خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(49)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42



    سوۋېت ھۆكۈمىتى پۈتۈن تۈركىستان تەۋەسىدىكى  ئايرىم-ئايرىم  ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارازىم خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،  بۇلارنى موسكۋانىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا تۇتۇش  ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئورتاق تۈرك دۆلىتى قۇرۇش ئىدىيىلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن  بۇ زېمىندا  بۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنى ئايرىم مىللەتلەرگە پارچىلاپ ھەم ئۇلارغا ئايرىم مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بېرىش سىياسىتى قوللىنىپ، مەزكۇر زېمىنلاردا ئالدى بىلەن  ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ چىقتى.  ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە تاجىكىستان ئاتونوم  جۇممھۇرىيىتى ، رۇسىيە سوتسىيالىستىك  فېدېراتىپ  جۇمھۇرىيىتى  تەركىبىدە قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە  قارا قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى.  بىراق،  ئابدۇللا روزىباقىيېف باشلىق  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش   ئاپتونومىيىگە ئېرىشىش   ئارزۇسى   چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارغا مۇنداق سالاھىيەت بېرىلمىدى.  بۇ ئەھۋالمۇ   پەرغانە ۋادىسىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى ئۆزبېككە بېكىتىش تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان  بىر ئامىلغا ئايلاندى. چۈنكى،   قەشقەرلىك ۋە تارانچىلار دەپ ئاتالغان ئىككى گۇرۇپپا  ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى تۇنجى قېتىم 1921-يىلى، تاشكەنتكە جەم بولۇپ، قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئورتاق ئېتنىك نامى قىلىپ بېكىتىش بىلەن  بىرگە   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي پلاتفورما  بەلگىلەپ، 3- ئىنتېرناتسىيونالغا ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.  ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، 1919-يىلى، رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ   كوممۇنىزم ئىنقىلابىنى پۈتۈن شەرققە كېڭەيتىش شۇئارى بويىچە   3- ئىنتېرناتسىيونال   ئۇيغۇر ئېلىدە  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاشنى قارار قىلغان شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى تۈركىستان  بىيوروسىنىڭ رەئىسى  لاتىش مىللىتىدىن كېلىپ چىققان  ئېرنىست يان رۇدزۇتاك  قەشقەرىيە ۋە جۇنغارىيىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش ھەمدە  شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا قەشقەرىيە جۇمھۇرىيىتى  ۋە شىمالىدا جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىدىن  ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پروگراممىسى تەشەببۇس قىلغان ئىدى[104].  1921-يىلى، 4-ئىيۇن كۈنى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ مەسىلىنى  مۇزاكىرە قىلىپ،   مۇنداق ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پروگراممىسىنى بىكار قىلغان شۇنىڭدەك ئارقىدىنلا ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى <<قوشچىلار ئىتتىپاقى>>غا قېتىۋەتكەن  ھەمدە تۈركىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرى سېكسىيىسى قۇرۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ  ئۇيغۇر دىيارىدا  ياڭ زېڭشىننىڭ  مىلىتارىست ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ،  سوتسىيالىستىك <<ئۇيغۇرىستان  جۇمھۇرىيىتى>> قۇرۇش ئارزۇسى  يوققا چىقىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت  رۇسىيىسى تەركىبىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئېلىش ئارزۇلىرى پەيدا بولغان ئىدى.  بىراق، 1924-يىلى   ۋە  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.   ئۇيغۇرلار  بىلەن   تۇڭگانلار  سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەرلىك خەلقى ئەمەس، بەلكى كۆچمەن سۈپىتىدە  بېكىتىلدى .  بۇ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى  چاغلاردىلا ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىشىدىكى ئامىللارغا ئايلاندى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار