ئەگەر رۇسىيە دائىرىلىرى 1877-يىلىنىڭ ئالدىدىلا ئوش ئاھالىسىنىڭ 3تىن 1 قىسىمىنىڭ قەشقەرلىكلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى مەلۇم قىلغىنىنى نەزەرگە ئالساق ئەگەر، 1881-يىلى، ئوش ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسى 59760 ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى 20 مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. دېمەك، بۇ ساننىڭ تەخمىنەن 20مىڭى ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1877-يىلى قېچىپ كېلىپ ئوشقا يەرلەشكەنلەرنى قوشقاندا ئوش تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى تەبىئىي. ئەگەر ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1881-يىلى 3950 ئادەم بولغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قەشقەرلىكلەر ئىگىلىگەن بولسا، بۇ چاغدا قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى تەخمىنەن بىر يېرىم مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1877-يىلى، 950 نەپەر قەشقەرلىك ئوش شەھىرىگە ئورۇنلاشتى دېسەك بۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ھەتتا ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. بىراق، ئوش شەھىرىنىڭ نوپۇسى 1910-يىلىغا كەلگەندە تەخمىنەن 11 ھەسسە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما، قەشقەرلىكلەر ئاران 500 نەپەر بولغان. ئۇ چاغدا ئەسلىدىكى قەشقەرلىكلەر نەگە كەتتى؟ ئەمما سارتلار يەنى ئۆزبېكلەر ناھايىتى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوش شەھىرىدىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان قەشقەرلىكلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزىنى سارت دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يەرلىك خەلق ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە <<قەشقەرلىك>> پەقەت قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىر كۆچمەن ئاھالىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆچمەنلەر بۇ جاينىڭ يەرلىك خەلقى ھېسابلانمايتتى ھەمدە مۇھاجىرلىق خاراكتېرىغا ئىگە ئىدى. ئەنە شۇنداق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1877-يىلى كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىپ ماكانلىشىپ بولغان قەشقەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى سارت دەپ ئاتاپ تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇ ۋاقىتتا شەھەر ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئاھالىلار، يەنى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر قىرغىزلار ۋە رۇسلار تەرىپىدىن بىردەك ھالدا سارت دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنى ئايرىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك دەپ ئايرىش تېخى بېكىتىلمىگەن ئىدى.
رۇس پۇقرالىرى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم دائىرىلىرى شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنى تىزىمغا ئالغاندا ئۆرپ-ئادەت، تىلى ۋە كىيىم-كېچەك، مەدەنىيەت ھەمدە ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ھايات شەكلى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنى پەرقلەندۈرۈشى قىيىن بولۇپ، نوپۇس تىزىملىغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا سارت دەپ تىزىمغا ئېلىشى تەبىئىي ئىدى.
بۇرۇندىنلا پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ يەرلىشىپ، يەرلىك ئاھالىلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان قەشقەرىيىلىكلەر ئەنە شۇ ئورتاق سارت ئاتالغۇسى بىلەن بىر گەۋدە ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
بىز بۇ يەردە تېمىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن <سارت> ئاتالغۇسىنىڭ ئېتنولولوگىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزمەيمىز، ئەمما ئۇنىڭ 18-19-ئەسىرلەردە ھەتتا 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك خەلقلەر ئۆزبېكلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا چارۋىچى خەلقلەر قىرغىزلار ۋە قازاقلار تەرىپىدىن <<سارت>> دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن شۇنىڭدەك تاكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا رۇسلار ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئولتۇراق ھاياتتىكى ئاھالىسىنى << سارتلار>> دەپ ئاتىغان ھەتتا بۇرۇنقى رۇس سەيياھلىرى قەشقەرىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا " سارت" دەپ ئاتىغان بولسا، غەربلىكلەر ئۇلارنى " تۈرك" دەپ ئاتىغان ئىدى [53] . 19-ئەسىردىكى رۇسلارنىڭ نەزەرىدە قەشقەرىيە ۋە پەرغانىنىڭ بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەمدە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغان شەھەر ۋە دېھقان ئاھالىسى بىلەن پەرغانىنىڭ دېھقان ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئوخشاشلا << سارت>> دەپ پەرقلەندۈرۈلمىگەن ئىدى.