يېڭى قىزىق نۇقتا :
2015-يىللىق خەلقئارا ت
شىرئەلىجان ئىككى مەي
بېكخامنىڭ ئوغلى رۇنى
مېسسى قايتىپ كەلدى! ئ
ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) 24- ئايلانما باشلىنىشتىن بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى ئوينىغان مۇسابىقىدە رېپىرنى ھاقارەتلىگەنلىكتىن، شىرئەلىجاننى جازالاش قارارىنى ئېلان قىلىپ، شىرئەلىجاننى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ۋە بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش (ئادەتتىكى مۇسابىقە 25-ئايلانما)، شىنجاڭنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقە خىراجىتىدىن 20 مىڭ يۈەننى كېمەيتىش جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىرئەلىجان مۇسابىقىدە ئۇدا ئىككى قېتىم تېخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى، شۇڭا ئۆزلىكىدىن بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختايدۇ (24-ئايلانما)، ئۇنىڭغا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىنى قوشقاندا ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا فۇجيەن ۋە فوشەن كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ جازالاش ئۇقتۇرۇشى:
ھەر قايسى كۇلۇب ۋە مۇسابىقە رايونلىرىغا:
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 2015-2016-پەسىللىك ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى 23-ئايلانمىدىكى 230-مەيدان مۇسابىقە، تەڭرىتاغ يېزا سودا بانكىسى (تۆۋەندە شىنجاڭ كوماندىسى دەپ ئېلىنىدۇ) بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، ئىككىنچى كونتيور مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 2 مىنۇت 24 سىكۇنت قالغان چاغدا، باش رېپىر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 20- نومۇرلۇق ئەزاسى شىرئەلىجاننى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈم توغرا بولسىمۇ شىرئەلىجان ئۆرۈلۈپلا ئىككىنچى ياردەمچى رېپىرنى ھاقارەتلىگەن. تېخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش دەپ ھۆكۈم قىلىغان، كېيىن شىرئەلىجان سەپداشلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماستىن ئىككىنچى قېتىم ياردەمچى رېپىرنى ھاقارەتلىگەن ۋە دەرھال مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان. شىرئەلىجان مەيداندىن ئايرىلىۋاتقاندىمۇ مەيدان ئىچىگە قاراپ رېپىرنى ھاقارەتلىگەن. ئۇنىڭ بۇ مەدەنىيەتسىز قىلمىشى كەسپىي توپچىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرگەن، بىرلەشمە مۇسابىقىگە نىسبەتەن ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.
بىرلەشمە مۇسابىقە تۈزۈمىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىنتىزام جازالاش بەلگىلىمىسى»نىڭ ئىككىنچى باب تۆتىنچى ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبى توپچىسى شىرئەلىجاننى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش، بىر مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش (ئادەتتىكى مۇسابىقە 25-ئايلانما)، ئۇ توپ ئويناۋاتقان كۇلۇبنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقە خىراجىتىدىن 20 مىڭ يۈەن كېمەيتىش جازاسى بېرىلدى.
ھەر قايسى كۇلۇبلارنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرگە بولغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى، بۇنىڭدىن ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىپ، بۇ خىل قىلمىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىنى، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.