مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ گۇرۇپپىلار يىغىنى يېقىندا، «مائارىپ قانۇنىغا ئائىت بىر قاتار قانۇنلارنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى (دەسلەپكى لايىھەسى)»گە قاراپ چىقتى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىدە ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بېكىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشى ئاخىرلاشتۇرىلىدىكەن، ئىمتىھان نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن ۋە ياكى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنىدىكەن.
مائارىپ قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىدە، دۆلەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ مائارىپنىڭ ئادىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى، مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، رايون، شەھەر-يېزا، مەكتەپلەر ئارا پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشى بەلگىلەندى.
پۇقرالارنىڭ مەكتەپ ئېچىپ مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىققاندا، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپنىڭ قانۇنىي ئىگىنى تىزىملاتقاندا پايدا ئالمايدىغان ياكى پايدا ئالىدىغان دەپ ئىختىيارىي تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى ۋە مۇناسىپ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىدە يەنە ئىككى خىل مەكتەپنىڭ ئۆز ئالدىغا بەھرىمان بولىدىغان ئېتىبارى، مەكتەپنى توختاتقاندا قېلىپ قالغان مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا بەلگىلىمە بېكىتىلدى. مەسىلەن: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇكاپاتى ۋە بىكار تۇرغان دۆلەت مۈلكىنى ئىجارىگە بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرنى يۆلىشى كېرەك؛ پايدا ئالمايدىغان پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرگە يەنە ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسى، فوند مۇكاپاتى، پۇل ئىئانە قىلىپ رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.