دوختۇرخانا جايلاشقان قۇم دەرۋازىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاشۇ قوشنىلار، بۇ شىۋىتلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان دىنغا مۇناسىپ ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئۇچۇق ئاشكارا ئېتىراپ قىلاتتى.ئۇلارچە بۇلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى خرىستىيان دىنى مۇرتلىرى بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە مۇسۇلمان دوستلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىدى.
بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالى بارا-بارا بۇ شىۋىتلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىجىل نىكاھ تۇرمۇشىنى ساقلاپ ، سەمىمىي ۋە شەخسىيەتسىز كىشىلەردىن بولالىغانلىقىنىڭ سەۋبىنى چۈشىنىپ يەتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ، خىرىستىيان دىننىڭ تەلىماتلىرىغا بىردەك بوي سۇناتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ خرستىيان دىننىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئىسلام دىننىڭ ئەنئەنىسى بويىچە شەھەردىن يەنە بىر خوتۇن ئالدى. يەنە بىر ئۆيى شەھەردە بولغاچ، يېزىدا تۇرىۋاتقان ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ باشقۇرشىدىن خالى بولۇپلا قالماي، يەنە يېزىدىكى ئايالىنىڭ ئۇنىڭ خرىستىيان دىنىغا بۇنداق دوستانىلارچە مۇئامىلە قىلىشغا بولغان نارازىلىقىدىنمۇ مۇستەسنا ئىدى.
تەخمىنەن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ گەرچە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، لېكىن ئوخشىمايدىغىنى ئۇ ھازىر يەنە ئۆزىنىڭ خرىستوسنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆز قەۋىمداشلىرى تەرپىدىن تاشلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قورقۇنچلۇق تەغدىرگە يۈزلىنىشى كېرەكلىگىنىمۇ بىلەتتى. لېكىن بۇمۇ ئۇنى كەينىگە ياندۇرالمىدى. ئۇ ئۆز قەلبىگە سادىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، باشقىلار كەمسىتىدىغان ناسارالارنىڭ سېپىگە باتۇرلۇق بىلەن قوشۇلۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىنچى ئايالىدىن ئايرىلدى، ئەمما، بۇرۇنقى ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئۆزلۈكسىز تەمىنات ئەۋەتىپ تۇردى. كېيىن ئۇ چوقۇندۇرۇشنى(خىرىستىيان دىندىكى بىر خىل مۇراسىم) قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىردىنبىر خرىستىيان مۇرىتى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا قارار چىقارغان ئىدى. بۇ كىشىلەر گەرچە ياش قۇرامى، خاراكتىرى،ئارقا كۆرىنىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە خېلى كۆپ بىر قىسىم كىشىلەر چوقۇندۇرلۇپ ئەيسا مەسىھنىڭ مۇرتلىرىغا ئايلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە چوقۇندۇرۇلدى، لېكىن ئالىنىڭ ئايالى ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئالىنىڭ بۇ ئېتىقادىدىن يەنىلا خۇشال بولدى، چۈنكى، ئۇ قوشۇلسىلا ئۆزىنىڭ ئاياللىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالايتى. بۇ ئۆمىرىدە ئۆزىنىڭ تاشلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھورۇنلىشىشقا، ئائىلىسى بىلەن ئانچە كارى بولماس بولۇشقا باشلىدى. بىر نەچچە يىل ئىچىدە پۈتۈن ئائىلە قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋال بىر نەچچە يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بۇ ئېرىنىڭ مۇشۇنداق چىدىغۇسىز شارائىتلار ئاستىدىمۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىللىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاخىر تەسىرلەندى. ئاخىرى ئۇمۇ چوقۇندۇرلۇپ، خرىستىيان دىنغا كىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بەخىتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]