بۇگۈن قەشقەرنىڭ قايناق بازار كۈنى، بازار كىشىلەر بىلەن لىق تولغان، ھەممە يەردە ۋاقىتلىق قويۇلغان مال يايمىلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم،گۈلە-قاق ساتىدىغانلارمۇ بار، قەشقەرنىڭ ئەتىراپىدىكى كىچىك بوستانلىقلاردىن ئۆزلىرى تېرىغان سەي-كۆكتاتلارنى ئېلىپ كېلىپ قازان، داس، چېلەك ۋە ئات جاپدۇقلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كېتىدىغانلارمۇ بار. بۇ ۋاقىتتا، شۇنداق بىر نەزەر تاشلىسىڭىزلا قاۋۇل، ساغلام بەدەنلىك ئۇيغۇرلار توپىنىڭ ئاساسىي قىسىمنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئۇلار چىلان رەڭلىك ياكى سىزىقچىلىرى رەڭدار قېلىن يەكتەك ، ئاق رەڭلىك ئىشتىنىنىڭ ئۈستىدىن ئىگىز قونچىلىق ئۇزۇن ئۈتۈك، پاكىزە چۈشۈرۋېتىلگەن بېشىغا چۆرىسىگە تىۋىت تۇتۇلغان سالۋا تۇماق كىيۋالغان بولۇپ ، ئىنتايىن ئۆزگىچە كۆرىنىدۇ. ئەمما، گاھىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىچكىرىدىن كەلگەن ناھايىتى ئورۇق، كۆك ماتا ياكى يىپەك رەختلەردىن كىيىم كىيۋالغان خەنزۇلارنى ياكى غەرپ تەرەپتىن كەلگەن ئۇزۇن ھەم كەڭرى چاپانلارنى، ئۇچلۇق باش كىيىملىرىنى كىيۋالغان روسلارنى ۋە ياكى بومبۇر ساقال ھىندىستانلىقلارنى، پامىر تەرەپتىن كەلگەن يۈزلىرى قىپ-قىزىل ،تۆگىلەرگە مىنىۋىلىپ كۆزلىرىنى قىسقان ھالدا پەسكە قاراپ ماڭىدىغان قىزغىزلارنىمۇ ئۇچىرىتىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، كوچىدا ئېشەك ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ماڭدامدا بىرى ئۇچىرايدۇ،بەزەنلىرى ئۇتۇن ئارتقان؛ بەزەنلىرى سېۋەت-سېۋەتتە قوغۇن-تاۋۇز دېگەندەك نەرسىلەرنى ئارتىشقان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا، يوغان باغلانغان ئوت-بوغۇزلارنى ئارتىشقان بولۇپ، خۇددى مېڭىۋاتقان ئوت-چۆپ دۆۋىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
بازارنىڭ بىر تەرىپىدە ھېيتگاھ جامەسى بولغاچقا، بۇ بازار مۇشۇ مەسچىتنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بازاردىكى رەت-رەت ھەرخىل ھەر تۈرلۈك يايما دۇكانلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاققىچە سوزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ياغاچچىلار كوچىسى بولسا يارباغ دەرۋازىسىغا يېقىن شەھەردىن چىقىدىغان بىر ئېغىزدۇر. قەشقەر بولسا سېپىل بىلەن قورشالغان بىر شەھەر. تۆت ئەتىراپتا تۆت دەرۋازا بار بولۇپ، بۇ دەرۋازىلار كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى ئەتىسى كۈن چىققۇچە دائىم تاقاقلىق تۇرىدۇ. ئەگەر چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يول خېتى بولمىسا، كىشىلەر بۇ جايدىن خالىغانچە چىقىپ كىرەلمەيدۇ. شەھەر سىرتى يوغان چاقلىق يارىيار ھارۋىلار بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ ھارۋىلار ئادەتتە تاڭ ئاتماستا يولغا چىقىدىغانلار ياكى قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدا تۈنەپ قالغانلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر سىرتىدا يەنە ئاز مىقداردا كىچىك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرى ۋە بۇلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردىغان كوچىدا توۋلاپ يۈرۈپ مال ياكى نان ساتىدىغانلارمۇ بار. شەھەر سىرتىدىن ئۇزاقلاپ ماڭسىڭىز، ئەتىراپتىكى بەش چاقىرىم يەرنىڭ ھەممسى يېشىل بوستانلىق، شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇب تەرپىگە 60 چاقىرىم ماڭسا، سۈپ-سۈزۈك بوشلۇقتا چاقناپ تۇرغان قاراقۇرۇم تېغى ياكى دۇنيانىڭ ئۇمۇرتقىسى دەپ ئاتالغان پامىر ئىگىزلىكى كۆزگە تاشلىنىدۇ. شەھەرنىڭ شىمالىي قىسمىدا شىنجاڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان تەڭرىتېغى بار. مانا بۇ دېڭىزدىن ئەڭ يىراق_ ئاسىيانىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان قەشقەر شەھىرى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]