خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

شىخەنزىدىكى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەن ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئويچان2015-12-29 21:24



شىخەنزىدىكى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەن ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

شىخەنزىدىكى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەن ئوقۇتقۇچى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

«ئوقۇتقۇچى قاتتىق قوللۇق قىلىپ، كىچىك بالىنى ئورۇندۇقتىن كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلىغان». 12-ئاينىڭ 28-كۈنى «شىنجاڭ شىخەنزىدىكى 42-ئولتۇراق رايونى تەجرىبە بالىلار باغچىسى مۇئەللىمى بالىلارنى ئۇردى» دېگەن كۆرۈنۈش توردا تارقالغان، بۇ كۆرۈنۈشتە بىر كىچىك قىز بىۋاسىتە يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشكەن، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى غەزەپلەنگەن.

 شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئېلان قېلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئوقۇتقۇچى خىزمىتىدىن توختىتىلغان، ھازىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاللىقاچان جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان، دېلو بېجىرىش ئورۇنلىرى بۇ ۋەقەگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرماقتا. 

توردا تارقالغان سىن ھۆججىتىنىڭ ۋاقتى 42 سېكۇنت بولۇپ، بۇ سىن ھۆججىتى كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىنغان سىن ھۆججىتىنى تېلېفوندا قايتا سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈش ئىكەن. كۆرۈنۈشتىكى بالىلار باغچىسىدىكى پائالىيەت ئۆيىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان سىنىپ بولۇپ، بىر گۈللۈك كىيىم كىيگەن ئايال سول تەرەپتىكى بۇلۇڭدا ئوڭ قولىنى پۇلاڭلاتقان، ئارقىدىنلا ئۇ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ قۇيۇۋالغان، سېرىق يۇڭ پوپايكا كىيگەن قىزچاقنى يەرگە يىقىتقان، ئارقىدىن كىچىك قىز ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشىنى قولى بىلەن سۈرتكەن، بۇ ئايال كىچىك قىزنى سىلكىشلەپ تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزغان. بۇ جەرياندا باشقا بىر نەچچە كىچىك دوستلار ئەتراپتا بۇ ئىشنى كۆرگەن، باشقا نەسىھەت قىلىپ بۇ ئىشنى توسىدىغان چوڭلار يوق ئىكەن.

بۇ سىن ھۆججىتى تورغا چىققاندىن كېيىن، دەرھال تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان. تورداشلار مۇنداق دېدى:« بۇ ئايالنىڭ بالىنى يىقىتقان ھەرىكىتى شۇنداق پىششىق ھەم تەبىئىي، قىزچاق يەرگە يىقىلغاندا ئەتراپتىكى باشقا كىچىك دوستلاردا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، ئەجەبا بۇ باغچىدا بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرەمدۇ؟» يەنە بىر تورداش ئۆزىنىڭمۇ بىر ئاتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنداق ئىش كۆرۈپ يۈرىكىدىن تامچە قان ئاققاندەك بولۇپ كەتكىنىنى دېگەن.

28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن تورداش «شىخەنزە بىۋاسىتە ئاڭلىتىشى» بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالاقىلەشكەن كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلغان، كۆرۈنۈشتە بالىنى يىقىتىۋەتكەن ئوقۇتقۇچى: «سەن سوتقا بېرىپ مېنى ئەرز قىل، سېنىڭ مېنى ئەرز قىلىشىڭنى ساقلايمەن، مەن قورقمايمەن، سەن نېمىگە ئاساسەن بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقىغا قارىتىپ گەپ قلىسەن، بالىلار باغچىسىنىڭ باشلىقى مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم» دېگەن. بۇ كۆرۈنۈش توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلار ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا قوزغىغان، تورداشلار بۇ ئوقۇتقۇچىنى «قىلچە پۇشايمان قىلىش نىيىتى يوق» دەپ ئەيىبلىگەن . 

شۇ كۈنى شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مىكرو بىلوگىدا كۆپچىلىكنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ ۋەقە توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ مۇندا دېگەن: « شىخەنزە 42-ئولتۇراق رايونى تەجرىبە بالىلار باغچىسى شۆبە باغچە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ھەرىكىتىگە قارىتا، مەزكۇر ئىدارە پارتكوم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۈگۈندىن چۈشتىن بۇرۇن (12-ئاينىڭ 28-كۈنى) شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى تەپسىلىي ئىگەللىدى. مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، بۇ ئوقۇتقۇچى ھازىر خىزمىتىدىن توختىتىلدى، تەپسىلىي بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شۇ ھامانلا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ».

شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى يەنە 28-دېكابىر كەچتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شىخەنزە 42-ئولتۇراق رايونى تەجرىبە بالىلار باغچىسى شۆبە باغچە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ھەرىكىتىنى ئاتا-ئانىلار ئاللىقاچان جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان، دېلو بېجىرىش ئورۇنلىرى بۇ ۋەقەگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

29-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىدارە پارتكومى يىغىنى ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىپ، تەجرىبە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى جۇ يىفاڭنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ماقۇللاپ: جۇيىڭفاڭنىڭ خىزمەتتىن توختىغان مەزگىلدە خاتالىقلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ تەكشۈرۈشنامە يېزىشنى، پۈتۈن باغچىدىكى يىغىنىدا ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىپ بېرىشنى بۇيرىدى، ھەم ئۇنىڭ پۈتۈن يىللىق ئۈنۈم مائاشىنى تۇتۇپ قېلىش، ئىككى يىل ئىچىدە ياخشى باھالىماسلىق، ئۇنۋان ئۆستۈرمەسلىك جازاسىنى بەردى. ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاللىقاچان دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو بېكىتكەندىن كېيىن ئۇنى ئايرىم بىر تەرەپ قىلىدىكەن. مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ قارارى: تەجرىبە بالىلار باغچىسىنىڭ 2015-يىللىق ئىلغار ئورۇن دېگەن نامىنى بىكار قىلىش؛ باغچە باشلىقى جاۋ يەنخۇڭ ئېرىشكەن 2015-يىللىق ئىلغار شەخس دېگەن نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئايرىم رەھبەرلىك قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان سۈن خۇڭشىياغا قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش ھەمدە تەكشۈرۈشنامە يېزىش؛ تەجرىبە بالىلار باغچىسىدىكى پۈتۈن مۇئەللىملەر ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
<font color='#000099'>مائارىپ دېگەن قانداق بو</font>

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار