خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئەينەك2013-09-15 14:04

- لىكسىيە : مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى
مۇھىم نوقتا:ئوقۇغۇچىلارغا مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپلىرىنى بىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش مەقسىدى : ئوقۇغۇچىلارنى مەملىكىتىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا  بىر تەرەپ قىلالايدىغان ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش.
كونا جۇڭگۇدا گومىنداڭ ھۆكىمىتى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ پومىشچىك ،بىيۇگىرات بۇرۇژئازىينىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ،مىللى كەمسىتىش  ۋە مىللى زۇلۇم سىياسىتىنى  يۈرگۈزدى .ئاز سانلىق مىللەت خەلقى بىلەن  خەنزۇ خەلقى ئوخشاشلا ئەكسىيەتچى ھۆكىمران  سىنىپلارنىڭ ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئىزىشىگە ئۇچىردى .يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ئىكىسپىلاتاتسىيە تۈزۈمى ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيەقلغۇچى سىنىپلار يوقۇتىلدى ،شۇنىڭ بىلەن مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى ئىزىشنىڭ مەنبەسى يوقۇتىلىپ ،مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كىيىن،  ئىزىش ۋە ئىزىلىش ،ئىكىسپىلاتسىيە قىلىش ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتى باراۋەرلىك ،ئىتتپاقلىق ،ئۆز-ئارا ياردەم  بىرىشتەك يېڭى تىپتىكى سوتسىيالىسلىك مۇناسىۋەتكە ئايلاندى.
مىللەتلەر باراۋەرلىكى ،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ،ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىدە چىڭ تۇرۇش –مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىم دەۋرىدە مىللى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى.
مىللەتلەر باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش
مىللەتلەر باراۋەرلىكى دىگنىمىزدە مىللەتلەرنىڭ سىياسى ،ئىقتىزادى،مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.مىللەتلەر باراۋەرلىكى ماركىسىزىمنىڭ مىللى مەسلىدىكى تۈپ نوقىتئىنەزىرى. ماركىسزىم قارىشچە، ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىداچوڭ-كىچىكلىك ،كۈچلۈك-ئاجىزلىق،تەرەققىيات سەۋيىسى جەھەتتە پەرىق بولدۇكى ،ھەرگىز ياخشى-يامان دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ .مەيلى قايسى مىللەت بولمىسۇن،  ھەممىسى ئىنسانىيەت  تارىخى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان .شۇڭا ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەر ئورۇندا تۇرۇشى ،باراۋەر ھوقۇقتىن ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمان بولۇشى كىرەك ،مەملىكىتىمىزدىكى   56 مىللەتنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ  باراۋەر ئەزاسى بولغاچقا ،ھەر قايسى مىللەتلەر دۆلەت ۋە ئىژتىمائى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھالىرىدە باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇش ۋە ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ھەققىقى ئىشقا ئاشۇرىدۇ .
مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش
1.سىياسى ھوقوق ۋە ئژتىمائىي ئورۇن جەھەتتە ھەر قايسى مىللەتلەر باپباراۋەرلىكى   ئىشقا ئاشۇرۇلدى . مەملىكىتىمىزدىكى 56مىللەتنىڭ ھەممىسى دۆلەت ۋە جەميەتنىڭ خوجايىنى بولغاچقا ،ھەممىسى باراۋەر ئاساسىدا دۆلەتنىڭ ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا  قاتناشماقتا.
 مەسلەن :ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىغا قاتنىشىپ  مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا .
2.ئىختىزات ۋە مەدىنىيەتنى تەرەققىن قىلدۇرۇش جەھەتتە ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ . يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ،مەركەز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىىختىساد ،مەدىنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلىدۇرشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلدى ،شۇنىڭ بىلەن ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدىنىيەت ئىشلىرى ئىنتايىن زور نەتىجىلەرگە ئىرىشتى . بولۇپمۇ ئىسلاھات  ئېچىۋىتىشتىن بۇيان ئىختىساددا بىر  قەدەر چوڭ تەرەققىيات بولدى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يەنىمۇ يۇقرى كۆتۈرۈلدى .
3.ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزتىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتاباراۋەر ھوقۇقىغا ئىگە ،ئۆرۈپ –ئادەتلىرىنى  ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى .ھەر قايسى مىللەتلەر شەككىللىنىش ،تەرەققى قىلىش جەريانىدا ،ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ –ئادەتلىرىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرگەن .ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىخى ئەنئەنىسى ،تۇرمۇش ئۇسۇلى ،پىسخىلوگىيلىك ھالىتى ۋە ئىددىيىۋى ھىسياتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل پەرىق  ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ،شۇڭا ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرىگە، تىل-يېزىقىغا ،مىللى ھىسياتىغا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشى كىرەك .
مىللەتلەر ئىتپاقلىقىدا چىڭ تۇرۇش
مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى  دىگەندە ،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ  باراۋەرلىك ئاساسىدا بىرلىشىپ ،ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ،ئورتاق نىشاننى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈەش قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئجتىمائي تۇرمۇش ۋە ئۆز ئارا بېرېش كىلىشلەر جەريانىدا ھاسىل بولغان ئورتاق مەنپەئەت  ئاساسىدىكى باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا ياردەم بىرىش دوستانە ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىنى كۆتۈرىدۇ .
مىللەتلەرنى باراۋەر ئاساسىدا ئىتتپاقلاشتۇرۇش –پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللى مەسسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى .شىنجاڭ كۆپ مىللەت  توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون .ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر ئاساسىدا بىر –بىرىنى ئىززەتلىشىپ ،دوستانە بىللە ئۆتكەندىلا،  ئاندىن جەمىيەتتىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقىنى   ساقلىغىلى ،شۇنداقلا زىھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئختىسادى  قۇرلۇش بىلەن شۇغۇللىنىش  ئمكانىيتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ .  ، ئۇنداق بولمىسا ھۆكۈمەت مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى  تالاش -تارتىش ۋە ماجرالارنى ھەل قىلىش بىلەن ھاسىراپ كىتىدۇ ،پۇقرالارمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىيەلمەيدۇ . كۆپچۈلۈكنىڭ تۇرمىشىمۇ ياخشى ئۆتمەيدۇ . مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە جەمىيەتنىڭ  ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت تۈپكى كاپالەت بولغانلىقتىن  شىنجاڭنىڭ 50يىلدىن كۆپرەك تەرەققىياتى مۇشۇنداق تىز ۋە ياخشى بولغان .ئاپتونۇم رايونلۇق  پارتىكوم ئوتتۇرغا قويغان « ھەممە ئادەمدە مىللەتلەر ئىتتپاقلىق ئىدىيسى بولۇش ،ھەممە ئادەم  مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى بويۇنچە ياخشى ئىش قىلىش »  چاقىرقى قەدەممۇ-قەدەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەركەت نىزامىغائايلىنىپ ،شىنجاڭ بويۇنچە زور بىر تۈركۈم مىللتلەر ئىتتپاقلىقى  بويۇنچە ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار شەخىسلەر مەيدانغا كەلدى .مەسلەن :خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سۇچىلىق قۇرلىشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان سابىق خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مۇئاۋىن ۋالىيسى  باش ئىنژىنىر ۋاڭ ۋى ، مىللى ماجرانى ئەستايىدىل مۇرەسسە قىلىپ مىللەتلە ر  ئىتپاقلىقىنى قوغدىغان قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيە بازىرى  يېڭى بازار ئاھالىلەر كومتتىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى ئوسمان قادىر ،ئۇلۇغچات ناھىيسىدە نەچچە 10يىل سەھىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،ئاز سانلىق مىللەت بىمارلىرىغا 30نەچچە قېتىم ھەقسىز قان بەرگەن ياخشى دوختۇر ۋۇ دېڭ يۈن.قار –شىۋىرغاندا قاپسىلىپ قالغان نەچچە يۈز كان ئىشچىللىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتۇلدۇرۋالغان قازاق چارۋۇچى ئابدان قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر . يەنە ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق مارالبېشى نايىسىدىن 70ياشتىن ئاشقان ئابلىز بوۋاي ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن تاشلىۋىتىلگەن مېيىپ خەنزۇ قىزچاقىنى بېقىۋېلىپ ، نەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، يەنىلا بەرداشلىق بىرىپ  مىللەتلەر ئىتتپاقلىق كۈيىنى ياڭراتتى .
ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئوتاق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش
ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش دىگەندە ،ھەر قايسى مىللەتلەرنى سىياسەت ،ئىختىساد ،مائارىپ ،ئىلىم-پەن مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققى قىلدۇرۇش ،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىمۇ ئالغا  باستۇرۇش ۋە ساپاسىنى يۇقرى كۆتۈرۈش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
سوتسىيالىسلىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ،ئەمەلىيەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىلىششىدۇر ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى،ئەمەلىيەتتە،56مىللەتنىڭ  گۈللىنىشىدۇر ،ئورتاق گۈللۈنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى  سوتسىيالىزىمنىڭ  ماھىيتى بەلگىلىگەن .
يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللى ئاپتونومىيىەلىك جايلارنىڭ يېڭىلىق يارتىشىغا ،كەسىىپ قۇرۇلمىشى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مالىيە ،پۇل،مۇئامىلە ، ئختىساد ئىگىللىرى  قاتارلىق جەھەتلەردە  ياردەم بەردى .شۇڭا ھازىرقى باسقۇچتا ،ئىختىسادى قۇرلۇشنى مەركەز قىلىپ ،مىللى رايونلارنىڭ .ئختىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى  تىزلىتىپ ۋە شەرىق بىلەن غەرىپ ئوتتۇسىدىكى پەرىقىنى تەدرىجى كىچىكلتىش ئارقىلىق ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش –مىللەتلەتلەر ئىتتپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ،سوتسىيالىسلىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ،شۇنداقلا موھىم ۋەزىپە .-مىللى رايونلارنىڭ ئىخسادى ۋە مەدىنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ،ئالدى بىلەن مىللى رايونلاردا ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئىش كۆرۈشكە ،جاپا-مۇشاققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش رويىنى ئەۋىج ئالدۇرۇشقا ،ئۆزىنىڭ ئىجاتچانلىقى ۋە ئاكتىپلىقنى جارى قلدۇرۇشقا ۋە مىللى رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلنشقا توغرا كىلىدۇ ؛شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،دۆلەت مالىيە كۈچى ،ماددى كۈچ ۋە ئادەم كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاش ۋە ياردەم بىېرىش ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەرەققى قىلغان رايونلار ئارقىدا قالغان رايونلارغا ئادەم كۈچى ۋە پەن-تېخىنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بىرىش ۋەئالدىن  بېيىغانلار كىيىن بييدىغانلارغا ياردەم بىرىش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققى قىلىپ ،ئورتاق گۈللىنىشكە توغرا كىلىدۇ .
مۇھاكىمە سۇئالى: مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى نىمە؟نىمە ئۈچۈن؟
                    
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەينەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-20 21:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-01 22:11