يېمەك-ئىچمىكى ناھايتى مول، ئەمما ئىنتايىن ئەرزان. ئۇلار تېرىيدىغان زىرائەتلەر ئاساسەن بۇغداي، قوناق، ھەر خىل كۆكتاتلار، بەش تىيىنغا بىر نەچچە ساپاق ئالغىلى بولىدىغان ئۈزۈم، چوڭ-كىچىكلىكى ھەر خىل تەمى تاتلىق قوغۇن-تاۋۇزلاردۇر. بۇ يەرنىڭ سېرىق توپىسىدىن ناھايىتى تېزلا كېسەك قىلغىلى بولىدۇ، بۇنى قۇياش نۇرىدا قۇرۇتقاندىن كېيىن، كۈچلۈكرەك بىرەر ئەر كىشى بولسىلا، بىر ھەپتە ئىچىدە بىر كىچىك ئۆي سالالايدۇ. پاختىنىڭ كۆپىنچىسى دەريا بويىدىكى پەس جايلارغا تېرىلىدۇ. قوي يۇڭلىرى بولسا، تاغ باغىرلىرىدا بېقىلىۋاتقان سانسىز قوي پادىلىرىدىن كېلىدۇ.
بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشى گەرچە ئاددىي، بىر خىل بولسىمۇ، ئەمما كىچىك كەنىتلەردە تۇرسا ئىنتايىن مەنىلىك. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىللىكى ئىنتايىن ئۇچۇق-يورۇق، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇشىدا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار. ئىسلام دىندا مۇنداق بىر ئاساسىي ئۇقۇم بار، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر. بۇ خىل كۆز قاراش ئادەمگە بىر خىل ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەش غورۇرىنى ئاتا قىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، تەبئىي ھالدا بىر خىل قائىدە ئەھكاملارغا رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.
ئادەتتە بىر كۈنلۈك تۇرمۇش تاڭ سەھەردىكى ئىككىنچى خوراز چىللىشى ۋە مەزىننىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن“ناماز ۋاقتى بولدى، ناماز ئوقۇغان ئۇخلىغاندىن ياخشى، ئاللاھ بىردۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر“دەپ توۋلىغان ئەزەن ئاۋازىدىن باشلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ئاياللار ئورنىدىن تۇرۇپ،ئوچاقلارغا ئوت قالاپ ئەتىگەنلىك چايغا تەييارلىق قىلسا، ئەرلەر دىھقانچىلىق ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. جىمجىت سەھەر ئاسمىنىنى كۆيىۋاتقان يۇلغۇن ياغىچىنىڭ مىزىلىك ھىدى قاپلاشقا باشلايدۇ.
ھەر كۈنى بەش ۋاق ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى (مۇسۇلمانلارنىڭ رەسمى يۇسۇندىكى دۇئا-تىلاۋىتى) كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن باشقا ئىشلار بولمايدۇ. گەرچە سوفى مەزھىپى تەرغىباتچىلىرى بەلگىلىك ماھارەت بىلەن جىمجىتلىق ئىچىدە ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى غەم-غۇسىلەرنى ۋاقىتلىق ئۇنتىغىلى ھەمدە روھى جەھەتتىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر پەقەت ئۆزلىرى ئېتقاد قىلىدىغان دىننىڭ ئەڭ تۆۋەن تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتالايدىغان قابىيلىيىتىنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھ ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى يىراقتەك: ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۆزى ياراتقان ئەرزىمەس بىر ئادەمگە قانداقمۇ نەزىرى چۈشسۇن؟ ئادەم ياشاش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئىجتىمائى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارالايدىغان ئىخلاسمەنلىك ئىچىدىكى تۇرمۇشقا قانداقمۇ ئىگە بولالىسۇن؟ ناۋادا تۇرمۇش رەڭدار ۋە ئۆزگىرىشچان بولمىسا، بۇ باشقا ئىش. ئالى تېخى ياش، ئۇنىڭ ئايالى بولسا ئۆز نىسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ ياشايدىغان ئايال. كەنىتتىكى كىشىلەر بىرلىكتە ئەمگەك قىلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر جۆرىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلاش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمما.شەھەردىكى تۇرمۇش بولسا باشقىچە. ئالىنىڭ شەھەردىكى دوستلىرى دائىم تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇنىڭدىن مەسىلىھەت ياكى ياردەم سورايدۇ. ئۇلار بۇگۈن ھەسەت تۈپەيلى ئاشۇ ئۆزىدىن باي قوشنىلىرىنىڭ ئۆز ئايالىنى ئېزىقتۇرۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەتە چوقۇم ئاشۇ رىقابەتچى رەقىبلىرى بىلەن پىچاقلىشىپ،چوڭ چاتاقنى تېرىپ يۈرۈيدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]