خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر قانچە ئۇس

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : كارۋان19882014-03-26 14:33

 
 
 
 
خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى

  


 
     خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى- جەريان ۋە ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش پائالىيىتىدۇر. خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمى ئاخىرقى ھېساپتا دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىندۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارلىرىنى ئاساسى ئامىل ۋە بەلگە قىلغان ئالاقە ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە نىشانىدۇر. خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى مۇشۇ نىشان ۋە ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىمۇ مۇشۇ نىشان ۋە مەقسەتنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن بۇلىدۇ. شۇڭا، خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش بۇلۇپمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؟ بۇ جەرياندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسلە خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مەن ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىم جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرغا قويىمەن:
1.دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشى لاھىيلەش كېرەك.
       دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش نىشانى،   ئوقۇتۇش مۇھىتى، ئوقۇتۇش شارائىتى، ۋاقىت قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ۋە چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، ئوقۇتقۇچى كۆپ ھاللاردا ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتۇش مۇھىتىغا سەل قاراپ قالىدۇ، ۋاقىت چەكلىمىسىمۇ ئوقۇتۇش چەريانىدا ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتۇش مۇھىتى ياخشى بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىزچە ئالاقىشىش مۇھىتى تار، پۇرسىتى ئاز بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە مۇھىتى تار، قېلىپلىشىپ قالغان بۇلىدۇ. نەتىجىدە، بۇخىل ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارى ئانچە تەرەققىي قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى  دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ياخشى لاھىيلەشكە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش، ھەربىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارغا يېڭىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىز تىلى ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك.
2.دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك پۇرسەت بېرىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن دەرسخانا سىرتىدىكى ئالاقە مۇھىتىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى پۇختا ئاساسىنى تۇرغۇزۇش لازىم. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشكە كۈچەپ، مەزمۇنىنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىگە ئۆگەنگەن مەزمۇننى، بىلىمنى ئەمەلىيەت بىلەن تۇتاشتۇرۇش، بىرلەشتۈرۈشكە سەل قارايدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمى دەرسخانا مۇھىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنىڭ پۇرسىتى، ئورنى، مۇھىتىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلىمنى ئۆگۈتۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، بىلىمدىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى ۋە يوللىرىنى ئۆگەتمىگەچكە ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلمەي، ئۆز تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ. ھەتتا، ئوگۈنىشنى مەنىسىز، پايدىسىز ھېس قىلىپ، ئۆگەنمەيدىغان ياكى ئۆگۈنىشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتى مەلۇم دەرىجىدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاچچىق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئىمكانقەدەر كەڭرى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. دەرسخانا مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە ئوقۇغۇچىلارنى دىئالوگلاشتۇرۇش، سوئال-جاۋاپ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش، ھېكايە سۆزلەش، دەرس مەزمۇنىنى ئىتوت ئويۇن شەكلىدە يەتكۈزۇش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش ..... قاتارلىق شەكىللەردىن ، ئوسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەم ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش شەكىللىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەم ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش، سۆزلەشنى يادرو قىلغان ئالاقە ئىقتىدارىنى ياخشى چېنىقتۇرۇش كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىت، ئورۇن، پۇرسىتىنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرسە، ھەرخىل پائالىيەت شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەقلىدى مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەت بىلەن تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك.
3.ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.
خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى ماھىيەت جەھەتتە تىل ئالاقە ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوقۇتۇشىدۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئالاقە ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈشتە نوقۇل ھالدا دەرسخانا ئوقۇتۇشىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ. بۇنداق بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارى تىگىشلىك تەرەققىيات مۇھىتىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى نىشان، مەزمۇن،  مۇھىت، شارائىتنىڭ چەكلىمىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىر قەدەر كەڭ بولغان  تىل ئالاقە مۇھىتىنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا قارىغاندا مۇھىت كەڭ بولۇش، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى رەڭدار بولۇشتەك بىر قانچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بۇلىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر، خەنزۇ تىلىدىكى ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش ۋە مەشىقلەندۈرۈشنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى لاھىيلەش ۋە تەشكىللەشكە ياخشى ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى نوقۇل ھالدا ئويۇن پائالىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، ھەر بىر قېتىملىق پائالىيەتتە مۇئەييەن دەرىجىدىكى نىشان ۋە مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، شۇ مەقسەت ۋە نىشانغا پايدىلىق بولغان مۇھىت يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقە قىلىشقا، پائالىيەت جەريانىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، بايقاشقا، ئۆگۈنۈشكە، ئىشلىتىشكە ئالھاملاندۇرۇش، يىتەكلەش لازىم. بۇ جەرياندا، ئويۇن، ئېتوت دېكلاماتسىيە، ناخشا-ئۇسۇل، دىئالوگ، ھېكايە سۆزلەش، ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش ياكى مەلۇم شەيئى-ھادىسىلەرنى تۇنۇشتۇرۇش، خەت-چەك يېزىش، ھەرخىل مۇھىتتىكى ئادەم، ئوبرازلارنىڭ رولىنى ئېلىپ، تەقلىدى نەق مەيدان، تەقلىدى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، ئېكىسكورسىيە، لاگىر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش.......قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئالاقە قىلىش شارائىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى ھەم ئۆگۈنۈش ھەم ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
4.ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتنى كۆزىتىش ،بايقاش،ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆزلۈكسىز ئۆگۈنۈشكە يىتەكلەش كېرەك.
 خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىي دەرس بايلىقلىرىدىن پايدىلنىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك . خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ماھىيەت جەھەتتە تىل ئوقۇتۇشى بولغاچقا، دەرس بايلىقلىرىنىڭ مەنبەسى مول، ئۇچۇر ۋە ۋاستىلىرى كۆپ، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بۇلىدۇ. چۈنكى، تىل ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە، ھەممە تەركىبلىرىگە سىڭىپ كەتكەن بۇلىدۇ. بىرەر پارچە كىتاپ، بىرەر تال ۋىۋىسكا ، گېزىت – ژورنال، يول قاتناش تاختىلىرى، ئۇچۇر كۆزنەكلىرى، بىرەر تال ئىسىم كارتىسى، بىرەر تالونمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تىل ئوقۇتۇشنىڭ دەرس بايلىقى بۇلالايدۇ. بۇنداق دەرس بايلىقلىرى ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن. گەپ  ئۇنى قانداق بايقاش ۋە پايدىلنىشتا. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا يالغۇز دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، تىل ئۆگۈنۈش، يېزىق ۋە ئېغىزچە ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىر ھالقا، ھەربىر دىتال، ھەربىر تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇغۇچىلارغا جەمئيەتتىكى تىل بايلىقلىرىدىن  قانداق پايدىلنىشنى ئۆگىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپتىكى تۇرمۇش ۋاستىلىرىگە دىققەت قىلىش، قوش تىل ئىشلىتىلگەن كىتاب، گېزىت – ژورناللارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇۋاپىق كىتاب، گېزىت – ژورنال ئوقۇش، تالۇن ئىسىم كارتىسى ......قاتارلىق ئاددى نەرسىلەردىكى يېزىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆگۈنۈشكە تەرجىمە قىلىشقا يىتەكلەش، سىرتلارغا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش شەرتى ئاستىدا، ھەرخىل ئورۇنلارنىڭ ۋىۋىسكا، يول قاتناش تاختىلىرى، ئۇچۇر كۆزنەكلىرىگە ئەستايىدىل قاراش، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارنى كۆزىتىشكە، ئۆگىنىشكە يىتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە قوش تىلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، مال سېتىۋېلىش، كىسەل كۆرسىتىش، ئىش بىجىرىش .....قاتارلىق ئەمەلىي ئالاقە سورۇلىرىغا قاتناشتۇرۇپ، مۇشۇنداق ئەھۋاللار ئاستىدا مۇۋاپىق رول ئويناشنىڭ  ئۇسوللىرى، ئەھمىيىتىنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە مۇھىتىنى كېڭەيتىش،  مەكتەپ بىلەن جەمئىيەتنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن ھايات پائالىيەتلىرىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇش كررەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرى .
جەمئىيەت تەرەققىياتى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىيىشى ، بىلىم  ۋە ئۇچۇرنىڭ ئالمىشىش ، يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى .......قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ ئاشماقتا. جۈملىدىن، ئالاقە ماھارىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ماھارەتكە ئايلانماقتا. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش، ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى، بۇلۇپمۇ، يېزىش ۋە سۆزلەشنى ئاساسى ۋاستە قىلغان ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشى ناھايىتى زۆرۆر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۇسوللىرى ۋە يوللىرى كۆپ بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشى، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئاكىتىپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.
 
<O����bx��زىتىش ئىقتىدارى ئۆسسە مانا بۇ قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتۈپ كېتىشكە بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلىنى ياخشى تولۇق ئىگەللەپ،كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆسسە باشقا پەنلەرنىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ئىگىلەيدۇ.شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.بالىلارنىڭ شەيئىلەرنى كۆزىتىشى،تونۇشى بىر پۈتۈنلۈك،ئەمدى ماقالە ئوقۇتۇشتا (تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ)بالىلارنىڭ تۆۋەن يىللىقلاردىكى سۆزلەش،كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بولسا بۇ بىر قىسمەنلىك.مەن مانا مۇشۇ قىسمەنلىك ئۈستىدە توختالدىم.تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئاساستا   تۆۋەن يىللىقلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ ماقالە يېزىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ،ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.شۇنداقلا ھەممىمىز ئىزدىنىپ باشقا پەنلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە زور تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى.
 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
كارۋان1988 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-26 13:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-26 14:03