ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان نامزاتنى بېكىتكەن ھامان، تۇغماس ئايالنى دەرھال يولغا سالىدۇ، ئوخشاشلا ئۇ ئايالمۇ كەلگۈسى يىتىپ كېلىدىغان ئاشۇ بەختسىز كۈن ئۈچۈن ئوغىرلىقچە ھازىرلىق كۆرىدۇ. پەقەت قولغا كىرگۈزگىلى بولدىغانلا نەرسە بولسا، تىقىشتۇرۇشقا تەييار تۇرىدۇ. ھەمدە كۆڭلىدە ”قولۇمدا ئازراق ئېشىنچام بولسا، يېڭى ئەر تېپىشىمغا ياردىمى بولىدۇ“دەپ ئويلايدۇ. بەزى ئادەملەر ئىككى قورودا تۇرۋاتقان ئايالىرىنى بېقىش ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇپ يۈرۈيدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا، بىر قورودىكى ئىككى خوتۇننى ئەپلەشتۈرەلمەي ئازابلىنىپ يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە ئېرىدىن ئاجىراشقان ئانا ياكى قېيىن ئانىلار بولىدۇ، ئۇلار ھەممە ئىشلارغا چېپىلىدۇ، ئەسلىدىنلا مالىماتاڭ ئىشلار تېخىمۇ قالايمىقانلىشىدۇ.
ئاللاھقا رەھمەت! يېزىدىكى تۇرمۇش بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تېنچ. ئەلۋەتتە ئاجىرىشىدىغان ئىشلار يېزىلاردىمۇ بار، لېكىن ھېچبولمىغاندا بۇ يەردە نىكاھنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، گاھىدا چاچلىرى تەڭ ئاقارغان بەختلىك مويسىپىتلارنىمۇ ئۇچىرتىشقا بولىدۇ. لېكىن ئالى باشقا ئالاھىدە تۇرمۇش شەكىللىرنى كۆرەلمەيدۇ. نىكاھ ئىنسان ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل كەچۈرمۈش، ئىسلام دىنى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ جەمىيەتكە مەسئۇل بولىشىنى، زاھىدلىق يولىنى تۇتماسلىقنى شۇنداقلا زىنا قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. گەرچە نىكاھنىڭ چەكلىمىسى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئادەم جىنسىي كېسەلنىڭ تەھدىتىگە ئۇچىرايدۇ. شۇڭا، خېلى كۆپ قىسىم ئاياللار ھامىلدار بولۇپ، ئون ئاي توشماستىن بالىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزىلىرىنىڭ باللىرى تۇغما مېيىپ بولۇپ تۇغىلىدۇ. خۇددى يېزىدا كەڭ تارقالغان : باشقىلار سىنى بىر يېتىمكەن دېسە، ئۇنۇتما ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى شۇنداق. ئاتا ۋە ئاناڭمۇ ئايرىلىپ كەتسە، بۇنىمۇ ئاللاھىم بېكىتكەن شۇنداق“دېگەن قوشاققا ئوخشاش بۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھېچقانداق چارە-ئامال بىلەن توسقىلى بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن بىچارە ئىگە-چاقىسىز بالىلارمۇ ھەم بار. مانا مۇشۇنداق ئاللاھ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر پەردە تارتىلغان، ئەمما ئادەم ئاشۇ پەردىنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان مەڭگۈلۈك دۇنيانى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئالى ئاخىرى شەھەرگە كىرىپ بىر كىشلىك خىزمەت تېپىشنى قارار قىلدى. چۈنكى، ئۇ شەھەردە دائىم دېگۈدەك مەسچىتكە بېرىپ، ئىسلام دىىنىڭ شەرھىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشانغان دادىسى بىلەن ئايالىنى يېزىدا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە كۆچۈپ كەلدى. ئۇ يەردە ئۇ خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلىرىنى ئاشۇ ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. ھەمدە ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.
كۈنلەر ئۆتىۋەردى، 1906-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرى ئالى ھېلىقى گوللاندىيەلىك دىن تارقاتقۇچىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈپ، روسىيەلىكلەرنىڭ قەبىرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلىقىغا دېققەت قىلدى. ھەمدە ھەسىرەت ئىچىدە ھېلىقى مەڭگۈ ياشاشقا ئىنتىلگۈچىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېسىگە ئالدى.
بۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ بىر دوستى ئۇنى قۇم دەرۋازا سىرتىدىكى دىن تارقاتقۇچى شىۋىتسىيىلىكلەر تۇرىدىغان قورۇنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئىلگىركىگە ئوخشاشلا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىر توپ كىشىلەر دوختۇرخانا يېنىدىكى تاختا كۆۋرۈكتە ئولتۇرشاتتى. ئۇلار يىتىپ كەلگەن ئالى ۋە ئۇنىڭ دوستىنى كۆردى، ئارىدىكى بۇ يەرگە خېلى پىششىق بىرەيلەن ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن نەشرىيات ئىچىگە باشلاپ كىردى، ئۇ يەردە ھەرپ تىزغۇچىلار(نابورچىكلار) ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئالى خەت تونۇغاچقا، بۇ يەردە كۆرگەن نەرسىلەرگە بەكلا قىزىقىپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېلىقى ئادەمگە ئەگىشىپ، ئاشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ كەچلىك ئىبادەت مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئىبادەت قىلىپلا قالماستىن ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى، قول ۋە پۇتنى بىرلىكتە ئىشلىتىپ چالىدىغان فىسگارمۇن بىلەن تەڭكەش قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]