خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى(6)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:36

بىر قېتىم ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ بىر يىغىلىشىغا باردى. بىر ئەر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنۇلارنى ئوقۇدى:مەن سىلەرگە چىن كاپالەت بېرىمەنكى، بىزنىڭ يولىمىزدا ماڭساڭلار، ئۆلۈمنى مەڭگۈ كۆرمەيسىلەر(约翰福音8:51 ).

ئۆلۈمنى مەڭگۈ كۆرمەيسىلەر! ئالى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى. يەنە شۇ ھېلىقى چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆز. ئەمما بۇ قېتىم بۇ گەپنى دېگىنى ياش ھەم بەستلىك قىزىل بۆك كىيىگەن بىرى ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، مۇنبەرنىڭ ئۈستى تەرپىگە تارتىلغان لوزىنكىدىكى مۇنۇ خەتلەرنى ئوقۇدى: ھەقىقى ئىلاھىڭنى تونۇ، ساڭا ئەۋەتىلگەن خرىستوس ئەيسانى تونۇ، مانا بۇ ئەبەدىيلىك. (  约翰福音17:3  )

بۇ ناسارالار  (قۇرئاندا خرستىيانلارنى شۇنداق ئاتىغان) زادى نېمىگە ئىشىنىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئىچى پۇشتى. ئۇ ئۇلارنى كۆپ خۇداغا ، يەنە بىر ئايال ئىلاھقا ئىشىنىدۇ،ئەمما مۇسۇلمانلار يىگانە ئالاھقا ئىشىنىدۇ، خرىستوس ئەيسا بولسا بىر پەيغەمبەر دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇ قېپقېلىپ زادى نىمىلەرنىڭ دېيىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى.

بىر دىن تارقاتقۇچى ئۇنىڭ خەت تونۇيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بىر پارچە ئىنجىلنى بەردى. ئالى ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، قايتا-قايتا ئوقىدى. بىرەيلەن ئۇنىڭ بىر كىتاپنى شۇنچىۋىلا قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن نىمە كىتاپ ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئىنجىل (قۇرئاندا مۇقەددەس كىتابنى مۇشۇنداق دەپ ئاتايدۇ) دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

ئاھ خۇدا! ئۇنداق كىتابنى ئوقۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ھېلىقى ئادەم شۇنداق دەپ توۋلىغانچە ئۇنىڭ قولىدىن ھېلىقى كىتابنى ئېلىپ، ئۇنى ئوتقا تاشلىۋەتتى. سەن مۇقەددەس كىتابقا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ دەپ سورىدى ئالى. لېكىن ھېلىقى ئادەم ئۇنى قارغىغانچە كىتىپ قالدى.

   ئالى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئۇ دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا بېرىپ ئىنىجىلدىن يەنە بىرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇ بۇ كىتابنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇپ يۈرۈپ كۆردى. لېكىن، بىر قېتىم ئۇ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوقۇغانلىرى ھەققىدە ئورتاقلاشماقچى بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ھېلىقى دوستى كىتابنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.ھەمدە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ:سەن بۇنى يەنە ئوقۇۋېرىدىغان بولساڭ، كاپىر(دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشى)غا ئايلىنىپ كېتىسەن، دېدى.

   ئالى يەنىلا بەل قويۋەتمىدى، ئۇ كىتابتىن يەنە بىرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ تېخى يەكشەنبە كۈنلىرى ئوغۇرلىقچە چېركاۋغا بېرىپ، ۋەز ئاڭلايدىغان بولىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئەسلىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى، ئۇ ۋاقىتتا  ھېلىقى دىن تارقاتقۇچى ئاچقان دوختۇرخانا رېمۇنت قىلىنىۋاتاتتى. ئالى ئۇ يەرگە بېرىپ ۋاقىتلىق خىزمەت تاپتى. ھەمدە كۆڭلىدە:كېسەل –ئاغرىقلارغا ياردەم قىلىش يامان ئىش ئەمەستۇ؟دەپ ئويلىدى.

   بۇ مەزگىلدە ئۇ دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەپسىلىي كۈزەتتى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. دوختۇرخانا بىناسى رېمۇنت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئالى ئۇ يەرگە يېقىن يەردىن بىر خىزمەت تاپتى. كۈنلەر ئۆتۈۋەرگەنسىرى ئاشۇ شىۋىتلارنىڭ خۇشال،ئىناق تۇرمۇشى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرشقا باشلىدى. ئۇ دائىم دوستلىرى بىلەن بۇ ئىشلار ھەققىدە پاراڭ قىلىدىغان بولىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تېنچ، ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا بىر خىل ئۆز-ئارا ئىشەنچ بار. شۇڭىلاشقا، ئېتىقاد جەريانىدا بىر-بىرىگە كىشىگە ئارام بېغىشلايدىغان تەسەللىي ۋە ئىلھاملارنى بېرەلەيدۇ. بۇ خىل كەيپىياتنى ئالى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار