خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:36


 

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى

 تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى

(مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر ”مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىدە“ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)

 جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى

ئەسكەرتىش:مەزكۇر يازما مىسرانىم تورى بىلەن لوپنۇرى بلوگىغا خاس،ھەر قانداق بېكەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ، مەزكۇر يازمىغا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەر ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى بلوگنىڭ سىغىم ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ بۇ يەرگە قويۇلمىدى.يەنىلا مىسرانىم تورىدىكى مەنبەدىن كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. مىسرانىمدىكى ئادىرىسى: http://bbs.misranim.com/thread-93904-1-1.html

ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىدە شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەر ۋە يەركەندىكى مۇرت توپلاش جەريانىنى ئەسلىمە شەكىلدە خېلى ئەتىراپلىق بايان قىلغان. ئاپتۇر(بەلكىم ئەينى ۋاقىتتىكى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن،توردىكى ئادىرستا ئاپتۇر ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەن) ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆلچەم قىلىپ، بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ قالدۇرغان. شۇڭىلاشقا، ئەسلىمىدىكى كۆز قاراشلارغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشقا،بەزى تارىخى ۋەقەلەرنى يەنىمۇ تەھقىقلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ئىزاھلاش زۆرۈر دەپ قارىغان جايلارنى ئىزاھلاپ كۆرسەتتىم.شۇنداق بولسىمۇ،بىر قىسىم جايلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر ئەسلىمە ئەينى ۋاقىتتىكى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرىدىن بىزنى خەۋەردا قىلغاچقا، بۇ تارىخقا قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈنلا تەرجىمە قىلىندى.ئەسلىمىدە ئاپتۇر پۈتۈنلەي ئۆز دىننىي ئېتىقادىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ،ئەتىراپىدىكى كىشىلەرگە باھا بەرگەن(مەسىلەن،ئۆز مۇرتلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆپتۈرۈپ،يەرلىك مۇسۇلمان ئاممىسىنى چۆكتۈردىغان قاراشلار).شۇڭىلاشقا، نۇرغۇن كۆز قاراشلاردا بىر تەرەپلىمىلىكلەر ھېلھەم مەۋجۈت. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا قارغۇچىلارچە ئەگىشىپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك.بۇنى ھازىرقى تارىخى،دىنى ۋە مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئۈنۋېرسال بىلىملىرىمىزگە تايىنىپ تۇرۇپ،نېمىنىڭ ئەمەلىي ۋەقە،نېمىنىڭ ھېسسىي چۈشەنچە ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مېنڭچە،شىۋىتلارنىڭ قەشقەر رايۇنىدىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئاساسي جەھەتتىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇلارنىڭ مۇرتلىرى قاتارىغا ئۆتكەنلەرمۇ ئاساسىي جەھەتتىن يېتىم-يېسىر،ئىگە-چاقىسىز بالىلار ۋە ئەينى ۋاقىتتا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مۇھتاجلىق ئىلكىدە قالغان كىشىلىرىمىز خالاس.شۇڭىلاشقا، بۇ كىشىلىرىمىزگە باھا بەرگەندىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوبىكتىپ شارائىتنى چىقىش نوقتا قىلغان ئاساستا باھا بېرىشىمىز بەكمۇ مۇھىم.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خىرىستىيان ئۇيۇشمىسى-چىقىش ئىنتايىن قىيىن بولغان تىك قىيا

مەن مەڭگۈ ھايات، 1902-يىل

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار