ئۇ ۋاقتىلاردا غەرپ دۆلەتلىرىدە قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسىنى قۇبۇل قىلىشى ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى، لېكىن ئۇيغۇرلاردا، ھەتتا پۇلى بار ھاللىق ئائىلىلەردىمۇ قىزلارنىڭ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ناھايىتى تەس ئىدى. قىزلار ئائىلىسىدىكى بۇ يىگىرمە بەش قىز مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئائىلە باشقۇرۇش جەھەتتىنمۇ ياخشى تەربىيەلىنەتتى. شۇڭىلاشقا، ئۇلارنى باشقىلار ئوڭايلا ياقتۇرۇپ قالاتتى. ئون بەش ياشقا توشىشى بىلەنلا باشقىلار ئۇلارنى سوراپ كېلىشكە باشلايتتى. (ئون بەش ياشقا توشمىسا، ئاندىرسىن خانىم ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلمايتتى).
مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى چېچەن ۋە ئەقىللىق بولۇپ، مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. مۇھەممەد قۇشلارنىڭ تۇرمۇشنى كۈزىتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ كاككۇكنىڭ قانداق قىلىپ باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇخۇم تۇغۇدىغانلىقىنى ئۆگەنگەن مەزگىلدىكى ھاياجانلانغان تۇرقىنى كۆرگەن كىشىنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ كېتەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ۋاقىتتا قۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇ ئوقۇغۇدەك ئۇيغۇرچە كىتاب ياكى ژورناللار يوق ئىدى، ئۆزىمۇ مەخسۇس بۇ ھادىسىنى كۈزۈتۈپ باقمىدى، پەقەت مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ بىلدى، خالاس.
مۇھەممەد 17 ياشقا كىرگەن يىلى يۇسۈپمۇ قەشقەردىن يەركەنگە يوتكىلىپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا دىنىي ئۇيۇشما گۈللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، دىن تارقىتىش پونكىتىدا خىزمەت قىلىدىغان ياشلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ چوقۇندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇھەممەد ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، ئۇ چوقۇندۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسمىنى ھابىلغا ئۆزگەرتتى. يۈسۈپ ۋە ھابىلنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، بۇ بىر توپ ياشلارنىڭ ئىنجىلنى قۇرداشلىرى ئارىسىغا تارقىتىشقا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.
ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى سەمىمىيلىكى، مىھرىبانلىقى، پاك-مەسۇملۈكى ۋە ئەخلاقى ھەرىكەتلىرى مۇسۇلمان دوستلىرىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى.
1931-يىلى شىنجاڭدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ، ھەممە ئادەمنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. 1932-يىلى ئىچكىي ئۇرۇش پارتىلىدى. شىمالىي شىنجاڭدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئىدارە قىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.يەنە ئىچكىرىدىن زور كۆلەمدە مۇسۇلمانلار كىرىپ كەلدى(ماجۇڭيىڭ باشلاپ كەلگەن تۇڭگانلار بولسا كېرەك.كېيىن كىشىلەر بۇنى ياپۇنيەنىڭ پىلانلىشى ۋە ياردەم بېرىشىن بولغان دەپ گۇمان قىلىشتى). جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەندە بىر مۇسۇلمان مەزھىپىنىڭ ئېسىيانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى(مۇھەممەد ئىمىن باشچىلىقىدا خوتەن قارقاشتا كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭنى كۆرسىتىدۇ-تەرجىماندىن).شۇ ۋاقىتتا خەلق ئارىسىدا مۇنداق ئەپقاچتى گەپلەر تارقالغان: خوتەن ھەم نۇرغۇن قارغۇلارچە ئەگىشىدىغان مۇسۇلمانلارھەم ئەقىللىق ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ جاي. ئۇ ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا، بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ئاتلىق ۋە پىيادە چىقىپ، غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا سۈر-توقاي يۈرگۈزۈپ، بارغان ھەر بىر يېزا-كەنتتىكى بارلىق مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن، ئۇچىرىغان بارلىق خەنزۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى ئۇرۇش غەنىمىتى قاتارىدا ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار بۇ قېتىملىق ئېسىياننى مۇسۇلمانلارنىڭ جىھادقا چىقىشى دەپ ئاتىغان. بۇ قېتىملىق جىھاد ئاساسلىقى بۇتقا چوقۇنىدىغان خەنزۇلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار قىلچە رەھىم قىلماستىن، بىرى ئۇچىرىسا بىرىنى، يۈزى ئۇچىرىسا يۈزنى قىرىپ تاشلىغان، بىرنىمۇ ئاشۇرۇپ قويمىغان. (بۇ ھەقتە تارىخى ماتىرىياللاردا ھېچقانداق تارىخى پاكىتلار ئوتتۇرغا قويۇلمىغان، ئاپتۇر بەلكىم كوچىدىكى مىش-مىش پاراڭلارنى ماقالىغا ھەقىقىي ۋەقە سۈپىتىدە قىستۇرغان بولىشى مۇمكىن،چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا قارىقاشتىكى ئېسىيانچىلار جىن شۇرىننىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلغان بولۇپ،بۇ يەردە ئاپتۇر بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنى مەجبۇرى قىستۇرۇپ قويغان، تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ ۋاقىتتا خوتەن تەرەپلەردە ئۇنچىۋىلا كۆپ خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ بولىشى ناتايىن.چۈنكى، ليۇ جىشاۋ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا جىن شۇرۇننىڭ خوتەندە تۇرۋاتقان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 500 ئەتىراپىدا ئىكەن<ئۇيغۇر تارىخى ئىككىنچى قىسىم ئىككىنچى كىتاپ 1209-بەت>-تەرجىماندىن)
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]