_كىيىۋەرگىن، ھېچقىسى يوق،دىدى-مەمەتمۇ.
_مەن كەيسەم راستىنلا كۆڭلۈڭگە ئالمامسەن؟
_ئالمايمەن.
ئاندىن ھابىل كېسەك تامغا بىر كىرىست بەلگىسىنى سىزدى، ھەمدە مەمەتتىن: كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورىدى.
_كۆردۈم،دېدى مەمەت جاۋابەن.
ھابىل ئارقىدىن ئۇلاپلا يەنە بىر تاج سىزدى.ھەمدە مەمەتكە قاراپ ”كۆردۈڭمۇ؟“ دەپ سورىدى. ”كۆردۈم“دېدى مەمەت.
ئەڭ ئاخىردا ھابىل: قارا،ئاۋال كىرىست بولسا، ئاندىن كېيىن تاجمۇ بولىدۇ،دېدى.
بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپمۇ كەلدى. ئۇ بىرەر كېلىشمەسلىك باردەك،كۆڭلىنىڭ بىر قىسما بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. يۈسۈپ،ھابىل ۋە مەمەتلەر ئايال دىن تارقاتقۇچىلارنى ئىزدەپ تاپتى، ئۇلار بىرلىكتە ئىبادەت قىلىشتى. ھابىل يىغلاپ تۇرۇپ، قۇتقازغۇچىدىن خۇددى ئىنجىلدىكى سىتىفانغا ئوخشاش ئۆزىگە غەيرەت ۋە كۈچ ئاتا قىلىشنى تىلىدى. يۈسۈپ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت بالا ئوغۇللار ئائىلىسىدىن شەھەرگە نەرسە-كېرەك ئالغىلى كىرگەن بولۇپ،ئۇلار بازاردىكى ئەھۋالنىڭ ئانچە خەيىرلىك ئەمەسلىكىنى بايقاپ،ئالاقزادە بولغىنىچە دىن تارقىتىش پونكىتىغا كېلىپ،زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سوراشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېھمانخانىغا يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى. ھابىل ئېغىز گارمۇنىنى چالدى.يۈسۈپ بىلەن رۇي دان خېنىم ”سەۋىرچانلىق بىلەن قەلبىڭنى مۇستھكەملە“دېگەن مەدىھە ناخشىسىنى ئېيتتى. يۈسۈپ ئىنجىلدىكى پەرىشتىلەرنىڭ پېتىرنى تۈرمىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدىكى بۆلىكىنى ئوقىدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە ئىبادەت قىلىشتى. تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ قاتتىق ھەم جىددىي ئۇرۇلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى. يۈسۈپ سىرتقا چىقىپ،ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بايقىدى.ھەمدە ئارقىغا يۈگۈرگىنىچە: دەرھال قېچىڭلار، ئۇلار سىلەرنى تۇتقىلى كەلدى، دەپ ۋاقىرىدى. لېكىن ئەسكەرلەر قورۇنى قورشاپ بولغان بولۇپ،پەقەت بىر ئوغۇل بالىلا قېچىپ يۇشۇرنالىدى. بۇ ۋاقىتتا قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ، تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى چوڭ دەرۋازىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۈچ ئايال دىن تارقاتقۇچى ئاختۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھابىلغا قاراپ: سەن مۇشۇ دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ ئادىمىمۇ؟ دەپ سورىدى. ”شۇنداق“دىدى ھابىل. بىر ئوفىستىر:ئۇنى باغلاڭلار! دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ھابىل:مېنى باغلىساڭلار بولىدۇ،دەپ جاۋاب بەردى.ھەمدە، تۇيۇقسىز يېنىدىن ھېرمان ئەپەندى بەرگەن قەلەمنى چىقىرىپ، رۇي دان خېنىمغا بەردى.
ھابىلنىڭ مەسلەك يولىدا جېنىنى پىدا قىلىشى
بارلىق قىزلار ئېلىپ كېتىلدى،ئەمما ئۇلار كەتكەندىن كېيىن،ئۈچ ئايال دىن تارقاتقۇچى قويۇپ بېرىلدى. لېكىن، ئەسكەرلەر ئۇلار تۇرۋاتقان ئەتىراپنى بىر نەچچە كۈن قامال قىلىپ تۇرغاچقا، ئۇلار بۇ ھاقارەتلەرگە چىداشقا، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىتتا، قالغان تۇتۇلغان كىشىلەر باغلىنىپ، شەھەرگە ئېلىپ كىرىلدى ھەمدە ئەقلى ھۇشىنى يوقىتايلا دەپ قالغان ئەمىر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلدى. ئەمىر دەسلەپ ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،ئاتا-ئانىسى ۋە يۇرتى قاتارلىقلارنى سورىدى. ئۇ بۇنىڭدىن يۈسۈپنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىكى تەۋەلىكىدە، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ھابىلنىڭ بولسا جۇڭگۇ تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئۇلارنى بېشىغا زەردە بىلەن ئۇردى. ھەمدە ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇشنى، ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلاشنى بۇيرۇدى. ئۇ ۋاقىراش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېنىدىكى ئەسكەرگە توپ ئىچىدىن ھابىلنى تارتىپ ئەچىقىپ يەنە بىر تەرەپكە ئېلىپ بېرىشنى ئىشارەت قىلدى. ھابىل تىزلىنىپ كۆككە باقتى، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى قەدىمكى دەۋىردىكى مەسلەك يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەشۇ كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ قالاتتى. ئاندىن كېيىن ئۇ خۇددى دوستلىرى بىلەن خوشلاشقاندەك، ئۇلارغا بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتى. ”ئات!“دېگەن بۇيرۇق ئاڭلىنىشى بىلەنلا،ھابىل يەرگە يىقىلدى. مەمەتنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر ئەسكەر مەمەتنى بىرنى نوقۇپ تۇرۇپ“كۆردۈڭمۇ؟“ دەپ سورىدى. ”كۆردۈم“دېدى مەمەت. ھابىل تېخىچە يەردە تىپىرلاپ تۇراتتى. ئەمىر :قىلىچىڭ بىلەن ئۇنى ئۇ دۇنياغا يولغا سال، دەپ بۇيرۇق قىلدى. كەينىدىنلا ئۇلار ئارىدىكى ئۈچ ئوغۇل بالا تاكى ”بىزنى مۇنداق ئازابلىغىچە، ئېتىپ تاشلاڭلار“دەپ ۋاقىرغانغا قەدەر تۇتقۇنلارنى ھاقارەت قىلىش ۋە خورلاشنى توختاتمىدى. ئەمىر ئۇلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قاماپ قويۇشنى، ھابىلنىڭ جەسىدىنى سىرتقا تاشلاپ ئىتلارغا يەم قىلىۋىتىشنى بۇيرۇدى. لېكىن، كۈتۈلمىگەندە، ھابىلنىڭ جەسىدىگە ئۈچ كۈنگىچە ھېچنەرسە چېقىلمىدى. بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك مۇسۇلمانلار ئۇنى ئاپىرىپ كۆمۈپ قويۇشتى. چۈنكى، ئۇلار بۇمۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشىدىن بولغانلىقىغا ئىشىنەتتى. قالغان خرىستىيان مۇرتلىرى تۈرمىدە قاتتىق قىيىن قىستاق ۋە ئازابلاشلارغا ئۇچىرىدى. يۈسۈپ ئېغىر ئىشكەل بىلەن باغلاندى. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىستقا مىخلانغان ئەيسانى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىر ھەپتىدىن كېيىن كىرىسقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈلدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]