خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى(3)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:36

     ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر بازار كۈنىدە، ياش ئالى ئېشەك مىنىپ قەشقەرگە كېلىپ بىر ھەپتىلىك سودىلىقلىرىنى قىلماقچى بولدى. بازاردىكى بارلىق مەزىرە ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋاراڭ_چۇرۇڭ ئاۋازلار ئىچىدىن تاسادىبىي ھالدا بىر جۈملە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ دەرھال توختاپ زادى قانداق ئاۋاز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى. ئەسلىدە ئۈستى-بېشىنى چاڭ-توزان قاپلىغان كۈلرەڭ ئۇزۇن يەكتەك كىيۋالغان بىر ئادەم بىر توپ  ياشلارغا ( ساداقەتمەن ئىسلام مۇرتلىرى) نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ ”شۇنداق، مەن مەڭگۈ ئۆلمەيمەن“ دەۋاتقىدەك. ئالى ئىچىدە بۇ ئادەم چوقۇم كاللىسىدىن ئېزىپتۇ“ قاراڭلار ئۇنىڭ ھەم قېرى ھەم ئورۇق بەستىگە يەنە تېخى ئۆلمىگۈدەك“، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاۋۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كىشى كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىدى، يېنىدىكى بىر ئاڭلىغۇچىدىن.

_ئاۋۇ چەتئەللىكنى دەۋاتامسىز؟ ھە، ئۇ بىر دىن تارقاتقۇچى.

_ئۇ ئاۋۇ دوختۇرخانىدىكى ئادەممۇ؟

_ ئۇنىڭ دەيدىغان گېپى ئوخشىماي تۇرىدۇ.

_ ئۇ ساراڭمۇ؟

_ ھە! ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ بىر خىرىستىيان مۇرىتى.

_ ئەمما، ئۇنىڭ ”مەن مەڭگۈ ياشايمەن“دېگىنى زادى قانداق گەپ؟

_ مەن بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭ مەڭگۈ ياشىغۇسى باردۇر. بىزمۇ ھەم شۇنداق ئويلايمىزغۇ؟ئاللاھنىڭ بىزگە بەخت ئاتا قىلىشىنى ئارزۇ قىلايلى! توغرا، سىز ئازراق كېسەك چاي ئالامسىز؟ ئۇلار شۇنداق دېيىشىپ بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا مېڭىشتى.

   ئەتىراپ قاراڭغۇلاشتى، يېزا يولى ئۆيلىرىگە ئالدىراپ قايتىۋاتقان دېھقانلار بىلەن تولۇشقا باشلىدى. بەزىلىرى ئېشەك مىنىۋالغان، بەزىلىرى ئات ياكى ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرغان. بەزىلەر يۇقىرى ئاۋازدا مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ياڭرىتىشقان، بەلكىم ئات ھارۋىلىرى يول بويىدىكى كولىۋېتىلگەن سۇ كۆلچەكلىرىگە پېتىپ قالغان چېغى، بىر قىسىملار يۇقىرى ئاۋازدا ئاتلىرىنى كۈچەشكە دەۋەت قىلىۋاتقان ئىدى.

   ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ۋە دىھقانلارنىڭ خوتۇنلىرىغا ”ئىشىكنى ئاچ“دەپ ۋاقىراشلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. گەرچە ئاي پارلاپ تۇرغان ئايدىڭ كېچە بولسىمۇ، ئەتىراپتا ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى خېلى تەستە ئىلغا قىلغىلى بولاتتى.چۈنكى، بۇ ئۆيلەرنىڭ دەرىزىسى ئۆگىزىسىدە ئىدى(بۇرۇنقى ئۆيلەردىكى تۈڭلۈكنى كۆرسەتسە كېرەك-تەرجىماندىن). لېكىن ئۆينىڭ ئىچى يامان ئەمەس بولۇپ، تاملار ئاپپاق ئاقارتىلغان،تام ئۆچاقنىڭ ئۈستىدىكى ئۇيۇققا يوتقان-كۆرپىلەر تىزىلغان، كاڭ ئۈستىگە رەڭدار گېلەم سېلىنغان بولۇپ، بۇ كۈندۈزى سافالىق رولىنى، كېچىسى كارۋاتلىق رولىنى ئوينايتتى. ئۆينىڭ ئالدىغا قىلىنغان ئۈزۈم تال بارىڭى ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمگەكتىن يېنىپ سالقىندايدىغان، چاي ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېرى. ئالى ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېرىيدىغان يەرلىرى بار. شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، بۇ يەرلەرگە ئۇغۇت چاچمايمۇ بىر يىلنىڭ ئىككى پەسلىدە مول ھۇسۇل ئالغىلى بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ سۈيى لاھىيەلەنگەن سۇ باشلاش يوللىرى ئارقىلىق يېقىن ئەتىراپتىكى قىزىل دەريادىن باشلاپ كېلىنىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار