مۇخبىرنىڭ 10-دېكابىر مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى (2010−2020-يىلغىچە)» يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارغا قەدەم قويغان.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىياتى ھازىر ئوتتۇراھال تۆۋەن سەۋىيەدىن ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ بۆسۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. ئېلىمىزنىڭ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدە دۆلىتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتكە نىسبەتەن، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، ئېلىمىز مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە مۇھىم ئاساس سالدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]