خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(36)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە،   1937-1940-يىللىرى  ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش دەۋرى بولۇپ، زور ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزبەك قىزلىرى بىلەن توي قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى ئۆزبېك دەپ يېزىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1941-1945-يىللىرىدىكى ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى چەتئەللىك كۆچمەن دەپ قارالغان بولغاچقا ئۇلار ئەسكەرلىككە ئېلىنمىغان  ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزبەك قىزلىرى  ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى كۆپەيدى.

  ئۇنىڭ  ئۈستىگە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ  1937-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە  60 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقى يېزىلسىمۇ، بىراق، ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 ساپ ئۇيغۇر كولخوزى بولغان. ئەگەردە ھەر بىر كولخوزدا ئاز دېگەندە 2000 ئادەم بار دەپ ھېسابلىغاندىمۇ ، 60 كولخوزدا تەخمىنەن 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنجان، تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشايدىغان ئاھالىلار كولخوزلارغا تەۋە ئەمەستۇر.  مۇنداق ھېسابلىغاندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى  ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانىلا  60 مىڭدىن خېلىلا  كۆپ بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك،  بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئەمەلىي سانى خېلىلا كۆپ بولۇشى تەبىئىي.

لېكىن، 1937-يىلىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىش پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغىدى. ئەمما، قازاقىستاننىڭ شەرقىي قىسىملىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ۋە  قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 1932-1933-يىللىرىدىكى كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق ۋە بايلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە   ئۇيغۇر ئېلى'غا قېچىش دولقۇنى قوزغالدى.  شۇ قېتىملىق قېچىشتا  خېلى كۆپ   ساندىكى  ئۇيغۇرلار  يەتتەسۇدىن (قازاقىستاننىڭ  شەرقىي  ۋە قىرغىزىستاننىڭ شىمالى تەرەپلىرى)  ئىلىغا  كەتكەن.  شۇنىڭدەك يەنە 1932-1933-يىللىرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتا قازاقىستان تەۋەسىدە 27 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.   ئەمما، مۇنداق قېچىش  ۋە كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن  دېيىلگەندىمۇ گەۋدىلىك ئەمەس ئىدى. بۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيتتى.

ئومۇمەن،   1937-يىلىگجىچە  بولغان ئارىلىقتا 1917-يىلىدىكى چار رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى 39528 "قەشقەرلىك" نىڭ سانى  ھېچقانداق كۆپىيىش كۆرۈلمىگەن .  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستاتىستىكىسىدىن كېيىنمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ ماڭغان.   مەسىلەن 1926-يىلى ئەنجان ئوبلاستىدا 30 مىڭ 757 نەپەر ئۇيغۇر تىزىمغا ئېلىنغان بولسا، 1979-يىلى، 11867 نەپەر ئۇيغۇر قالغان.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى  1937-يىلىدىكى 61 مىڭ ئۇيغۇر 1959-يىلىغا كەلگەندە 19 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.   1979-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن  ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاران 29،104 ئادەم دەپ ئېلان قىلىنغان. 1989-يىلى، 35 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.2000-يىلى، بولسا 20 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 2009-يىلى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى  نىجات نىيازوف   پۈتۈن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىڭ  60 مىڭ ئىكەنلىكىنى يازغان  بولسىمۇ[91]، بىراق بۇ رەسمىي ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسى ئەمەستۇر.  ئۆزبېكىستان  ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئەنجان شۆبىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا  نۆۋەتتە ئەنجان ئوبلاستى تەۋەسىدە  30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشىماقتا.  تەخمىنەن 4-5 مىڭ ئۇيغۇر شەھرىخان ناھىيىسىنىڭ  دولان يېزىسىغا جايلاشقان[92].  

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار