خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى ي

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 2015-12-27 22:18

》    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى››(تۆۋەندە ‹‹چارە›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) 2016-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

 

》    چارە《دە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى سايلىغان ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان، ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلىغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ھەم ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان ھەر قايسى ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ.

 

‹‹چارە››دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قەسەم بەرگەندە دۆلەت ئورتاق تىلى قوللىنىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىلىدا قەسەم بېرىشتە قىينالسا، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا قەسەم بەرسە بولىدۇ؛ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قەسەم بېرىشكە قاتنىشالمىغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قەسەم بېرىشى كېرەك.

 

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار قاراپ چىقىش جەريانىدا بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ چارىنى تۈزۈش ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رېئال تەلىپى بولۇپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغدىشىغا، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، شۇنداقلا نىزاملارنى تۈزۈشتە زۆرۈر ھەم زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ئوقۇتقۇچىنىڭ ماھارىتى،

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار