خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(5)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇزۇن ئەسىرلەر داۋامىدا ئىككى رايون ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئېتنىك ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى قويۇق بولغان بولسا، 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ تارىم ۋادىسىنى  ئىگىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەزكۇر ئىككى رايونى ئارىسىدا رەسمىي ئايرىلىش شەكىللەندى.  بۇ رەسمىي تۈردە  ۋە بۇ رايونلاردىكى ئاھالىلار  قەدەم-قەدەم بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ياشاش  باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى.

18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، مەركىزى  ئاسىيانىڭ سىياسىي تارىخى يېڭى باسقۇچقا كىردى. غەرب تەرەپتە پۈتۈن پەرغانە ۋادىسى قوقان خانلىقى (1709-1876) ،شەرق تەرەپتە  تارىم ۋادىسى  چىڭ سۇلالىسى  (1644-1912)  تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىستاننى  ئايرىپ ئىدارە قىلىشى بىلەن رايوننىڭ سىياسىي، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ھاياتى بىر-بىرىدىن پەرقلىق  تەرەققىيات يولىغا كىردى.

چىڭ  ئىمپېرىيىسىنىڭ  پۈتۈن تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىلىرىنى  بويسۇندۇرۇشى بۇ رايوندىكى يەرلىك، يەنى شەھەر ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ   چىڭ سۇلالىسىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقى يېتىپ كەلمىگەن پەرغانە ۋادىسىغا   ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش  دولقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى.  ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە كۆچۈشلەر بولغان بولسىمۇ، پەقەت ئۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە كوللېكتىپ خاراكتېرىگە  بولغان ئەمەس، بەلكى  قىسمەن ئاھالىلار ئارىسىدىكى باردى-كەلدى  قىلىش ھەم ھەربىي يۈرۈش تۈسىنى ئالغان ئىدى.

      تارىم ئويمانلىقى ئەتراپى 1759-يىلى، چىڭ ئىمپېرىيىسى  تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشى بىلەن  تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ  تاكى 1878-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسىتىش، ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش  دەۋرىگە كىردى.  ئامېرىكا ئالىمى جېيمىس مىللۋاردنىڭ قارىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىتى تىپىك ئىمپېرىيالىزملىق ھۆكۈمرانلىق ئىدى.(5)  .  ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان باستۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي   بېسىم ھەم   ئۇرۇشلار  تارىم ۋادىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ  ئۈزلۈكسىز تۈردە پەرغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ پاناھلىنىش دولقۇنلىرىنىڭ  قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  چۈنكى،  ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى يەرلىك ئاھالىلەرنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزى بېسىۋالغان جايلارنىڭ مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئىدى.  بۇنداق ئۆچ ئېلىش قوزغىلاڭغا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان ئاھالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پاناھلىق ئىزدەپ پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇ رايونىغا كوللېكتىپ ھاللاردا قېچىش دولقۇنلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا  ئاسىياغا كۆچۈش باسقۇچلىرى

ئۇيغۇر دىيارىدىن  قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈش دولقۇنلىرى ئىزچىل  ۋە ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت   ئارقا كۆرۈنۈشىگە  ئىگە بولۇپ كەلدى. بۇ خىل كەڭ كۆلەمدە ۋە ئاممىۋى يوسۇندىكى  كۆچۈشلەر 18-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن  تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە  ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ،  بىز بۇ جەرياننى  ئومۇمىي  جەرياننى  بەش دەۋرىگە ئايرىشىمىز مۇمكىن.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار