1924-يىلىدا، قەشقەرىيىلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ۋە سىياسىي ئەربابلاردىن بىرى قادىر ھاجى تۈركىستاندا 435مىڭ ئالتىشەھەرلىك بار دەپ يازغان.
تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇرھان قاسىموف، 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە ئۇيغۇرلارنى قوشساق بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، دەپ يازغان.[76]
شۇ يىلى ،يەنە تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا 600 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۆزبېكىستاندا 300 مىڭ، قىرغىزىستاندا 70مىڭ، قازاقىستاندا 115 مىڭ، تاجىكىستاندا 15مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەت ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدە بولۇپ، تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان بىلەن قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى رۇسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدە بولۇپ، ئۇلار تېخى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىنىڭ سىياسىي خەرىتىسى دەسلەپكى قەدەمدە سىزىلغان ئىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېۋ، ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1925-يىلى، ئۆزىنىڭ << كەمبەغەللەر ئاۋازى>> گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ ھېسابلايدۇ[77]. ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق توپلىغانلىقى ۋە قايسى مەنبەلەردىن ئىگىلىگەنلىكى نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە كېيىنكى قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئاتقۇرغان يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشى ۋە 1924-يىلىدىن كېيىن مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك ۋە تېررىتورىيە چېگرىلىرىنى ئايرىش بويىچە ھۆكۈمەت كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇشتەك بىر قاتار يۇقىرى سالاھىيىتىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن سانلىق مەلۇماتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىغا بىر قەدەر ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ئورگانلىرىنىڭ قولىدىكى سانلىق ئۇچۇرلار ۋە تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ھەم ئېتنىك سىياسىي پىلانلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
لېكىن، ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ، 9 ئاي كېين نېمە سەۋەبتىندۇر، بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئۆزگەرتىپ << پۈتۈن شورا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300 مىڭ >>دەپ كۆرسىتىدۇ[78]. ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ئۆزىنىڭ مەزكۇر يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئەۋجى ئالغان، <<تارانچى ۋە قەشقەرلىك ئايرىم مىللەت>> دېگەن تالاش-تارتىش مەزگىلىدە يازغان ماقالىسىدە كۆرسەتكەن بولۇپ، قەشقەرلىك ۋە تارانچى ئايرىم ئىككى خەلق ۋە ئىككى مىللەت ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىككى جۇغراپىيىلىك رايون تارمىقىدىكى ئاھالىلار ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا ۋەتىنى قەشقەرىيى / ئۇيغۇرىستان دېگەن ئىدىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان روزىباقىيېۋ مەزكۇر ماقالىسىنى يېزىش ئارقىلىق تارانچىلار بىلەن قەشقەرلىكلەرنى ئايرىم ئىككى مىللەت دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى سابىرجان شاكىرجانوفنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئۇ، مۇنداق دەپ يازغان: