)ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
مۇئەللىم ئەزەلدىن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان،
قەلبىگە لىق تولغان غۇرۇر ۋە ۋىجدان.
كۆزلىرى سۆزلەيدۇ، سۆزلىرى گۆھەر،
كېچىدە يۇلتۇزدەك نۇر چېچىپ تۇرغان.
مۇئەللىم ئەزەلدىن ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان،
قىلغاچقا ئۇ دىللار چۆلىنى بوستان.
بىزـ غۇنچە، مۇئەللىم پەرۋىشكار باغۋەن،
ۋەتەننىڭ قوينىنى قىلار گۈلىستان.
قەلبىمدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان مۇئەللىم،
قوينى كەڭ، مېھىرىبان، ئاتەش مۇئەللىم.
سىز بىلەن يورىدى دىلىم ۋە تىلىم،
بىزلەرگە پاسىبان، مەشئەل مۇئەللىم.
سىز بىلەن نۇرانە قەدەملەر تاشلاپ،
كىردۇق بىز ئەڭ گۈزەل بىلىم بېغىغا.
ئەجرىڭىز بىزلەرگە بەردى كۈچ - قانات،
سىز بىلەن يېتىمىز گۈزەل ئارمانغا.(02)
يېتەكچى ئۇقۇتقۇچى: روزى سوپى ئۇچتېكىن
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]