كېيىنكى ئۇچۇرلار ئىلگىركى مىش-مىش گەپلەرنى ئىسپاتلىدى. قەشقەردىكى خرىستىيان دىننى مۇرتلىرى (خەنزۇ ھەم ئۇيغۇرلار) مۇ تۇرمىگە تاشلىنىپتۇ. ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى دېگۈدەك توڭلاپ ياكى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپتۇ. بەزىلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېكايىمىزنىڭ بېشىدا تىلغان ئېلىنغان ۋەز-نەسىھەت ئېيتقۇچى باش قەھرىمان ئالىمۇ بار ئىكەن. يەنە يېڭسارلىق ۋەز ئېيتقۇچى خېلىل، يەنە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى خەنزۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ليۇ مۇئەللىم قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار بىر نەچچە چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان،ئاندىن ھەر بىر گۇرۇپپا ھاۋامۇ ئۆتۈشمەيدىغان كىچىك بىر كامىرغا قىستاپ سولانغان. ئۇ كامىر ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، بىر ئادەم ئولتۇرغىدەكمۇ بوشلۇق يوق ئىكەن. شۇڭا، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئۆرە تۇرۇش ياكى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەچچە ئامان قالغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ پۇت ۋە تىزلىرى ئاغرىپ ئىششىپ كەتكەن، بىر قىسىملىرى نېرۋىسىدىن ئادىشىپ ئۈسۈپ ئۆلىۋالغان. ھېچقانداق ئىسىتىش ئەسلىھەلىرى بولمىغان كامىرلار قىش ۋاقتى جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇق بولۇپ كەتكەن، بولۇپمۇ بۇ مەھبۇسلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولغان. چۈنكى، بۇلار تۇتۇلغان ۋاقىتتىكى كىيىملىرى بىلەنلا قامالغان بولۇپ،ھېچقانداق ئارتۇق كىيىم ئەكىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادەم ئاڭلىسىمۇ ، تېنى جۇغۇلدايدىغان قىيناقلارغا ئېلىنغان. شۇنداق بولغاچقا، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىرىدىن باشقىلىرى ئارىسىدا، كۈندە دېگۈدەك بىرى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان. بەزى كۈنلىرى ھەتتا كامىردىن تۆت-بەش جەسەتنى سۆرەپ ئاچىقىپ كەتكەن. بىر نەچچە يىللىق قاماقتىن كېيىن، بارلىق خرىستىيان مۇرتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلۈپ تۈگىگەن. ئامان قالغان ئاز بىر قىسىملىرى راسا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ۋە تەھدىت سېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن.
ئەسەرنىڭ توردىكى مەنبەسى: http://www.answering-islam.org/chinese/topic19/tc-19-74.html
خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى قىسقارتىلدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]