ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : 2015-يىللىق خەلقئارا ت شىرئەلىجان ئىككى مەي بېكخامنىڭ ئوغلى رۇنى مېسسى قايتىپ كەلدى! ئ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەنتەربىيە > تولۇق مەزمۇنى

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

ۋاقىت : 2015-12-29 21:26 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

شىنخۇا تورى باھالىغان 2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

 

  1. ۋەندا گورۇھى يىڭفاڭ تەنتەربىيە تارقىتىش گورۇھىنى قوشۇۋالدى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

    ۋەندا گورۇھى ۋە يىڭفاڭ گورۇھى ئارىسىدا 10-فېۋرال رەسمىي كېلىشىم ئىمزالاندى. ۋەندا گورۇھى باشچىلىقىدىكى ئۈچ مەشھۇر ئورگان 1 مىليارد 50 مىليون ياۋروغا باش ئىشتابى شىۋېيتسارىيەدە بولغان يىڭفاڭ تەنتەربىيە تارقىتىش گورۇھىنىڭ %100 لىك پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋەندا گورۇھىنىڭ پاي چېكىنى كونترول قىلىش نىسبىتى % 68.2 بولدى.

 

   2. فىلويىد مەيۋەزىر «دۇنيا ئۇرۇشى»دا غەلبە قىلدى

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   ئامېرىكىلىق بوكىسچى مەيۋەزىر 2-ماي لاسۋىگاستا فىلىپپىنلىق بوكىسچى پاكىئاۋنى مەغلۇپ قىلىپ، بوكىسچىلىق تارىخىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى ۋە بېلەت كىرىمى جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى.

 

   3. خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارى پارىخورلۇققا چېتىلىپ قالدى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   شىۋېيتسارىيە ساقچىلىرى سيۇرىخدا خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بىر قانچە ئەمەلدارىنى قولغا ئالدى. 2-ئىيۇن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغىلى ئاران تۆت كۈن بولغان بورات ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇقى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسى كۆپلىگەن مەشھۇر خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قولغا ئالدى.

 

 4. بارسېلونا كوماندىسى ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   6-ئىيۇن ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە بارسېلونا كوماندىسى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 2009-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولدى.

 

   5. بېيجىڭ 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   مالايشىيانىڭ كۇئالا لومپور شەھىرىدە 31-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 128-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى.

  

   6. كاتى لېدىك دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۆزى يالغۇز بەش تۈردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   ئاۋغۇستتا رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئامېرىكىلىق ئايال ماھىر كاتى لېدىك 200 مېتىر، 400 مېتىر، 800 مېتىر ۋە 1500 مېتىر ئارىلىققا ئەركىن ئۈزۈش ۋە 4X200 ئارىلىققا كۈچ ئۇلاپ ئۈزۈش مۇسابىقە تۈرلىرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئىككى قېتىم 1500 مېتىر ۋە بىر قېتىم 800 مېتىرغا ئۈزۈش تۈرىدە دۇنيا رېكوردىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

 

   7. بولت دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولدى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   يامايكىلىق 29 ياشلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى بولت ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 100 مېتىر، 200 مېتىر ۋە يۈز مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، تارىختىكى ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بولت دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالغان ئالتۇن مېدالى 11 گە يەتتى.

 

    8 . رۇسىيە ئاتلانتىك مۇسابىقىسىدە كەڭ دائىرىدە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

    دۇنيا روھلاندۇرۇش دورىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئىسپاتلىنىشچە، رۇسىيە يېنىك ئاتلىتكا جەمئىيتىدە چوڭ دائىرىدە روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشتىلگەنلىكى دەلىللەنگەن.

 

   9. فىرانسىيە-گېرمانىيە دوستلۇق مۇسابىقە مەيدانىدىكى قورقۇنچلۇق ۋەقە

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە 13-نويابىر كەچ كۆپ يەردە ئېتىشىش، پارتلىتىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 130 ئادەم قازا قىلغان، تەخمىنەن 350 ئادەم يارىلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيادىكى چېمپىيون كوماندا گېرمانىيە كوماندىسى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى مەيدانىدا پارتلىتىش يۈر بەرگەن بولسىمۇ، مۇسابىقە توختاپ قالمىغان.

 

   10. كوبى مۇسابىقە مەيدانىدىن چېكىندى.

2015-يىللىق خەلقئارا تەنتەربىيەگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر

   NBA لوس ئانژېلېس لەكىرىس كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى كوبى مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن مۇسابىقە مەيدانىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كوبى دۇنيا ۋاسكېتبول تارىخىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن چولپانلارنىڭ بىرى.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار