنىڭ ماھىيتىنى توغرا تونۇتۇپ،«ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ رەزىل قارا نىيىتى ۋە جىنايى ماھىيتىنى ئىنىق ئىچىپ تاشلاپ،ئىدىيە ۋە ھەركىتىنى مەركەز،ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە تەلىپى بىلەن يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە ناھىيلىك پارتىكومنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن،شىنجاڭنىڭ ھالىقما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىگە بولغان ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلقنىڭ مەنپەتىنى قوغداش،قانۇننىڭ ھەيۋىسىنى قوغداش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ،مەكتىپىمىزنىڭ ئىددىيۋى-سىياسى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشىلاشتىكى مەسئۇلىيەت ئىڭىنى كۈچەيتىپ،بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدىكى ئىددىيۋى مۇداپىئە ئىڭىنى پۇختىلاپ،مائارىپ بازىسىنىڭ بىخەتەر مۇقملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت.

بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى:مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشتا،نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ساقلاپ،نەزەرنى يىراققا تىكىش،تەربىيە ئارقىلىق يىتەكلەشنى  ئاساس قىلىپ ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش،ئىلگىرى قولغا كەلگەن خىزمەت ئاساسى بىلەن ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش،مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش،مەكتەپنىڭ مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتى بىرلەشتۈرۈش،يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش،ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش ئاساسىدا،پارتىيىۋىيلىك رەھبىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش،نۆۋەتتە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان خىزمەتلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بىرىدىغان مىخانىزىملار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش» مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى ئىلىپ بىرىشتا ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تونۇش ئالاھىدىلىكى ۋە بەدەن تەرەققىيات قانۇنىيتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ،نۇقتىلىق،قاتلاملىق،قاراتمىيلىق ھالدا تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشنى كۇچەيتىپ،دەرىسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىيەت پائالىيتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،مەكتەپ تەربىيسى بىلەن ئائىلە،جەمىيەت تەربىيسىنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،بىر تۇتاش تەلەپ بىلەن مەكتەپ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،تۇرمۇشقا،ئەمەلىيەتكە،ئوقۇغۇچىلار ھىسىياتىغا يىقىنلاشتۇرۇش،تىيىزلىقتىن چوڭقۇرلىققا،تەرتىپ بويىچە تەدرىجى ئىلگىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەي،ئىنچىكىلەشتۈرۈش،توختىماستىن مۈكەممەللەشتۈرۈش،ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش.

مەن تۆۋەندە بۇ قىتىملىق  «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ قانۇن-تۈزۈمنى سۆزلەش،تەرتىپكە ئەھمىيەت بىرىش»مەخسۇس تىمىدىكى تەربىيە پائالىيتى جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە نۇقتا ھەققىدە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

(1)يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ،تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىرەك. مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتى بولسا بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسى ۋەزىپە.مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرىشى،كۈچلۈك بولغان سىياسى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ،مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى ۋە مەكتەپ مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا يىقىندىن ماسلىشىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆگىنىش،مۇزاكىرە، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ،تۇرلۇك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرنى ھەقىقى تۇردە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئۇنۇمنى قولغا كەلتۇرشنى نىشان قىلىشى، بىر پۇتۇن پائالىيەت پىلانىغا ئاساسەن پائالىيەت ۋە ئۆگىنىش ئىلىپ بىرىشقا قەتئى كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ سىستىمىلىق ۋە ئۇنۇملۇك بولىشىغا ھەقىقى تۇردە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

(2) مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتى پۈتۈن مەكتەپنى قاپلايدىغان،ئوقۇتۇش ۋە مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى تەڭ ياخشى ئىلىپ بىرىش مۇھىم تەلەپ بولۇپ، بىر پۇتۇن پائالىيەت جەريانىدا چوقۇم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم.مەكتىپىمىزدىكى پارتىيلىك ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ۋە پائالىيەتكە ئالدىن ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىدىيسىدىكى ساقلىنىپ قالغان ئايرىم مەسىلىلەرنى ئالدىن بىرتەرەپ قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە بىرپۇتۇنلۇكنى ئقىشقا ئاشۇرىشى، سىياسى نەزەرىيە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرشى لازىم.سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز ئىدىيسىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئازاد قىلىش بىلەن بىرگە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيسىدە، ئىڭىدا ساقلىنىپ قالغان ئدىيە ۋە كۆز قاراشلارنى بايقاشقا ماھىر بولىشى، خاتا كۆز قاراش ۋە ئىدىيلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.

(3)توغرا نىشاننى ئىگەللەپ،ئەمەلى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ سىياسىيلىقى،سىياسەتچانلىقى،نەزەرىيۋىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك،ئىتتىپاق،مۇقىم بولۇپ ئىلھاملاندۇرۇش،يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلىپ تەربىيلەشنى ئاساس قىلىش لازىم.ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ،مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئاساسى تىمىسىنى ئىنىق ھەم جانلىق پائالىيەتچانلىققا ئىگە قىلىش لازىم. ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارغا ياقىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇپ،مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنى پۇتۇن ئوقوغۇچىلار ئىچىدە ھەقىقى ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

(4)تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش كۈچەيتىپ،خىزمەت مەسئۇلىيتىنى سۇرۇشتە قىلىشنى كۇچەيتىش لازىم. مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا ، مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىتەكلەش ۋە تەكشۇرۇشنى كۇچەيتىپ، مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىنىڭ ئۇنۇمىگە كاپالەتلىك قىلىش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ، مەخسۇس تىمىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپا ئەزالىرى مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىغا دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش لازىم. بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە سەل قارىغان سىنىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىل ئاخىرىدىكى باھالىنىشى بىلەن بۇ قىتىملىق مەخسۇس تىمىلىق تەربىيە پائالىيتىگە تۇتقان پوزىتسىيسى بىرلەشتۇرلىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ