خرىستىيان دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى 1919-يىل
تەبىئىيكى، ئالى ۋە باشقا خرىستىيان دىنغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەر ئەتىراپتىكى قوشنا-قۇلۇملارنىڭ دېققەت قىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى شۇنى بايقىدىكى، بۇ خىرىستىيان مۇرتلىرى گەرچە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ۋە قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇرۇنقىدىن يەنىلا خۇشال_خۇرام ياشاۋاتاتتى. تۇرمۇشتىكى مانا مۇشۇنداق ئىجابىي تەرەپلەرنىڭ نامايەن بولىشى بارا-بارا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ مايىللىقىنى كۈچەيتتى.شۇنداق قىلىپ خرىستىيان دىنى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادىمى تىز سۈرەتتە كۆپىيىشكە باشلىدى. 1919-يىلىدىن 1939-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرامىغا يەتكەن ساداقەتمەن مۇرتلار 200 دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى ئىسلام دىننىغا ئىتىقاد قىلغان كىشىلەر ئىدى. ئەگەر بۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ھېساپقا ئالىدىغان بولساق، بۇ سەپكە قېتىلغانلارنىڭ سانى بەش يۈز نەچچىگە بارىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ چىگىراسى ئىچىدىكى شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلارمۇ 30 نەچچە ئادەمگە يەتكەن ئىدى.
1928-يىلى قەشقەردە بىر قېتىملىق كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان ۋەقە يۈز بەردى. 26 ياشلىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ياش، ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ خىرىستىيان دىننىغا كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ دادىسى شىئە مەزھىپىدىكى ئاتىقى بار موللا ئىدى، ئۇ ھىندىستاندىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پاسپورتى بار ئىدى. گەرچە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ئۇ ئائىلىسىنىڭ تەھدىتى ۋە بېسىمىغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چوقۇندۇرۇشنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، سۇننى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار باشقا خىرىستىيان مۇرتلىرىغا قىلغاندەك ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ چوقۇندۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىگە يوھان دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ چاغدا ئۇ دىن تارقىتىش جەمىيىتىنىڭ باسمىخانىسىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇلار دىننىي كىتاب ماتىرىياللارنى بېسىش بىلەن بىرگە، ئەينى ۋاقىتتا بار بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللىرىنىمۇ باساتتى. يەنە قەشقەرلىك سودىگەرلەر ئۈچۈن ھېساۋات دەپتىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان باياناتلىرىنىمۇ بېسىپ بېرەتتى.
بۇ ۋاقىتتا ئالى ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، قەشقەر دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەز ئېيتقۇچىسىغا ئايلانغان ئىدى. گەرچە بازار رەستىلەردە تاسادىبىي باشقىلارنىڭ قارىشلىقى ۋە ئېتىراز بىلدۈرىشىگە ئۇچىرىغان، ھەتتا خەتەرلىك تەھدىتلىرىگە يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىللىق مۇئامىلىلىك، خۇش پېئىللىق ئادەم يەنىلا يېقىن دوستلىرى تەرپىدىن پۈتۈنلەي تاشلىۋىتىلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالى ئىسمى-جىسمىغا لايىق مىھرىبان ۋەز ئېيتقۇچى ئىدى. يەكشەنبە كۈنلۈك ئىبادەت مەزگىلىدە، چېركاۋغا قىزىقىپ ۋە ھەۋەس قىلىپ كېلىدىغانلار رەسمىي خىرىستىيان مۇرتلىرىدىن كۆپ بولاتتى. ئۇ دائىم ئىنجىلدىكى ”ئاداشقان بالىنىڭ يامان يولدىن قايتىشى“دېگەن ھېكايىنى سۆزلىگەندە، ھېلىقى ئۇچىسىغا يوللۇق يىپەك تون،بېشىغا ئاق بۆك،پۇتىغا ئۇزۇن ئۆتۈك كىيىۋالغان سالاپەتلىك ياشنىڭ ناھايىتى تەنبەل بىر ئاتنى مىنىپ، سۈر ھەيۋە بىلەن دادىسىنىڭ ئۆيىدىن قانداق ئايرىلغانلىقىنى ئىنتايىن جانلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بېرەتتى. ئۇلار ئالىنىڭ ئاشۇ جانلىق تەپسىرلەشلىرىدىن، ھېلىقى بالىنىڭ كاپىرلار ئۈچۈن چوشقا بېقىپ بېرىدىغان پەسكەش ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى، ئۆيىگە ئۆمىلەپ قايتقانلىقى، تېجىمەللىكتە قەشقەر كوچىلىرىدىكى قەلەندەرگىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەڭ ئاخىردا دادىسىنىڭ ئۇنى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا قارشى ئالغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆرىۋالالايتتى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]