تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىدىكى بىر قىسىم سەۋەنلىكلەر توغرىسىدا
مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ)
ماقالىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر ۋە تاللىما دەرسلىكى،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا ۋە مىللىي كىملىكىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم تېكىستلەر ۋە سۆز – جۈملىلەر،ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ دەرسلىككى كىرگۈزۈلۈشىدىكى ئىدىيىۋى چەكلىمىلىك،قىسمەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بىلىملىرىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى،بىر قىسىم فولكلۇر بىلىملىرىنىڭ تەكرارلانغانلىقى،ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنىڭ ئازلىقى قاتارلىقلار
2008-يىلى تۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر ۋە تاللىما دەرسلىكلىرى مەزمۇنىنىڭ تىرەنلىكى،تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى،تەربىيىۋىي ئەھمىيىتىنىڭ كۆچلۈكلىكى قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدلىكلىرى بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشلۇقىغا ئايلاندى.‹‹ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا››(يۈسۈپ خاس ھاجىپ)،‹‹غەزەپ ۋە زار››(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)،‹‹يىللارغا جاۋاب››(لوتپۇللا مۇتەللىپ)، ‹‹ئالدىدا››(نىمشېھىت)،‹‹كەپىدە››(رەھىم قاسىم)،‹‹كېسىۋەتمە ئۇزۇن ئۆرۈمە چېچىڭنى››(روزى سايىت)،‹‹يۇپۇرماق››(ئەزىزى)،‹‹مەڭگۈلۈك ۋەتەن››(چىمەنگۈل ئاۋۇت)،‹‹غەمسىنىش ئويۇمغا كەلمەيدۇ زىنھار››(مىستىرال)،‹‹سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ››(ئابدۇللا ئارىپۇف) قاتارلىق شېئىرلار،‹‹ئىلى يولى – تاغلىق يول››(پەرھات جىلان)،‹‹ئاق ئۆستىڭىم،ئاق!››(تېيىپجان ھادى)،‹‹شىراق››(ئابدۇللا ساۋۇت)،‹پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى››(ياسىنجان سادىق چوغلان››،‹‹ئاپئاق ئېچىلغان سۈگەت گۈلى››(مۇھەممەت باغراش)،‹‹نەدىسەن،ئانا ماكان››(ئەخەت تۇردى)،‹‹بوۋاي ۋە دېڭىز››(ھېمىڭۋاي)،‹‹ئالا ئىت قىياسى››(چىڭغىز ئايتماتۇف) قاتارلىق پروزىغا ئائىت ئەسەرلەر،‹‹دېڭىزدىن سادا››(ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر)،‹‹ئانا تىلىم››(ئەخمەت ئىمىن)،‹‹‹ئات› بىلەن ‹ئات مىنگەن كىشى›››(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)،‹‹ئىنساپ سۆدىگىرى››(مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار)،‹‹پىستە بوۋدى››(باجىن)قاتارلىق نەسىرلەر،‹‹مېنىڭ ئارزۇيۇم›››(مارتىن لوتېر كىڭ)،‹‹مېنىڭ دۇنيا قارىشىم››(ئېينىشتېين)،‹‹ئۆزۈم ھەر جايدىمەن،كۆڭلۈم سەندىدۇر››(ئابدۇقادىر جالالىدىن)،‹‹يېزىقچىلىق مەن ئۈچۈن چەكسىز ھوزۇر››(گارسىيە ماركوز)،‹‹بەخت ئىلكىڭىزدە››(يالقۇن روزى،ئىلنۇر ئىبراھىم)قاتارلىق نوتۇق ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرى،‹‹ئالتە شەھەرگە سەپەر››(نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت)،‹‹ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر››(گۇننار يارىڭ)،‹‹پارىژغا ساياھەت››(ئەسئەت سۇلايمان)، ‹‹ئەكىلىشپەرۋەرلىك›› (لوشۇن)،‹‹يۈرىكىم يىغلايدۇ››(ئەختەم ئۈمەر)،‹‹بېقىندى ئىشچىلار››(شىيايەن)قاتارلىق ساياھەتنامە،ئەدەبىي ئاخبارات ۋە تەرجمىھال ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەر،‹‹ئالەمنىڭ كەلگۈسى››(سېتفېن خاۋكىڭ) قاتارلىق تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بۇ دەرسلىك كىتابنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ،يېتەكلەش كۈچىنى كېڭەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنى كەڭرى بولغان تەپەككۈر قىلىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئېتىپ،ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى تىل ۋە يېزىق بىلەن ئەركىن ئىپادىلەش جەھەتتىن ئۈلگە يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە توغرا بولغان دۇنيا قارىشىنى ئورنىتىشىدىمۇ قالتىس ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەقسىتىگە يېتىلگەن.بولۇپمۇ تاللىما دەرسلىك(5)تىن ئىبارەت بىر كىتاب مەزمۇنىنىڭ پۈتۈنلەي فولكلۇر بىلىملىرىدىن تەركىب تاپقانلىقى بۇ دەرسلىك كىتابنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ،ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ئارىلاشما مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئىچىدە تېڭىرقاۋاتقان شارائىتتىكى چاڭقاق قەلبىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى ئۇسسۇلۇق بولغان.گەرچە،بۇ دەرسلىك كىتاب تىلغا ئېلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئالاھىدە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ،لېكىن،يەنە بىر قىسىم تەرەپلەردىن قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك بولغان تۆۋەندىكى مەسىلىلەردىنمۇ خالىي بولالمىغان.
1.ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا ۋە مىللىي كىملىكىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم تېكىستلەر ۋە سۆز – جۈملىلەر كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ يارقىنلىقىغا قىسمەن تەسىر يەتكۈزگەن.مەسىلەن،زۆرۈر دەرسلىك(2)گە ئاپرىنچۇر تېگىننىڭ ‹‹مۇھەببەتنامە›› ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،‹‹كۆرسەتمە››دە ئىزاھلىنىشىچە،بۇ ئەسەر قۇچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ۋە شۇ دەۋرنىڭ شېئىرىيەت شەكلىنىڭ قاراخانىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت شەكلى بىلەن بولغان پەرقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نەمۈنە سۈپىتىدە دەرسلىككە تاللانغان.ئەمەلىيەتتە،ئوقۇغۇچىلارنى يوقۇرىقى گۈزەل مەقسەتكە يەتكۈزۈشتە قۇچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شېئىرىيىتىگە تەۋە باشقا شېئىرلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ،ئەسەر تېكىستى‹‹1)ئا.....
بەكمۇ ئامراق.....
ئامراق ئايالىم...
2)يارىمنى ئويلىسام،قايغۇغا چۈكىمەن،
قايغۇرغانسىرى،ئىھ قارا قاشلىقىم،
دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزار بولىمەن.›› دېگەنگە ئوخشاش مىسرالاردىن تەشكىل تاپقان،ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى يىراق جايدا تۇرىۋاتقان بىر ئاشىقنىڭ يار ۋىسالىغا يېتىشكە بولغان تەشنالىقى،ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيۈشكە ئىنتىلدىغانلىقى،بىراق،شارائىتنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقى سەۋەپلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تۈگەللەنگەن بىر پارچە شېئىرنى ‹‹سۆيگۈ تەسىرلىك ھەم ھېسسىياتلىق ئىپادىلەنگەن›› دەپلا ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا تاشلاشنى تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن.داڭلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ‹‹ئوربىتا›› ناملىق پوۋىستى پىرۇزىچىلىقنىڭ ئومۇمىي تەلىپى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئوقۇرمەن ئوقۇسا ئوقۇپ قانمايدىغان،ناھايىتىمۇ تېتىملىق،ئىپادىلەش كۈچىگە باي،كاتتا ئەسەر بولسىمۇ،لېكىن،ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش – قۇرامى ۋە تۇرمۇشىغا نىسبەتەن خىلىلا يىراق ئەسەر بولۇپ،موشۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئەسەردىن ئېلىنغان پارچە(تاللىما دەرسلىك(3)كە كىرگۈزۈلگەن)نىڭمۇ دەرسلىككە كىرگۈزۈلىشىنىڭ ئالاھىدە زۆرۈرىيىتى يوق دېيىشكە بولىدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم تېكىستلەردىكى دەرسخانە مۇھىتىغا ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم سۆز – جۇملىلەر قىسقارتىۋىتىلمەي يا ئۆزگەرتىۋېتىلمەي ئۆز ئەينى بويىچە بېرىلگەن.مەسىلەن،بىرىنچى پارچە،‹‹ئالدىدىكى تۇغۇلغىنىغا بىر – ئىككى كۈنچە بولغان ئۈچ ئوغلىقى ئالدى تىزلىرىنى پۈككىنىچە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى تۇمشۇقى بىلەن ئىتتىرىشىپ،تالىشىپ ئەممەكتە ئىدى...قان ئۇنىڭ ساغرىسىدىكى سارغۇچ تۈكلىرى ئارىسىدىن ئەمچەكلىرى ئۈستىگە سىرغىماقتا.››(زۆرۈر دەرسلىك(5)تىكى توختى ئايۇپنىڭ ‹‹ئوۋچى ئەسلىمىلىرى›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) ئىككىنچى پارچە،‹‹پوق – سۈيدۈكنىڭ سېسىقى بۇخسۇپ تۇرغان زەي ئۆيدىكى قىزلار ...،ئادەم بېشىدىن سەللا نېرىغا قويۇلغان تەرەت تۇڭىنىڭ قېشىغا بېرىپ،شارىلدىشىپ سىيىشەتتى.››(زۆرۈر دەرسلىك(5)تىكى شىيايەننىڭ ‹‹بېقىندى ئىشچىلار›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) ئۈچىنچى پارچە،‹‹كېچە،...كۆكسۈڭ ئاپئاق ۋە چىرايلىق،ئەمما مۇزدەك سوغۇق... كېچە،...سېنىڭ يۇمشاق كۆكسۈڭگە ئانىلارغا خاس بۈيۈكلۈك يۇشۇرۇنغان.››(تاللىما دەرسلىك(2)دىكى شى شىننىڭ ‹‹كېچە›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) تۆتىنچى پارچە،
‹‹ئىكى ئىلكىنى جەينەكتىن كېسىپ،
كى چاڭگاك بىلەن ئەمچەكىدىن ئېسىپ.››(تاللىما دەرسلىك(2)دىكى موللا بىلال نازىمىنىڭ ‹‹چاڭموزا يۈسۈفخان›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) بەشىنچى پارچە،
‹‹بىلىملىك،بىلىمسىز قاچان بولدى تەڭ،
بىلىملىك ئايال ئەر،نادان ئەر چىشى.››(تاللىما دەرسلىك(2)دىكى ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ‹‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›تىن پارچە›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) ئالتىنچى پارچە،
‹‹ئەركەك توشقان جىم تۇرالماس،تاتلاپ يەرنى ئۇ ھەرقاچان،
جىم تۇرىدۇ چىشى توشقان،خۇمارلىشىپ كۆزى ھامان.››(تاللىما دەرسلىك(2)دىكى ‹‹مۇلەن ھەققىدە باللادا›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) يەتتىنچى پارچە،‹‹ناۋادا چىن قەلبىمدىن كۆيگەن بولسام،سۆيگۈنۈم تۇرۇپ باشقا قىزلارغا لەۋ تەڭلەمتىم؟››(تاللىما دەرسلىك(2)دىكى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىينىڭ ‹‹مەن ۋە سايەم››ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) سەككىزىنچى پارچە،‹‹جاۋسىچىننىڭ سىڭلىسى ناھايىتى سەت...زۇچى ئايىمنىڭ قىزى...چوڭ بولسۇن،شۇ چاغدا گەپلىشەرمىز!‹ئەجنەبىي شەيتان›نىڭ ئايالى تاز ئەرلەر بىلەن ئوينايدۇ....تۇفى،ئىپلاس!شيۇسەي ئايالىنىڭ كۆزىدە ئېقى بار...ئۇمۇ ئۇزاق بولدى كۆرۈنمەيدۇ.ئۇنىڭ نەگە يوقاپ كەتكەنلىكى بەلگىسىز...لېكىن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يۇغانلىقى يامان...›› (تاللىما دەرسلىك(3)تىكى لۇشۈننىڭ ‹‹‹ئاQ›نىڭ رەسمىي تەرجىمھالى››ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) توققۇزىنچى پارچە،‹‹سىلەرنى ئالداپ پۇلۇڭلارنى ئېلىۋالغانلار بىر بولسا قىمار ئويناپ،ھاراق ئىچىدۇ،بىر بولسا،پاھىشە ئوينايدۇ.›› (زۆرۈر دەرسلىك(1)دىكى لېف تولستوينىڭ ‹‹بىر ئادەمگە نۇرغۇن زىمىن لازىممۇ›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) ئونىنچى پارچە،‹‹ئايپاشا دوپپىنى گەۋدىلىك روزىمەتكە كىيدۈرۈۋاتقاندا روزىمەتنىڭ قوينىغا ئاق بىلىق كىرىپ قالغاندەك يۈرىكى تىپىرلاپ كەتتى – دە،تۇيۇقسىزلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.
-ۋاي ئانىكام،ماۋۇ گاداينىڭ قىلىنلىقىنى...
ئانار گۈلىدەك ھۆپپىدە قىزىرىپ،پۈتۈن بەدىنى سىماپتەك جىمىرلاپ كەتكەن ئايپاشا قۇلاقلىرىنى تۇتتى...كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتكەن روزىمەتمۇ ھەممە چىشىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى،چۈنكى ئۇنىڭ كالپۇكلىرىغا ئاسلاندەك قاچقان ئايپاشانىڭ قۇلاقلىرى نىسىپ بولغانىدى...
..........................................
- پاھ... پاھ... پاھ... بۇ خېنىمنىڭ كۆڭلىنىڭ ئۇزلۇقىنى ! لېكىن قۇلىقىغا...- روزىمەت يەنە پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى،- مەيلى نېمە قورق، روزىمەت ‹‹خوشال››ئۈچۈن ئايپاشانىڭ قۇلىقىمۇ ئوخشاشلا تاتلىق،ھى... ھى... ھى...››(تاللىما دەرسلىك(3)تىكى جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹‹روزىمەت خوشال›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) ئون بىرىنچى پارچە،‹‹ھېكىمباينىڭ زوردۇن دەپ بىر ئوغلى بولىدىغان،مانا شۇ ئوغۇل يېگىرمە ياشقا كىرگۈچە ساقال – بۇرۇتمۇ چىقماي،كېيىن كۆكسى يوغىناپ قىزغا ئايلىنىپ قالغانىدى...
...ھېلىقى زوردۇننىڭ قىز بولغاندىن كېيىنكى ئىسمى زۆرە بولغانىدى.ئۇمۇ بىز بىلەن بىللە سوغا چۈمۈلگىلى بارىدىغان بولدى.ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە بىر قاراپ بېقىشقا ھەممىمىز قىزىقاتتۇق.لېكىن،زۆرە كىيىملىرىنى زادىلا سالغىلى ئۇنىمايتتى.
بىر كۈنى مەسلىھەتلىشىپ،زۆرەنى دەريا بويىدىلا ئولاش – چولاش باستۇق.ئىككى – ئۈچىمىز پۇت – قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇردۇق.بىرىمىز ئىشتىنىنى تارتتۇق.ھازىر ئويلىسام،قىپقىزىل ساراڭلىكەنمىز دەيمەن.بىچارە بىزنىڭ شۇنداق قىلىدىغىنىمىزنى پەملەپ قالغانمۇ،كۈننىڭ شۇنچە ئىسسىقلىقىغا قارىماي ئۈچ ئىشتاننى قوشلاپ كىيىۋالغانىكەن.ئىككى ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ بولغاندا،بىر يۇلقۇنۇپلا ئاستىمىزدىن تۇرۇپ كەتتى.››(تاللىما دەرسلىك(3)تىكى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹چار خوراز›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) يوقۇرىقى پارچىلاردىكى ئاستى سېزىلغان سۆزلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانە مۇھىتىدىكى ئاكتىپ كەيپىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان نازۇك مەنىلىك سۆزلەر بولۇپ،بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ياش قۇرامىدىكى ئۇستازلار دەرس ئۆتىدىغان،قىز – ئوغۇللىرى قۇرامىدىكى ئوقۇغۇچىلار دەرس ئاڭلاپ،بىرلىكتە مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان دەرسخانىدىن ئىبارەت ئاممىۋىي سورۇندا تىلغا ئېلىپ ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەپسىز بولۇپلا قالماستىن،ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەنمۇ مەلۇم قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنداقلا،ئومۇمىي ئەسەرنىڭ ساغلام بولغان ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان ئىستىتىك تەسىرىگە نىسبەتەنمۇ خېلى زور ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇندىن باشقا دەرسلىك كىتابقا تەرجىمە ئەسەرلەرنى كىرگۈزگەندە بىر قىسىم سۆز - ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇش گەرچە ياخشى ئەھۋال بولسىمۇ،لېكىن،بىر قىسىم ئۇقۇم خاسلىقى كەسكىن پەرقلىنىدىغان سۆز – جۈملىلەرنى ئىشلەتكەندە بۇ سۆز – جۈملىلەرنىڭ تىل – يېزىقىمىزدىكى چەكلىمىلىك ئورنىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك،ئۇنداق قىلمىغاندا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ نازۇك مەنىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشى ۋە ئەنئەنىمىزنى چۈشىنىشىگە بەلگىلىك ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.مەسىلەن:‹‹سۇن ۋۇكۇڭ ئالمان – تالمان ئىگىز تۈپىلىككە چىقىپ قاراپ،قاراقچىلارنى تۇتىۋالدى ۋە ئىچىدە: ‹ئىنشائاللا! ئىنشائاللا! ئەمدى ئىش ئوخشايدىغان بولدى›دەپ خوشال بولۇپ كەتتى.
..............................................
تاڭ سېڭ تاھارەت ئېلىپ ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلىغانىدى.››(تاللىما دەرسلىك(3)تىكى ۋۇ چىڭئېننىڭ ‹‹سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قاراقچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى، غەزەپلەنگەن ئۇستازنىڭ ئۇنى جازالىغانلىقى›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى) بۈگۈنكى كۈندە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۆرۈرمەنلەرگە بېرىدىغان ئەكس تەسىرلەرنى ئويلىشىپ،كىنو – تىلۋىزىيە فىلىملىرى ۋە ھەرخىل ئېلانلاردىكى ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرگە چەك قويۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.ياش قۇرامىغا يەتمىگەن،تېخىمۇ ساغلام بولغان مۇھىتتا تېخىمۇ ساغلام بولغان ئەخلاقى – تەربىيە بىلەن تەربىيەلىنىشكە مۇھتاج بولىۋاتقان بالىلارغا نىسبەتەن يەنە بىر قىسىم تېكستلەردىكى تۆۋەندىكىدەك پارچىلارنىمۇ ئۆزگەرتىش ۋە قىسقارتىشنى ئويلىشىپ كۆرگۈلۈك:‹‹مەتيا پىيالىگە ھاراقنى تولدۇرۇپ قۇيدى ۋە يۇمشاق بۇرۇتلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ قاقاھلاپ كۆلدى...ئۇ ھاراقنى ئىچتى،سامسىنى يېدى ۋە كەنجىنى بېغىدىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېلىپ چىقتى.›› (زۆرۈر دەرسلىك(3)تىكى زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹دولان ياشلىرى››ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.) دەرسلىك كىتابتىكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە قايتا بىر ئويلىنىپ كۆرۈش ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش – قۇرامى ۋە تەربىيەلىنىش ئىھتىياجى نوقتىسىدىنلا ئەمەس،بەلكى،مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت قارىشى نوقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۈتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،2001-يىلى تۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى دەرسلىكى (3-قىسىم)غا كىرگۈزۈلگەن داڭلىق شائىر ئەيچىڭنىڭ ‹‹دايەنخې ـــ مېنىڭ ئانام›› ناملىق داستانىدىكى:
‹‹كۈلۈپ تۇرۇپ توغرىدىڭ مۇزدەك تۇرۇپنى،
ھەم چوشقىنىڭ يالاقلىرىنى،
چىقتىڭ پاكىز سۈرتۈپ،يۇيۇپ.››دېگەن مىسرالىرىنى بۇ قېتىم تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابتا قىسقارتىۋېتىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.ئەمەلىيەتتىمۇ ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر سېغىنىش ھەم مېھرى – مۇھەببەت بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ داستاننى زارىقىشلىق بىر ھېسسىياتتا ئوقۇپ كېتىۋېتىپ،يوقۇرىقى مىسرالارغا كەلگەندە ئۆرپ – ئادەت تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىزلا داستاننىڭ مۇڭلۇق بولغان ھېسسىيات رېلىسىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرەتتى.بۇ مىسرالار چىقىرىۋېتىلىپ،بۇ داستان ئومۇمىي ھېسسىيات تەسىرىدىن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلاشتۇرۇلغان.مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان پارچىلاردىكى قىسمەن سۆز – ئىبارىلەرگە نىسبەتەنمۇ ئەنە شۇنداق ئۆزگەرتىش،قىسقارتىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان بولسا،بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئومۇمىي تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،ئەلۋەتتە.
2.بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تاللىنىشىدا يەنىلا قىسمەن ئىدىيىۋىي چەكلىمىلەردىن خالىي بولالمىغان.ھەرقايسى تۈر ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە بولۇپمۇ تاللىما دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئومومىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا مەلۇم ژانىردا ئەسەر يېزىپ،بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن رايۇنىمىز ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاشمۇ دەرسلىككە ئەسەر تاللاشنىڭ مەلۇم ئۆلچىمى قىلىنغان.بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىنى چۈشىنىش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاشتەك ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن.لېكىن،بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللىغاندا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ياكى ئەدەبىيات ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان شۇنداقلا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي تەربىيەلىنىش يۈنۈلۈشىگە ماس كېلىدىغان ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرى تاللانماي قالغان.ئەدىبلىرىمىزدىن زۇردۇن سابىر،خالىدە ئىسرائىل،مۇھەممەتجان راشىدىن،قۇربان بارات،بۇغدا ئابدۇللا،ئوسمانجان ساۋۇت،غۇجىمۇھەممەت مۇھەممەت،ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم قاتارلىقلارنىڭ دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرى بۇنىڭ ئىسپاتى.ئۇندىن باشقا بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن تەسىرى بار بولغان زۇنۇن قادىرى،مۇھەممەتجان سادىق،ئەخمەتجان ئوسمان،قاسىم سىدىق،ئابدۇرىھىم ئابدۇللا،پەرھات تۇرسۇن،ئادىل تۇنىياز،باتۇر روزى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پارچىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن.رايۇنىمىز سىرتىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن بولسا،ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ ئەسىرىدىن باشقىسىنى تېخىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.
3.بۇ قېتىم تۈزۈلگەن تاللىما دەرسلىك قىسمىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ئىلگىرى كىرگۈزۈلمىگەن بىر قىسىم يېڭىچە نەزەرىيىۋىي بىلىملەر ۋە ئاتالغۇلار كىرگۈزۈلۈشتەك ناھايىتى ياخشى ئەھۋال كۆرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن،زۆرۈر دەرسلىك قىسمىغا بېرىلگەن تېكستلەرگە ماس بولغان نەزەرىيىۋىي بىلىملەر بەكلا ئاز كىرگۈزۈلۈپ،كىتاب مەزمۇنىدا كەمتۈكلۈك ھاسىل بولۇپ قالغان.دەرسلىكنى ئۈتۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشى،تەربىيىلىنىشى،بىلىم سەۋىيىسى،ئوقۇتۇش مىتۇدى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىدە مۇئەييەن پەرقلەر بولغانلىقتىن،بېرىلگەن تېكستلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان،ئەمما،دەرسلىككە كىرگۈزۈلمىگەن نەزەرىيىۋىي بىلىملەرنى ئۆزلىرى قوشۇپ ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىشتىمۇ ئىگىز – پەسلىكلەر كۆرۈلگەن.بەزى ئوقۇتقۇچىلار ‹‹دەرسلىككە كىرگۈزۈلمىگەن نەزەرىيىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق›› دەپ قاراپ،ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ھەقتىكى زۆرۈر بىلىملەردىن خەۋەرسىز قالدۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.
4.تاللىما دەرسلىك(5) يەنى فولكلۇر قىسمى ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ ئاممىباپلىقى،قاراتمىلىقىنىڭ ئېنىقلىقى،تەربىيىۋىي ئەھمىيىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ،لېكىن،مەنىۋىي فولكلۇر ۋە ئىجتىمائىي فولكلۇر قىسمىدىكى بىر قىسىم تېمىلاردا مەزمۇن تەكرارلىقى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەن.
5.بۇ قېتىم تۈزۈلگەن دەرسلىكتە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىگە ئائىت مەزمۇنلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى مەزمۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقان خېلىلا قىسقارتىۋېتىلگەن.ئۇندىن باشقا بېرىلگەن نەزەرىيىۋىي بىلىملەرگە ئائىت مىساللار بەكلا تۈۋەن سەۋىيەلىك ھالەتتە بولۇپ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى سوئاللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىدىن خېلىلا تۈۋەن.ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى ياكى ھەرخىل تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرىدا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەردىن بولسا،دەرسلىك قىسمىدا يانداپ ئۈتۈپ كەتكەن.شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەمەلىيەتتە قوللىنىش خاراكتىرى كۈچلۇك بىلىملەردىن تەركىب تاپقان قىسمى ئاز بولۇپ قالغان.گەرچە،بىر قىسىم نەزەرىيىۋىي بىلىملەرنى ۋە مۇرەككەپرەك مىساللارنى ئوقۇتقۇچى ئۆزى تولۇقلاپ سۆزلەپ بەرسىمۇ،لېكىن،دەرسلىك مەزمۇنىغا ماس بېرىلگەن دەرس سائىتى دەرسلىككە كىرگۈزۈلمىگەن مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ سۆزلەشكە يەتمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.ئەسلى مۆمكىن بولسا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىم ئېلىش ئىھتىياجى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسىگە ئايرىم دەرس سائىتى بىكىتىپ بېرىشىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ تۈزۈلگەن بولسا،بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
خۇلاسە ئورنىدا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى،2008-يىلى تۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات زۆرۈر ۋە تاللىما دەرسلىك كىتابى ئومۇمىي نىشانى،مەزمۇن دائىرىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى قاتارلىق نوقتىلاردىن كۈزەتكەندە ئىلگىرى تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالاھىدە زور ئارتۇقچىللىقلارغا ئىگە.بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك نەتىجە ۋە خوشاللىنارلىق ئەھۋال.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىنكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى قايتا تۈزۈش جەريانلىرىدا يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىر قىسىم پىكىر – قاراشلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە،دەرسلىك كىتابىمىزنىڭ ئومۇمىي تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ قارايمەن،ئەلۋەتتە.
پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار:2009-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(1)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(2)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(3)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(4)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك(5)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك(2)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك(3)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك(4)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك(5)،ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تاللىما دەرسلىك(6) ۋە 2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات (2-قىسىم) قاتارلىق دەرسلىك كىتابلار