خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشمىسى(16)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:36

ۋەھىمە ئىچىدىكى بىر تىنىق

خوتەنلىك ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئەمىرلەر ئىچكى ئۇرۇشقا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا خەنزۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ئۇلار شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ كېسەل داۋالايالايدىغانلىقىنى، بىر ئوفىتسىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئىمرست رون ئەپەندى تەرپىدىن ساقايتىلغاندىن كېيىن ئاندىن بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. بۇ ۋاقىتتا ئەمىر ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىكىنى قارار قىلدى. ئۇ خرىستىيان مۇرتلىرى ۋە يەھۇدىلار مۇققەدەس كىتابنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، جىھادنىڭ تىغ ئۇچى بۇتقا چوقۇنىدىغان خەنزۇلار ۋە روسلارغا قارىتىلىشى كېرەك،دەپ ئويلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ياۋايى ئەسكەرلىرى دىن تارقاتقۇچىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا يېشى كىچىك بالىلار ئۇرۇق-تۇققانلىرى ياكى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويۇلدى. ئوغۇل دىن تارقاتقۇچىلارمۇ قويۇپ بېرىلدى. ياشتا چوڭراق قىزلار شارائىتى ياخشىراق بولغان ئۆيگە كۆچۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، يەنە بىر مۇسۇلمانلار ئىتىپاقى (مافۇيەن،ماجەنساڭ،ماشاۋۋۇنىڭ قوشۇنلىرى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن –تەرجىماندىن)خوتەنلىكلەرنى يەركەندىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلار ياشتا چوڭراق بۇ قىزلارنى چوقۇم ئۇلارنى ئەمىرىگە ئېلىشنى خالايدىغان مۇسۇلمان يىگىتلەر بىلەن توي قىلىش شەرتى ئاستىدا قويۇپ بەردى.

ھاۋا بىلەن توي قىلغان ھېلىقى ئەر ئېغىر دەرىجىدە سېفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، ئۇمۇ ئاشۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى.شۇڭىلاشقا، بالىسى تۇغۇلىدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغاندا ئۆلۈپ قالدى. ئۇ ئۆزىمۇ تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ ئارلىقىدا قالدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يولدىشى سىرتتا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، يەركەنگە ھەرگىزمۇ قايتىپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئېغىر يۈك دەپ ھېسابلاشتى،  بۇ ۋاقىتتا ئاندىرسىن خېنىم يەركەنگەن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ كېلىپلا ھاۋانىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئۇقتى. بىر كۈنى ئۇ بىر مەپىنى ئارىيەت ئېلىپ ھاۋانىڭ ئۆيىگە باردى.ئۇ ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ ھاۋانى چوقۇم ئېلىپ كەتكۈسى بارلىقىنى ئاشكارلاشقا پېتىنالمىغان ئىدى. ئۇ ئىنتايىن سىپايىلىك بىلەن، ئۇلار ناۋادا خالىسا، ھاۋانى ئېلىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار تارتىشمايلا قوشۇلدى. ئۇلارنىڭ گېپىدىن يېنىۋىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئاندىرسىن خېنىم ھاۋانى دەرھال ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.ئۆزى ياتىدىغان كارۋاتنى ئۇنىڭغا بېرىپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن مەزگىلدە، خوتەنلىكلەرمۇ ئاساسىي جەھەتتىن كېتىپ بولغان ئىدى.شۇڭىلاشقا ئۇنىڭ ئېرى ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ،ئۇنىڭغا بىر ئاجىرىشىش خېتى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھاۋاغا مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇنسا نىسبەتەن تەلەيلىك بولۇپ، ئۇ ياخشى بىر ئەرگە تېگىپ، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئىدى.

بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا، خرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ ھاياتى ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە تۇردى. بىر نەچچە قېتىم ئۇلار ئىلاھى بىشارەتلەرگە تايىنىپلا بۇ خەتەرلەردىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما روھى تەۋەلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ يېڭى بىر ھاياتى كۈچنىڭ بارلىققا كېلىش مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئوغۇرلىقچە كېلىپ، دىن تارقاتقۇچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان خرىستىيان دىنغا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىشقان ئىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ ۋاقىتتىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىن تارقىتىش خىزمىتىگە بولغان دوستانە پوزىتسىيىسىمۇ ئەزەلدىن بۇنچىلىك بولۇپ باقمىغان ئىدى.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار