ئىككىنچى قېتىملىق مەجبۇرلىنىش
بۇ بىر نەچچە يىل سىياسى ۋەزىيەت بىر قەدەر قالايمىقان بولدى. بىر دەم بىرلىشىپ،بىر دەم دۈشمەنلىشىپ يۈرگەن بىر نەچچە گوروھلار بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە يەنە ئىتتىپاق تۈزۈدى. لېكىن،ئەڭ ئاخىردا شىڭ شىسەي ئىسىملىك بىر خەنزۇ ئەمەلدار ئۆزى گەرچە كومۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولمىسىمۇ، سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشتى، ھەمدە پۈتكۈل شىنجاڭ رايۇنىنىڭ سىياسى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئىلاھقا قارىشى بىر قەبىھ سىياسەت يۈرگۈزدى.مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىنى(خوجىنىياز ھاجىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن-تەرجىماندىن) ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. نۇرغۇن خرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى پامىر ئىگىزلىكى بىلەن ھىندىستانغا قېچىپ قۇتۇلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمىگە تاشلاندى.
قەشقەر ۋە يەركەندە دىن تارقاتقۇچىلار ئۆيلىرىدە نەزەربەنت قىلىندى. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇلارغا يېمەكلىك ۋە ئوتۇن سېتىپ بېرىشى چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ مەنبەسىمۇ ئۈزۈپ تاشلاندى. شىنجاڭدا بارلىق سۇ( ئىچىملىك سۇمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) دەريا ياكى ئېرىق-ئۆستەڭلەر ئارقىلىق ئېقىپ كېلەتتى. تۇپراقنىڭ تۇز تەكىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، قۇدۇق سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دىن تارقاتقۇچىلار ئايال مىسسىئونىرلار ۋە يېشى چوڭراق ئوغۇل دىن تەشۋىقاتچىلىرىنى سوۋىت ئارقىلىق شىۋىتسىيەگە كېتىشكە مۇراجەت قىلدى. ئۈچ ئەر دىن تارقاتقۇچى قەشقەردە قېلىپ، دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ قوراسىغا نەزەربەنت قىلىپ قويۇلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلاردا ئازراق ئوتۇن، ھويلىدىكى كۆلچەكتە ئازراق سۇلا بار ئىدى. بىر قىسىم مۇسۇلمانلار يېرىم كېچىدە ھويلا تېمىدىن ئارتىلدۇرۇپ، بىر ئاز كۆكتات تاشلاپ بېرەتتى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇلارغا قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. ئۇلار ئېتىراز بىلدۈردى. ئەمما، تولۇق قوراللانغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ئۇلارنى يالاپ ، ئۈچ ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھىندىستان چىگىرىسىغا ئېلىپ كەلدى.ھەمدە چىگىرىدىن چىقىرۋەتتى.
ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆز مەسلەكداشلىرىنىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى يەركەنلىك ھەسەن ئىسىملىك يىگىت بولۇپ، يىگىرمە ياشتا ئىدى.ئۇ ھابىلنىڭ دوستى ئىدى. بىر مۇسۇلمان يىگىت ئىلگىرى دىن تارقاتقۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بىر مەزگىل تۈرمىگە سولانغان ئىدى. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بىر كۈنى كېچىسى ئەۋزەز يولى ئارقىلىق دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. ھەمدە ئۇ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ تۇرمىنىڭ ئىچىدىكى بىر كامىردا ئىشكەللەرنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ھەمدە ھەسەننىڭ مەدىھە ناخشىسى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇنىڭ مەدىھە ناخشىسى ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. كېيىنكى ئىككى ئاخشامدا ئۇلار ئىشكەلنىڭ سۆرەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانماپتۇ.ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، ھەسەن ئېنىقلا ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىلاھ بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان گوروھ ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا، ھاۋا 16 ياشتا ئىدى. ئۇلار ھەر قايسى جايلاردا قىزلار مەكتەپلىرىنى قۇرىغان. ھاۋا 90 نەپەر بالىغا مۇئەللىملىك قىلغان. ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە بالىلارنى تەربىيەلىگەن.ئۇلارغا ھەم مۇققەدەس قەسىدىلەرنى ئېيتىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ ۋاقىتتا يەكەندىكى قىزلار ئائىلىسىدىن چىققان قىزلارلا پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى بويىچە خەت تونۇيدىغان قىزلار ئىدى(بۇ بايانلارنى يەنىمۇ تەھىقلەپ بېقىش لازىمدۇر-تەرجىماندىن).شۇڭىلاشقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپچىللىكى مۇشۇنداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللاندى. لېكىن، ئۇ خىزمەت بېسىمى ھاۋاغا نىسبەتەن بەك ئىغىر يۈك ئىدى. بولۇپمۇ، ھېلىقى كۈلپەتلىك كەچۈرمۈشتىن كېيىن ئۇ بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا ئۇ 20 ياشقا بارمايلا ئالەمدىن ئۆتتى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]