بىرىنچى قېتىملىق مەجبۇرلىنىش، 1933-يىلى
1933-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئابدۇللا بەگ يەركەندىكى دىن تارقىتىش نوقتىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمرست رون ئەپەندىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق زەھەرلىك دورىلارنىڭ ئۇنىڭغا بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم ئەسكەرلەر ۋە بىر نەچچە ھىندىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ باشچىلىرى ئېمىرست رون ئەپەندىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەمىر ئىزچىل ھالدا بۇ مېھمانلارنىڭ قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىككى ھىندىستانلىق بۇ ئۈچ ئەر دىن تارقاتقۇچىغا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن رەسمىيەت خاراكتىرلىك ئۇچىرىشىپ قويۇش تەكلىپىنى بەردى. ئىمرست رون ئەپەندى ۋە ئوغۇللار ئائىلىسىگە مەسئۇل ئارىئېلى ئەپەندىم يەنە شىۋىتسىيە دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باسما ئىشلىرىغا مەسئۇل ھېرمان ئەپەندى بىرلىكتە ئەمىر بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تۇرىدىغان قورودا خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى. بىرەيلەن ئۇلاردىن بارلىق دورا رېستىپلىرىنى يېزىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئەمىرنىڭ ئۆزى ئۇلار تۇرغان يەرگە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىرگەن ۋاقىتتا قولياغلىق بىلەن بۇرنىنى ئېتىۋالغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشى ئۇلار تۇرغان ئۆينىڭ ئاللىقاچان خرستىيان مۇرتلىرى تەرپىدىن بۇلغانغان،دەپ قارىشىدىن بولغان ئىدى. ئۇ ئېغىز ئېچىپ ئۇلارنى سوراق قىلىشقا باشلىدى: سىلەر بۇ زەھەرلىك دورىلار بىلەن مەن ۋە مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمنى قەستلىمەكچىمۇ؟ ئارقىدىن ئۇلاپلا ئۇ قەھىرلىك ئاھاڭدا:بىزنىڭ قانۇنىمىز بويىچە، سىلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلدىڭلار! ئۇلارنى باغلاپ ئېلىپ مېڭىڭلار!دەپ ۋاقىرىدى. ئىمىرست رون ئەپەندى ئەڭ ئىچىدە تۇرغان بولۇپ،ئۇنى تۇنجى بولۇپ باغلاشتى. رەھىمسىز ئەمىر ئۇنى كۈچەپ بىرنى ئىتتىرۋەتتى. ھەربىي فورما كىيگەن بىر پەي قۇراللىق كىشىلەر ھويلىغا چاقىرىلدى. ئۇلار بۇ ئۈچ دىن تارقاتقۇچىنى بېسىپ باغلىدى ھەمدە ئۇلارنى شۇ زامات ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ئەمىر قىلىچىنى چىقىرىپ ئىمرست رون ئەپەندىنى چاپاي دەپ تەمشىلىۋاتقان شۇ پەيىتتە، نەق مەيداندىكى ھىندىستانلىق سودىگەر ئالدىغا چىقىپ ئەمىردىن ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆتۈندى ھەمدە قىلىچ بىلەن چېپىلىپ يارىلاندۇرۇلغىلى قىل قالدى. بىر دەم يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگەندىن كېيىن،ئەمىر ئاخىرى بۇيرۇقىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ئۆزگەرتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆرە تۇرغۇزلۇپ،ھويلىنىڭ ئوخشىمىغان بۇلۇڭلىرىغا باغلاپ قويۇلدى. مىلتىقنى ھەر ۋاقىت ئېتىشقا تەييار قىلىپ بەتلەپ قويدى. بىر ئەسكەر قولىغا بىر كالتەكنى ئېلىپ زۆرۈر ۋاقىتتا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە تەييار ھالەتتە بىر چەتتە تۇردى. ئەمما، يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرى بوشتىلىپ،ھېلىقى ھىندىستانلىقنىڭ ئۆيىگە قاماپ، قاتتىق نازەت ئاستىغا ئېلىنىشى لازىملىقى بۇيرۇلدى.
دىن تارقىتىش پونكىتىدىكى ئۈچ دىن تارقاتقۇچى ئەمىر بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەن ۋاقىتتا، ھابىل ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى.مەمەت بۇ ۋاقىتتا ئاشخانىدا ئىش قىلىۋاتاتتى.
ھابىل ئۇنىڭدىن: ئاكا،قارا مەن سېنىڭ كىيمىڭنى كىيىۋالدىم،قانداق بوپتۇ؟دەپ سورىدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]