خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر قەلئەسى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2013-07-15 22:33


 

قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر قەلئەسى

نىياز كېرىم تۆپە ئاتا

    قەدىمكى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەسكىسار كەنتىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەر بىلەن ھازىرقى قەشقەر شەھىرى مەركىزىنىڭ ئارلىقى 2.6 كىلومېتىر كېلىدۇ. « ئەسكىسار» دېگەن نام « ئەسكى ھىسار» دىن ئۆزگەرگەن بولۇپ « ئەسكى » دېگەن سۆز « كونا » دېگەن مەنىنى ،  « ھىسار » بولسا « قەلئە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىنىدىغان ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرىنىڭ بىرى.

     1905- يىلى فىرانسىيىلىك ئارخېلوگ پ.پېللىئوت قەشقەرگە كېلىپ، بۇ قەدىمى شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈپ، خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان ، بۇ خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، شۇ چاغدىكى كونا شەھەر ئىزىنىڭ ئوتتۇرسىدا –شىمال ۋە غەرىپ تەرىپىدە ئىككى سېپىل قالدۇقى، بۇرجىكىدە كونا شەھەر خارابىسى بار ئىكەن.شىمال تەرەپتىكى سېپىلنىڭ شەرىقتىن غەرىبكە ئۇزۇنلۇقى 287مېتىر ، غەرىب تەرەپتىكى سېپىلنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 215 مېتىر بولۇپ،كۆلىمى تەخمىنەن58 مىڭ 835 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن(83موغا تەڭ ئىكەن) . مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دائىرە قەدىمكى شەھەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگىلا تەڭ  كېلىدىكەن.

      « شىنجاڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دە شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى دۆلىتىنىڭ ۋۇجى شەھىرى كونا شەھەر( بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرى) نىڭ جەنۇبىدا ئىكەنلىكى، ئەسكىساردا بۇ قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئەسكىسارنىڭ 2000يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.« تۈرك ئىنسكوپېدىيىسى» دە بۇ قەلئە توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «قەدىمكى قەشقەر شەھىرى بۈگۈنكى شەھەردىن كەڭ جاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان بىر سېپىل بىلەن ئورالغانىدى. بۇ يەردە پات – پات بولۇپ تۇرىدىغان يەر تەۋرەشلەردە بۇزۇلغان قەدىمكى شەھەر سۇلتان سەئىدخان بىلەن ئەبۇ بەكرى ئۇرۇشقان مەزگىلدە(1519-1514يىللىرى) پۈتۈنلەي خاراب بولغان. بۈگۈنكى قەشقەر ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن تۈمەن بىلەن قىزىل دەرياسىنىڭ بىرلەشكەن جايىدىكى تىلغ ئوخشاش يەرگە قۇرۇلغان ئىدى.قىرغاقنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي شىمال تەرپى(ئىچكى شەھەر) بۈگۈنكى شەھەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەھەللىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

      «تارىخىي رەشىدى» دە بايان قىلىنىشىچە ، سەئىدخان ھىجىرىيە 920- يىلى (مىلادىيە1514-يىلى) 3-ئايدا سەمەرقەنتتىن قەشقەرگە ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغ بىرزا ئابابەكرى ناھايىتى چوڭ بىر قۇرۇلۇشنى ياسىتىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. ئۇ، قەشقەرنىڭ كونا قەلئەسىنى ۋە يېقىن ئەتراپلىرىنى ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ سەئىدخاننىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىغا يېڭى قەلئە سېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى 50 جارىپ( 42مىڭ 950 كۋادرات مېتىر) كېلەتتى. سېپىلنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 20گەز كېلەتتى. قەلئەنىڭ ھەر بىر بۇرجىكىدە بىردىن راۋاق بولۇپ، راۋاقنىڭ ئايلانمىسى 30 نەچچە گەز كېلەتتى. سېپىل ئۈستىدە تۆت قاتار ئاتلىق ئەسكەر يانداش ماڭالايتتى.

     چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى چيەن لۇڭنىڭ 27- يىلى(1762-يىلى) سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سەركەردىسى مىرزا ھەيدەر كوراگان قەشقەردە تۇرغاندا ياساتقان تۆت چوڭ باغنىڭ بىرى بولغان گۈلباغنىڭ ئورنىغا بىر قەلئەنى ئۇيغۇرلار«يۇمىلاق شەھەر» دەپ ئاتاپ كەلدى. بۇ قەلئەنىڭ چۆرىسىنى ئالتە چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى سېپىل ئوراپ تۇراتتى. بۇ قەلئە 1827-يىلى جاھانگىر خوجا تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. داگۇاڭ 8-يىلى (1829-يىلى) چاڭ لىڭ جياڭجۈن بوزغىن( ھازىرقى يېڭى شەھەر) غا بىر قەلئە ياسىتىپ ئۇنى « خۇي ۋۇ ئەن» (قورال كۈچى بىلەن تىنجىتىلغان قەلئە) دەپ ئاتىغان. بۇ قەلئەنى ئۇيغۇرلار« يېڭى شەھەر» دەپ ئاتىغان. بۇ قەلئە پۈتكەندىن كېيىن ، لەينىڭ قەلئەسىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار، ئائىلە-تاۋابىئاتلار، چىرىكلەر ۋە خەنزۇ سودىگەرلەر ئۇ يەرگە كۆچكەن.

يۈملاق شەھەر قەلئەسى داگۇاڭ 18-يىلى (1839-يىلى ) زوھوردىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن غەربىي جەنۇب تەرەپكە كېڭەيتىلىپ، قايتىدىن ياساپ چىقىلغان. كېڭەش مەھكىمىسى قەلئە سىرتىدا قالغاچقا، گۇاڭشۇ 24-يىلى(1899-يىلى) قەلئەنىڭ غەرب تەرىپىگە بىر دەرۋازا ئېچىلىپ ۋە سېپىل سوقۇلۇپ، كېڭەش مەھكىمىسى يۇملاق شەھەر قەلئەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ چاغدا قەلئەنىڭ ئايلانمىسى 12.7 چاقىرىم بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچى قەلئەسىدىن چوڭ ئىدى. قەلئەنىڭ غەرب تەرىپى ياسىن سەتەڭ قورۇسى( ھازىرقى ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى) ئالدىدىكى كوچىغىچە، شىمال تەرىپى يار باغ كىنوخانىسىغىچە، شەرق تەرىپى تۆشۈك دەرۋازا ۋە قومۇش بازار جامەسىگىچە، جەنۇب تەرىپى ھازىرقى «1- ماي» تىياتىرخانىسىغىچە بولغان.قەلئەنىڭ شەرقى تەرپى كەڭ، غەرب تەرپى تار بولۇپ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن تۆت كۇۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى. ھېيتگاھ مەيدانى مەركەز قىلىنغان ھازىرقى ئۆستەڭ بويى ۋە ئەنجان رەستىسى شۇ چاغدىكى سودا تىجارىتى مەركەزلەشكەن رايون بولغان.

       يېڭى شەھەر قەلئەسى1829-يىلى سېلىنغان، تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەلئە ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ مۇستەھكەم قەلئە بولغان. قەلئە سېپىلى چاسا تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە سوقۇلغان بولۇپ،سېپىلنىڭ ھەر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككى چاقىرىم. سېپىل ئۈستىگە ياسالغان قوۋۇقلار ۋە سېپىل سىرتىدىكى خەندەك بۇ شەھەرنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان سېغىز توپىدىن خاڭداپ ياسالغان، سېپىلنىڭ قېلىنلىقى 10.68 مېتىر بولۇپ سېپىل ئۈستىدە بىر ئات ھارۋا بىمالال ماڭالايدۇ. سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى سېپىل ئاستى كەڭلىكىنىڭ ئىككى ھەسسسىگە باراۋەر كېلىدۇ. سېپىل سىرتىدىكى خەندەكنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقى 8.54مېتىر بولۇپ، خەندەك ئىچىدە 1.5 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇ بار. سېپىل خەندەكنىڭ سېپىل تەرەپتىكى قىرغىقىغا سېلىنغان ئوق ئېتىلىدىغان كۇنگۇرلىرى بار 2.1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام بولۇپ، بۇ تامدىن بۆسۈپ ئۆتمىسە ، سېپىلغا ھۇجۇم قىلىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ.سېپىلنىڭ يۇقىرى تۆپىسىدە بىر دەرۋازا بار، يېڭى شەھەر قەلئەسى سېپىلىنىڭ ئايلانمىسى 4.3 كىلومېتىر. ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان بۇ قەلئە ئەتراپىدا ئون ئورۇندا قاراۋۇل دەرۋازىسى بولۇپ، ئۆتكەن – كۆچكەنلەر قاتتىق تەكشۈرۈلگەن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار