خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(41)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

 
6 .  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلققە  سىڭىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر   ۋە ئامىللار

مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  18-19-20-ئەسىردە ئىزچىل تۈردە قەشقەرىيىدىن پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاساسلىق ئاھالە ئۆزبېكلەر تەركىبىگە سىڭىپ كەتتى. بۇ خىل سىڭىشىشى ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل داۋاملاشتى.  ئەگەر ئۇنداق بولماي، قەشقەرلىك ئۇيغۇرلار، ئىزچىل ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ، تەرەققى قىلغان بولسا، ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا خۇددى ئۆزبېكلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى قوغدالغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاساسلىق ئاھالە ھەم ئېتنىك  گۇرۇپپا  بولۇپ قېلىشى تەبىئىي ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىڭىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ۋە ئامىللارنى تۆۋەندىكى تۆت  ئاساسىي نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن، بىراق مەزكۇر  سەۋەب-ئامىللارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق  تەكشۈرۈپ، باشقا  نۇقتىلارنىمۇ  تېپىپ چىقىپ ، پەرەزلىرىمىز ۋە تەھلىلىرىمىزنى ھەم يەكۈنلىرىمىزنى چوڭقۇرلىتىش مۇمكىن.
1) تارىخىي ۋە ئېتنىك  مۇناسىۋەت

ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان 40 ئەتراپىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئېتنىك تەرەققىياتى تارىخى جەيانلىرىدا  زور ئورتاقلىقلار  ۋە باغلىنىشلار مەۋجۇت.  جۇغراپىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا،    ئۇيغۇر دىيارى، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە باشقا جايلار قەدىمدىن تارتىپلا تۈركىي خەلقلەر ۋە تۈركىي خەلقلەر بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە خەلقلەر ياشىغان زېمىنلاردۇر.  بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ۋە ئېتنىك باغلىنىشى زىچ  بولۇپ، ئېنىق بولغان تارىخىي مەنبەلەر بويىچە ئالغاندا، 5-9-ئەسىرلەردىلا بۇ تۇپراقلاردا تۈركىي -ئۇيغۇر قەبىلىلىرى كەڭ تارقىلىپ ئورۇنلاشقان. بولۇپمۇ، تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر-تۈركىي قەبىلىلىرى  بىلەن پەرغانە ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا زىچ باغلىنىشلار بولغان.  قانقىل خانلىقى ،  كۆك تۈركلەر دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى ھەمدە قاراخانىلار سۇلالىسىغىچە بولغان كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا  پەرغانە ۋادىسى، ئىسسىق كۆل بويلىرى ۋە تارىم ۋادىلىرى تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي  ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇپ، بۇ تۇپراقلار ئىلگىرى كېيىن مەزكۇر خاندانلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئىدارە قىلىش مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.  بۇ خىل ئۇزۇن مەزگىللىك  تارىخىي جەريانلاردا تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدىكى ، يەنى ئولتۇراقلاشقان  شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن چارۋىچىلىق -كۆچمەن  ئىجتىمائىي ھايات تۈزۈلمىسىدىكى  پەرقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا  ئۇلاردا  ئايرىم ئېتنىك كىملىك  بولمىغان ئىدى. تۈركىي قەبىلەر ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلىرىدە كۆپ ۋاقىت ئورتاق دۆلەتچىلىك رامكىسى ئاستىدا ،  مەسىلەن  ھۇن ئىمپېرىيىسى، كۆك تۈركلەر  ۋە شەرقىي ھەم غەربىي تۈرك قالغانلىقى، ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى ۋە  قاراخانىلار سۇلالىسى قاتارلىق قۇدرەتلىك خاندانلىقلارنىڭ  سىياسىي  خەرىتىسى ئىچىدە ياشىدى.  بۇ خىل رامكا  11-ئەسىردە  ماھمۇت  كاشىغەرى دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ماھمۇت كاشىغەرىينىڭ  ئورتاق  سىياسىي ۋە مىللىي كىملىكنىڭ ئىپادىسى بولغان  << تۈرك>>  نۇقتىئىينەزەرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى شۇنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ماھمۇت كاشىغەرىينىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا قاراخانىلار دەۋرىدە پەرغانە ۋە تارىم  ھەم ئىسسىق كۆل ۋادىسىدىكى شەھەر ۋە چارۋىچىلىق ھاياتتىكى  ئاھالىلارنىڭ  ھەممىسى تۈرك خەلقى بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا  ئېتنىك كىملىكى  پەرقى ۋە ئايرىم تۈركىي  مىللىي  تىللىق پەرقى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا  ئەينى ۋاقىتتىكى  20 دىن ئارتۇق  ھەر خىل تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى  تۈرك خەلقى ۋە ياكى تۈرك مىللىتىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار