خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى(14)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:36

تۇنسانىڭ ھېكايىسى

ئوغۇللار ئائىلىسىدىكى بالىلار يەركەن ناھىيەسىنڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى بىر ھويلىغا،قىزلار بولسا، ئۇدۇل ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ كېتىلدى. تۇنسا قىزلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشتا چوڭراق ھېسابلىناتتى. تۇنسا ئەسلەپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى:“دىن تارقاتقۇچىلار ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، پەقەت بىزلا قالدۇق(ئۇيغۇر مۇرتلارنى دېمەكچى). ھەممىمىز بەك قورقۇپ كەتتۇق، بىز ئۇلارنىڭ(دىن تارقاتقۇچىلار) بىزدىن مەجبۇرىي ئايرىۋىتىلگەنلىكىنى كۆردۇق. بىزنى بولسا ئۇلار قاماپ قويدى، بىز پۈتۈنلەي دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدۇق. بۇ ۋاقىتتا بىز بارلىق كۈچ-مادارىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك، ھەممىمىز  يەردە يېتىپ يىغلاشتۇق. تۇيۇقسىز بىر ئادەم ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى، بىزنىڭ بىر يەرگە توپلىشىۋالغىنىمىزنى كۆرۈپ، بىر چەتتە زوڭزىيىپ ئولتۇردى. ئۇ خۇددي ئىتقا سۆڭەك تاشلاپ بەرگەندەك، ھەم قاتتىق ھەم كۆكىرىپ كەتكەن ناننى ”ئېلىشە، يېيىشە“دەپ تاشلاپ بەردى. بىز ئەينى ۋاقىتتا ھەم بىئارام بولدۇق ھەم قورقتۇق. بىزنىڭ بىرەر نەرسە يېگۈدەك ھەپسىلىمىز يوق ئىدى.لېكىن ئۇنى قۇبۇل قىلماسلىققىمۇ ئامالىمىز يوق ئىدى. ئۇ ئادەم بىزنىڭ تىتىرگەن ھالدا ناننى قولىمىزغا ئېلىپ، يېيەلمەي تۇرغان تۇرقىمىزنى كۆرۈپ، بىر ئاز ئىچى ئاغىرىدى بولغاي، چىقىپ كېتىپ، بىزگە يېڭى يېقىلغان ناندىن بەشنى ئەكىرىپ بەردى. كېيىن بىز ئۇنىڭ بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، ئىسمىنىڭ مەمەتجان ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ ۋاقىتتا بىز سېپىل ئىچىدىكى تۇرمە بىلەن قوغدىغۇچى ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقى ئارلىقىدىكى بىر ئۆيگە قامالغان ئىدۇق. ئەسكەرلەر بىزگە يېقىنلا جايدىكى بىر ئۆيدە ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئەمىر تۇرىدىغان ئۆي ئىدى. مەيلى ئەسكەرلەر ياكى جىنايەتچىلەر بولسۇن ئەمىر تۇرۋاتقان ئۆيگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قاراڭغۇ چۈشتى، ياشتا كىچىكرەك بالىلار ئۈگدەپ ئۇخلاشقا باشلىدى. لېكىن ئۆي ئىچىدە  بالىلار ياتقۇدەك بىر يەر يوق ئىدى،ئەسكەرلەرمۇ ئاشۇ زەيكەش توپا يەرگە بىرەر نەرسىنى سېلىشىمىزغا يول قويمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا يەردە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. لېكىن ياشتا چوڭراق بىر نەچچىمىز قەتئىي ئۇخلىيالمىدۇق، بىز ئېسىمىزدە قالغان مەدىھە ناخشىلىرىنى غىڭشىپ، ئىلاھتىن بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندۇق. پەقەت مۇشۇنداق قىلىشلا بىزگە ئەڭ زور تەسەللى بولاتتى. يېرىم كېچىدە بىر ئەر كىشى قۇلۇپنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ قولىدا قىلىچىنى تۇتقان پېتى:ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىڭنى تۈزۈشتۈرۈش، ئەمىر ھەر قايسىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى، دېدى. بىز ئامال بار تېزرەك ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشتۇق، كۆڭلىمىزدە يىغلاپ تۇرۇپ ئىلاھتىن ياردەم تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى، بىز كۆرىدىغان كۆرگۈلۈكلىرىمىزنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلەتتۇق. بۇ ۋاقىتتا يەنە ئىككى ئەر كىشى كىرىپ كەلدى. بىرسى قولتۇقىغا بىر كىتابنى قىستۇرۋالغان، يەنە بىرسى يېنىغا قىلىچ ۋە تاپانچا ئاسقان ئىدى. ئۇ قىلىچىنى چىقىرىپ بىر تەرەپتىن كۆز ئالدىمىزدا پۇلاڭلاتقاچ،  يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن ۋالاقلاپ ۋەز ئېيتتى. ھەقىقىي ئىتىقادنىڭ ئىسلاملا ئىكەنلكى يەنە كېلىپ ھەر قانداق ئەپسانە سۆز بىلەن خرىستىيان دىننى سۈپەتلىسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلغان بولمايدىغانلىقى، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا خىرىستىيان دىنىغا ئىشنىدىغانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ بولسا ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى دېگەندەك بىر گەپلەرنى قىلدى. بىر مەزگىللىك ۋەزدىن كېيىن، ئۇ بىر پارچە قەغەزنى چىقىرىپ، قەغەزگە كۆچۈرۈلگەن قۇرئانچە خەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە ئەگىشىپ بۇ خەتلەرنى ئوقۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇ خەتلەر ئەرەپچە بولغاچقا، ئۇنىڭ نېمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى بىز بىلمىدۇق. بىز ئۇنىڭدىن مەنىسىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە ”بۇنىڭ مەنىسىنى بىلىشىڭنىڭ زۆرۈريىتى يوق، پەقەت توغرا ئوقۇساڭلا بولىدۇ، پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئۆگەنسەڭلا، تەڭداشسىز ئاللاھ سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلايدۇ“دەپ ۋاقىرىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى بىزنى بەك ھەيران قالدۇردى، چۈنكى، مەكتەپتە(شىۋىتلار ئاچقان مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ) نېمىنى ئۆگەنسەك، مۇئەللىم ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلگىنىمىزگە قەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈرەتتى. ئارقىدىنلا ئۇ بىزدىن:قايسىڭلار خىرىستىيان مۇرىتى؟دەپ سورىدى. ئالتە قىز بالا ئىچكىي ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئىنجىلدىكى بىر قىسىم تېكىستلەرنى ئەمدىلا ئوقۇشقا باشلىغان ئىدۇق. بۇ گەپنى ئاڭلاپلا، يېقىندىلا چوقۇندۇرۇشنى قۇبۇل قىلغان ئۈچىمىز( ئايىم، رەيھان،تۇنسا) ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن باشقىلارغا  جىم ئولتۇرۇپ قوپماسلىققا ئىشارەت قىلغاچ، يېنىمدىكى رەيھانغا پەس ئاۋازدا:ئۇلارنىڭ ئازاب چېكىشىنىڭ ھاجىتى يوق،بارلىق ئىشلارنى بىزلا ئۈستىمىزگە ئالايلى،دېدىم. شۇنداق قىلىپ بىز ئۈچەيلەن ئۇنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتتۇق. بىزنىڭ بىچارە ئانىمىز (تۇنسانىڭ ئانىسى)ئەسلىدە بىز بىلەن بىللە تۇرشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئۇ چىقىشقا پېنتىنالماي، بالىلار بىلەن بىر چەتتە قالدى. ئۇ بىزگە بىر خىل ئەيبلەش نەزىرى بىلەن تىكىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەرنىڭ بىزنى تەھدىت سېلىش ۋە ھاقارەت قىلىشى يەنە باشلاندى.ئۇ بىزنى ”كاپىر،ئىت، يەر يۈزىدىكى ئەڭ مەينەت چوشقا،قېرىنداشلىرىنىڭ يۈزىنى تۆككەن مەلئۇن“دەپ تىللىدى ھەم قارغىدى. ئەڭ ئاخىردا ئۇ بىزدىن :يېقىندا چوقۇندۇرۇلغان ياكى بالا ۋاقتىمىزدىلا چوقۇندۇرۇلغانلىقىمىزنى سورىدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ بىزنى دوزاقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  ئۇ يەنە“ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ بىدئەت يولدىن قايتىپ، كىچىك ۋاقتىڭلاردا قۇبۇل قىلغان ئېتىقادىڭلارغا قايتىشىڭلار كېرەك، ئەسلىدە سىلەر دەسلەپتىلا ئۆز ئېتىقادىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار كېرەك ئىدى“دېدى. بىز جاۋاب بەرمىدۇق. ”نېمە دېگەن نادان بالىلار-ھە، ئەجىبا، بۇ سۇئالنىڭ پەقەت بىرلا جاۋابىنىڭ بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟بۇ يەردە مىكى-مىكى گەپلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ“،دېدى. ئۇ بۇلارنى دەۋاتقاندا مەن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنى ئەسلەپ قالدىم. چۈشۈمدە مەن قۇتقازغۇچىنى كۆرگەن ئىدىم. بىز ئۈندىمەستىن جىم تۇردۇق،كاللىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئوي-پىكىرلەر لىپ-لىپ قىلىپ چاقناشقا باشلىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان تاغا-ھەدىلەرنىڭ دائىم بىز ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغانلىقى، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئىلاھ ئۈچۈن دەلىل بولالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ بۇنىڭغا مايىل بولۇپ،ئاشۇنداقلاردىن بولۇشقا تىلاۋەت قىلمىدۇقمۇ؟

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار