4)پەرغانە ۋادىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ گۈللىنىشىدىن يوقىلىشىغىچە
1921-1930-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايرىم مىللىي كىملىكىنىڭ تىكلىنىش ۋە راۋاجلىنىش دەۋرىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىمۇ بارغانسېرى تىكلىنىش ۋە راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلار ئارىسىدىكى بۇرۇنقى قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئىككى گۇرۇپپا بويىچە بىر-بىرىنى ئايرىش خاھىشلىرى بارغانسېرى تۈگەپ، ئورتاق ئۇيغۇر نامى ئاستىدىكى مىللىي كىملىك روھى كۈچەيدى. 1922-1923-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرىنىڭ تۇنجى نەشىر ئەپكارى << ياش ئۇيغۇر >> جۇرنىلى نەشىر قىلىندى.
1920-يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشكەنتكە توپلانغان بولۇپ، 1923-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا، تاشكەنت، باكۇ، لېنىنگراد ، سەمەرقەنت ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاشكەنت ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئاز مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم دەرگاھىغا ئايلاندى. بۇ ئورۇنلادا كۆپلىگەن زىيالىيلار تەربىيىلىنىپ چىقتى. 20-30-يىللاردا تاشكەنت پەقەت ئۆزبەكىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي ، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە ئالدىدا ماڭغان خەلققە ئايلانغان ئىدى.
1930-يىللاردا پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر قايسى تۇركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، 1937-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 61 مىڭغا يەتتى. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەنجان ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلار 30 مىڭ 757 نەپەر دەپ تىزىمغا ئېلىندى.
پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۆزلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان قەشقەرلىك كىملىكى بىلەن ئاتاپ كەلگەن يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولسىمۇ لېكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى 1930-يىللاردا ئۆز كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. 1930-يىلىدىن كېيىن تارانچى -قەشقەرلىك ئايرىمىچىلىقىغا چەك قويۇلغاندىن كېيىن، ئەنجان ۋە تاشكەنت سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، 1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 ئۇيغۇر كولخوزى مەۋجۇت بولدى. ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئېچىلدى. ئەنجاندا پېداگوگىكا تېخنىكومى قۇرۇلغان بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇدى. شۇنىڭدەك يەنە ئەنجاندا 1935-يىلى، ئۇيغۇر دراما تىياتىرى قۇرۇلدى. باشتا فرۇنزىدا ( ھازىرقى بىشكەكتە) << قۇتۇلۇش>> گېزىتى چىققان بولسا، كېيىن بۇ گېزىت << كۈن چىقىش ھەقىقىتى>> نامىغا ئۆزگەرتىلىپ، تاشكەنتكە يۆتكىلىپ،<< شەرق ھەقىقىتى>> دېگەن نامدا چىقتى ھەمدە 1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گېزىتنىڭ تىرازھى 5 مىڭدىن ئاشتى. تاشكەنتتىكى بۇ گېزىت ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدىكى تىرازھى ئەڭ كۆپ گېزىت ھەمدە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە تاشكەنتتە ئۇيگۇر تىلىدا دۆلەتلىك نەشىرىيات ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ، مائارىپ نەشىرىياتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلۇمى ئۇيغۇر تىلىدا قازاقىستان، ئۆزبەكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى باستى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشكەنتتە توپلانغان ئىدى. تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، سەمەرقەند يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى، پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ماركىسىزم -لېنىنىزم ئىنىستىتۇتى قاتارلىق تۈرلۈك ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمەت قىلدى. ئۇيغۇر يازغۇچى ئەدىبلىرىدىن ئۆمەر مۇھەممەدى(1906-1931 ، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى(1901-1937)، ھېزىم ئىسكەندىروف(1906-197) ، تۇردى ھەسەنوف(1909-1937)، نۇر ئىسرائىلوف(1910-1953)، مۆمىن ھەمرايېف(1907-1955)، تۇردى ھەسەنوف (1912-1937)ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرى تاشكەنتتە نەشىر قىلىندى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان مۆمىن ھەمرايېفنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، << دولقۇنلار ئارىسىدا >> دەپ ئاتالغان ئەسەر 1934-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان ئىدى[86]. 1930-1937-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومان ، پوۋېستلىرى، دراما ۋە شەئىرلار توپلاملىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. 1931-يىلى بولسا ئالمۇتىدا ئايلىق << قىزىل تاڭ >> جۇرنىلى نەشىر قىلىندى.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]