پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(45)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42
19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەنشى-گەنسۇ رايونلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، بۇ جايلار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ كەلگەن بەي ياڭخۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، ۋە ياكى 1882-1883-يىللىرىدا ئىلىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە كۆچكەن تۇڭگان ئاھالىسى بولسۇن ۋە ياكى 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ چىققان تۇڭگانلار بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان، ئېتنىك ، تىل، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تۇمۇش تۈزۈلمىسى ۋە باشقا بەزى تەرەپلەردىن يەرلىك ئاھالىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمىدى. ئاسسىمىلياتسىيە ئەھۋالى كۆرۈلدى دېگەندىمۇ، بۇ قىسمەن ئائىلىۋى خاراكتېرلىك بولۇپ ھېچقاچان ئومۇمىي ئېقىم بولمىغان ئىدى.
شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە، مەزكۇر تەكىتلەنگەن تەرەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى ھەل قىلغۇچ فاكتورلار ھېسابلىنىدۇ.
3) تەبىئىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە شارائىت
بۇ نۇقتىنى ئىككى خىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا يەنى، تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە مۇھىت ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئايرىش كېرەك. بىرىنچىسى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى قەشقەرىيە بىلەن پەرغانە ۋادىسىنى پامىر-ئالاينىڭ ئېگىز تاغ-داۋانلىرى ئايرىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، قىش مەزگىلىدە بۇ رايونلار قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ، دائىم قار بوران چىقىپ، ئىقلىمى قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. قەشقەرىيىلىكلەرنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلاردىن كېيىن كۆپلەپ پەرغانىغا كۆچۈپ چىقىشى ئەينى ۋاقىتلاردا ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئېگىز تاغلار، داۋانلار ۋە قار-بورانلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ، مىڭ بىر جاپادا پەرغانەنىڭ بوستانقلىقلىرىغا يەرلىشىپ قالغان ھەمدە ئۇ يەردە نورمال تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشكەن ئاھاللارنىڭ يەنە ئائىلىلىرىنى ئېلىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشى قىيىن ئىدى. بۇ خىل تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتمۇ مۇساپىرلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئائىلىلىكلەرنىڭ قايتىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا كۆچۈپ بېرىشىنى توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
قەشقەرلىكلەرنىڭ مۇنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ كوللېكتىپ قېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قىش ۋاقىتلىرىغا توغرا كەلگەنلىرى بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى قالدۇرغان ئىدى. مەسىلەن، 1847-يىلى، يەتتە غوجا قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا يۈزبەرگەن كەڭ كۆلەملىك قېچىش 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ قېچىشتا مىڭلىغان ئادەملەر ، بالىلار، ئاياللار، بوۋاي-مومايلار پامىرنىڭ ئېگىز قار بورانلىق تاغ-جىلغىلىرىدا قاتتىق سوغۇق ھەم قار شىۋىرغان ۋە ئاچارچىلىق دەستىدىن قىرىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ كۆچۈش مەنچىڭ سۇلالىسى قەشقەرىيىنى ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىنكى تارىخىي جەريانلاردىكى كۆچۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقە ھېسابلىناتتى. ئەنە شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ساق-سالامەت پامىر-ئالاي تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، پەرغانە ۋادىسىغا يېتىپ كېلەلىگەن ئادەملەرنىڭ قايتىدىن يەنە مۇنداق قىيىن كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]