روجىستىۋا بايرىمى ئەتىگەنلىكىدىكى يىغىلىشتا ھامان ئىككى –ئۈچ يۈز ئادەم توپلىناتتى. ئادەتتە بالىلار ۋەز مۇنبىرىنى قورشاپ بىنەپشە قىزىل رەڭلىك گېلەم ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ۋەز مۇنبىرى تاغدىن تۆگىگە ئارتىپ ئەكىلىنگەن ئىككى تۈپ يوغان قارىغاي ياغىچىدىن ياسىلىپ،ئۈستىگە ئاق شاملار توشقىچە تىزىلاتتى. شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئاچقان خەنزۇ مەكتەپتىكى بالىلار قورو ئىچىنى رەتمۇ-رەت رەڭگارەڭ گۈللۈك پانۇسلار بىلەن توشقۇزۋىتەتتى. باسمىخانىدىكى ئىشچىلار ۋە ئۇيغۇر مەكتەپتىكى بالىلار بىر مەدىھە ئوقۇش گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلىپ، روژدېستوۋ ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى. بارلىق قوشنىلار بۇ يەرگە كېلىپ خىرستوسقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاڭلايتتى ھەمدە خرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ بايرام خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولاتتى. ئۇيغۇر مەكتەپتە مۇھەممەد ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆيى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى قوروسىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا ئەتىرىتى ساريى ئىچىدە ئىدى. دادىسىنىڭ ئىسمى توختى ئاخۇن بولۇپ، ياغاچچىلىق قىلاتتى. مۇھەممەد ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ سىڭلىسى ھاۋا تۆت ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاپىسى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. دادىسى بىر خەنزۇ ئەپىيۇن سودىگىرىگە قەرز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن توختى ئاخۇن تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى كەچتە بۇ ئىككى بالا دىن تارقاتقۇچىلاردىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇلار قەرز ئىگىسىنىڭ ئۇلارنى قەرز ھېسابىدا ئېلىپ كېتىشىدىن، مۇھەممەدنى چاكار قىلىپ،چىرايلىق سىڭلىسى ھاۋانى باشقا خەنزۇ ئائىلىسىگە سېتىۋىتىشىدىن قورقاتتى. مۇھەممەد:مەن قېچىپ كېتەلەيمەن، ئەمما، ئۇلار ھاۋانى كىچىك خوتۇنلۇققا سېتىۋىتىدۇ، ئۇنى ئېلىپ كەتتىمۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ، دېگەنىدى.
مىسسئۇنىرلار بۇ خەنزۇ خوجايىغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ،توختى ئاخۇننىڭ دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا كۆپ قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇپ تەربىيەلىنىۋاتقىلى، بۇ يەردە ھەر كۈنى بىر ۋاق تاماق يەۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغانلىقىنى شۇڭىلاشقا دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىدا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ خوجايىن ئەپىيۇن سودىسى قىلىدىغان بولغاچقا،ئىشنى سوتقا بېرىپ ھەل قىلىشقا پېتىنالمايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى بالا تاكى بۇ بوران ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر مەكتەپنىڭ ياتىقىدا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەركەندىكى دارىلتامغا يۆتكەلدى ھەم شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
1926-يىلى 12 ياشقا كىرگەن مۇھەممەد خېلىلا مەزمۇت بىر يىگىتكە ئايلاندى، ئۇ پۇتبولنى خېلى ياخشى ئوينايتتى. ھەتتا ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ياش چوڭ بالىلارمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەركەن ناھىيە شەھەر ئىچىگە ئۈچ ئىنگىلىز مىللىي كېلىدىغان بىر يېزىغا كۆچۈرۈلدى. ئۇ ئۇ يەردە 20نەچچە ئوغۇل بالا بىر ئوغۇللار ئائىلىسى(بۇ مىسسئونىرلار ئاچقان بىر دارىلتام ئىدى) دە تۇراتتى. لېكىن ئۇ ھەر يەكشەنبە كۈنى يەكەن ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى دىنىي يىغىلىشقا قاتناشقىلى باراتتى. چۈشتىن كېيىن سىڭلىسى ھاۋاغا ھەمراھ بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتا ھاۋا ئاندېرسىن خانىم باشقۇرۋاتقان قىزلار ئائىلىسىدە تۇراتتى. بىر كۈنى مۇھەممەد سىڭلىسىنىڭ ئاپىسىنى ئەسلەپ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى، ھەمدە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ “ يىغلىما، سەن بىزنىڭ مەڭگۈ ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىسەن“دېدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]