خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(23)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42



   بەلكى،  1910-يىلى، چار رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكە ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىمىدىن ئورۇن ئالغان ئوش شەھىرىدىكى   500 نەپەر قەشقەرلىكمۇ پەقەت يېڭىدىن قەشقەر تەۋەسىدىن كېلىپ يەرلەشكەن ھەم رۇسىيە پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغانلار  بولۇپ، ئۇلار تىل ئالاھىدىلىكى ۋە بەزى  تەرەپلەردىن يەرلىكلەشكەن ئۆز قېرىنداشلىرىدىن پەرقلىق ھالەتنى ساقلاپ قالغان بولۇشى ئېھتىماللىقا يېقىن.

مەلۇمكى،  چوقان ۋەلىخانوف  19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىلا    پەرغانە ۋادىسىدا قەشقەرىيىدىن چىققان 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىك  مۇھاجىر نوپۇس ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇ ، 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىكنىڭ  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەندىجان ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەھرىخان ۋە قارا سۇ قاتارلىق جايلاردا ياشىغالىقىنى، ئۇلارنىڭ يەرلىكلەر تەرىپىدىن  <<تاغلىقلار>> دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى  قەيت قىلىدۇ[58].چوقان ۋەلىخانوف يەنە شەھرىخان بىلەن قاراسۇ ئارىسىدىكى جايلارغا 9 مىڭ دولانلىقنىڭ  ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ، يەنە  تاشكەنتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا  يېڭى شەھەر مەھەللىسى نامىدا بىر مەھەللە بارلىقى، بۇ يەردە قەشقەر مۇھاجىرلىرى ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.[59]

چوقان ۋەلىخانوفنىڭ خاتىرىسىدە  ۋەلىخان تۆرىنىڭ  1857-يىلى، ئاقسۇدىكى چىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن ئادەملىرىدىن توختى مانجۇ ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قانچە مىڭ دولانلىقنى باشلاپ، قوقەنتكە كۆچۈرۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. بەلكى، ئۇ ئېيتقان 9 مىڭ دولانلىق ئەشۇ قېتىملىق كۆچۈشتە كەلگەنلەر بولۇشى مۇمكىن.  دولانلىقلار، ئاساسلىقى قەشقەرنىڭ مارالبېشى، مەكىت، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىلىرى تەۋەسىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار تىل شىۋىسى جەھەتلەردىن باشقا رايوندىكى ئاھالىلاردىن ئازراق پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور ئورتاقلىققا ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات جەريانى  ئۆزگىچە مۇساپىلارنى بەسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،  ئەمما  ئۇلارنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادەت ، مۇزىكا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە يەنىلا ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە ئىدى.  لېكىن، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گەۋدىسىدىن ئايرىم بولغىدەك زور پەرقلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى.  دولانلىقلار گۇرۇپپىسى  1897-يىلىدىكى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئايرىم گۇرۇپپا سۈپىتىدە كۆرسىتىلمىگەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ  ياكى قەشقەرلىك ۋە ياكى سارت ياكى ئۆزبەك كاتېگورىيىسىگە  كىرىشىدىن باشقا ئامال يوق ئىدى.  تەھلىل قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار باشقا ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش  ئاللىقاچان ئۆز كىملىكىنى يوقاتقان ۋە ياكى ئاجىزلىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا   سارتلار تەركىبىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدە شەك يوق.
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ  بايانىدا  <<شەھرىخان ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قەشقەرلىكلەر>> دەپ ئەسكەرتىدۇ.[60] باشقا ماتېرىياللاردا يەنە 1840-يىللاردا شارىخان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى  ئاھالىلەرنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك قەشقەرلىكلەر ئىكەنلىكى، پەقەت بىر جايدىلا 20 مىڭ ئۆيلۈك قەشقەرلىك ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن[61].
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار