خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى(15)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:36

ئاخىردا ھېلىقى ئەر كىشى ئىنتايىن غەزەبلەنگەن ھالدا:دەرھال ئېيت،قۇلىقىڭ ۋە تىلىڭ بولمىسا ئۇ باشقا گەپ، دەپ ۋاقىردى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ئەقلىنى يوقىتىپ، بىرەر تەلۋىلىكنى قىلىپ تاشلايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا:بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا خائىنلىق قىلدىغان ئىش-ھەركەتلەرنى قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. ”ئېتىقاد!ساڭا ئوخشاش ئادەملەردە ئېتىقاد بارمۇ؟ قارىغاندا، سەن ئاللىقاچان ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قاپسەن، سەن پەقەت بىر ئايال خالاس،دەپ ۋاقىردى.

_ ئىسمىڭ نېمە؟

_تۇنسا،دېدىم مەن.

_ مەن بىلدىم،سەن ئۇلار تەرىپلىگەن گىرانات كاللا شۇ. سېنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغىنىمنىڭ پايدىسى يوق،بەرىبىر سەن مېنىڭ قولۇمدىكى ئادەم، دىدى ئۇ. ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ،ئېشىكنى جالاقلىتىپ ياپقانچە چىقىپ كەتتى. تەخمىنەن بىر كۈندىن كېيىن، يېشى كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى ئېلىپ كېتىلدى، ھەمدە يەرلىك مەكتەپكە ئاپىرىلىپ بىر ئاخۇننىڭ باشقۇرشىغا تاپشۇرۇلدى. قالغان 14 قىز ۋە تۇنسانىڭ ئاپىسى سېپىل ئىچىدىكى بىر كىچىك ھەم مەينەت ئۆيگە قاماپ قويۇلدى. بىر قېتىم ئۈچ ئەسكەر ئۈسۈپ كىرىپ ئۇلارنى مازاق قىلدى ھەمدە ھاقارەتلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار بۇ يەرگە سولاپ قويۇلغىنىدىن يەنىلا خۇرسەن بولۇشتى.

تۇنسا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كېچىسى، ئەمىر قەشقەردىن كەلگەن قىزلار بىلەن كۆرىشىدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ھاۋا، مادا(马大)  ۋە زەينەپلەر خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى بىلەن بىرگە كەتتى. مادا بىلەن زەينەپ ناھايىتى تېزلا قايتىپ كەلدى. لېكىن،ھاۋا ئېلىپ قېلىنغان ئىدى. بىز كۈتتۈق،كۈتكەنسىرى جىددىيلىشىشكە باشلىدۇق. تاڭ يورۇپ كۈن چىقاي دېگەن ۋاقىتتا ئۇ قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا،دەرمانسىزلىقتىن يەرگە يىقىلدى ھەم يىغلاپ كەتتى.

ھاۋانىڭ ھېكايىسى

ئۇ بىر دەم يىغلىغاندىن كېيىن،سەل تېنچلاندى ھەمدە بىزگە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى: باشقا ئىككى قىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەمىر ئىشىكنى تاقىدى ھەمدە ماڭا بۇرۇلۇپ ”سەن ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولدۇڭ“دېدى. مەن ئۇنىڭدىن قېچىپ بىر چەتكە ئۆتىۋالدىم. ھەمدە غەزەپ بىلەن“خۇددى ئاكامنى ئۆلتۈرۋەتكەندەك، مېنىمۇ دەرھال ئۆلتۈرۋەت!“دەپ ۋاقىرىدىم. ئۇ خەنجىرىنى سوغۇرۇپ ، كۆز ئالدىمدا بىر نەچچىنى پۇلاڭلاتقاندىن كېيىن، يەنە قېنىغا سېلىپ قويۇپ،سۈكۈت ئىچىدە ماڭا تىكىلدى. مەن بەرداشلىق بېرلمەي يىغلىۋەتتىم“مېنىڭ شۇ بىرلا ئاكام بار ئىدى،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق تۇققانلىرىممۇ يوق ئىدى.مەن ھازىر يار يۆلەكسىز قالدىم، شۇنداقلا ئاكامنى ئۆلتۈرگەن ياۋۇز كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم“دېدىم. شۇ ۋاقىتتا، مەن تۇيۇقسىز ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان ھابىلنىڭ قول سائىتىنى كۆرۈپ قالدىم. ”ئەنە ئۇ مېنىڭ ئاكامنىڭ سائىتى ئىكەن“دەپ ۋاقىردىم. ئەمىر بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ماڭا بۇرۇلدى، ھەمدە مېنىڭدىن ”نېمە دەۋاتىسەن؟قىزچاق. سەن بۇ يىگىتنىڭ سىڭلىسىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ خۇددى بۇ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمىغاندەك قاتتىق بىر سىلكىنىپ،تەمكىنلىشىپ قالدى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۇلاپلا: بۇ ئىش ئۈچۈن كۆڭلۈكنى يېرىم قىلما.مەن سېنى ھازىرلا مېنىڭ خانىشىمغا ئايلاندۇرمەن. ئۈرگۈگەك قۇش قېنى بۇ ياققا كەل!دېدى. ئەتىگەندە ئۇ مېنى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى مېنىڭدىن بىرەر ياخشى دوستۇمنىڭ بار- يوقلىقىنى سورىدى.مەن تېخى ئۇنى يۇمشاپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن. شۇڭىلاشقا ”بار،ئۇنىڭ ئىسمى بۇرەيھان“دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ماڭا ”ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ، شور پىشانە بالا، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايمەن.لېكىن، سەن چوقۇم ياخشى دوستۇڭ بۇرەيھاننى ئورنىڭغا ئەكىلىپ قويۇشۇڭ كېرەك، دېدى. مېنىڭ سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كەلگۈدەك يۈزۈم قالمىغان ئىدى.چۈنكى، مەن ئەسلىدە ھابىل بىلەن توي قىلماقچى بۇرەيھاننى ئۇنىڭغا دەپ قويغان ئىدىم. ئەمما،ئۇلار مېنى بۇ يەرگە ئەكەپ قويغاندىن كېيىنلا،بۇرەيھاننى ئېلىپ كەتتى. ئەمىر ئۇنى كۆرۈپلا. بىر دوستىنى گۇۋاھلىققا چاقىردى، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى بويىچە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھابىلنىڭ كەلگۈسى ئايالى يەركەندە بىر مەزگىل خانىش بولدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار