1933-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت يەركەندىكى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى بىلەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن بولغانلىقىنى ناۋادا جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرۇش ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقى ئۇقتۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ئاندىرسىن خانىم يوق ئىدى، دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى بارلىق ئايال مىسسئونىرلارنى قەشقەرگە يۆتكەشنى قارار قىلدى. ئەمما، ئۇلار خوشلىشىپ مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداقلا ئاشۇ قىزلارنى يەركەندىكى قىزلار ئائىلىسىدە تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمىغان ئىدى. ئۇلار بىرەر يېزىغا كۆچۈشنى ئويلاشتى، بەختكە قارشى بۇ ۋاقىتتا بىرەر بىخەتەر يېزىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر مۇۋاپىق ئۆي تاپقان تەغدىردىمۇ، ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ تۇرۇشىغا يول قويالمايتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، تاغدىكى قىزغىزلارنىڭمۇ ئېسىيانچىلار توپىغا قېتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى. بۇنداق بولغاندا، تاغدىكى بىرەر يېزىغان چىقىپ پاناھلىنىپ تۇرۇشتىنمۇ ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان ئىدى.
قىزلار ئائىلىسىدە تۇرۋاتقان قىزلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى قارا يىتىم ،بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرى ئاجىرىشىپ كېتىپ قايتا توي قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگەي دادا ۋە ئۆگەي ئانىلىرى ئۇلارنى قۇبۇل قىلمايتتى. بۇ قىزلار ئائىلىلىرىگە قايتۇرلغان ھامان، 12 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنلا،چوقۇم ياتلىق قىلىنىشى ئېنىق ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئىپپىتىنى قوغداپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى ئۇغۇل مۇرتلار بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئىدى، ئوغۇللار قىزلارنىڭ بۇ مۇستەھكەم ئىشىك دېرىزىلىك قىزلار ئائىلىسىدە تۇرىشى دائىم يەرلىك باندىتلار كېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇرىدىغان يېزىلاردا تۇرغىنىدىن كۆپ بىخەتەر دەپ ھېسابلايتتى. ئىلگىرىمۇ ئۇرۇش پارتىلايدىكەن، دېگەن مىش-مىش گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى، ئەمما ھېچ ئىش يۈز بەرمەيتتى. شۇڭىلاشقا يەركەندىكى دىن تارقاتقۇچىلار بۇ قېتىمقى ئېسىياننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن تېزراق ئۆتۈپ كېتىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئامان ئېسەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. لېكىن، بەختكە قارشى، 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەندىكى ئېسىيانچىلار ئارمىيىسى ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ(مۇھەممەد ئىمىن، ئابدۇللا، نۇرمۇھەممەدلەر بولۇپ،خوتەن قارىقاشتىن. ئەمەلىيەتتە يەركەنگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئىككىنچى ئىنىسى ئابدۇللا رەھبەرلىك قىلغان.بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ليۇ جىشياۋنىڭ ”ئۇيغۇر تارىخى“ئىككىنچى قىسىم ئىككىنچى كىتاب 1205-بەتتىن 1211-بەتكىچە بولغان مەزمۇنلارغا قارالسۇن،.-تەرجىماندىن). رەھبەرلىكىدە يەركەندىكى كونا شەھەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بىر نەچچە ئىستىھكامنى ئىگەللىدى. ئەمىر ئابدۇللا(ئۇ ئۆزىنى كېيىن شاھ مەنسۇر دەپ ئاتىغان-تەرجىماندىن) يەركەننىڭ باش قۇماندانى بولدى. يەركەن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قاتار كەسكىن ئۇرۇشلاردىن كېيىن،ئۇلار بىر نەچچە يۈز خەنزۇنى ئۆلتۈرۈپ،خوتۇنلىرىنى ئېلىپ كەتتى(بۇ بىر جۈملە بايانغا ماقالە ئاپتۇرىنىڭ ھېسسى قاراشلىرى سىڭىپ قالغان بولىشى ئېھتىمال،چۈنكى، مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرىياللاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرۇلمىغان-تەرجىماندىن).بۇ ئېسىيانچىلار قوشۇنى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭنى كونتىرول قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ھەر قايسى شەھەرلەردىكى قاتمۇ-قات توساقلاردىن ئۆتۈپ قەشقەرگە بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى قەشقەردىكى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىسىگە ئايلانغان ھابىلنىڭ دەل يەركەنگە قايتىپ سىڭلىسىنى يوقلاپ كەلگەن ۋاقتى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا يۈسۈپمۇ يەكەندە ئىدى. ھابىل 19 ياشتا، ھاۋا 13 ياشتا ئىدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]