پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(56)
بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42
1937-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستان، جۈملىدىن تاشكەنت ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ماراپ مەركىزى بولغان بولسا، 1937-يىلىدىن كېيىن بۇ مەركەز بارا قازاقىستانغا يۆتكىلىپ، ئاخىرىدا ئالمۇتا سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلدى.
تاشكەنت 1944-1950-يىللىرىغىچە يەنە بىر قېتىم موسكۋانىڭ پلانى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، بىر قىسىم زىيالىيلار بۇ يەرگە توپلىنىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئىدىيىۋى ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان << شەرق ھەقىقىتى>> جۇرنىلى ۋە كېيىنچە << شەرق ھەقىقىتى نەشىرىياتى>>نىڭ خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ نەشىرىيات ئورگانلىرى 1949-يىلىدىن كېيىن نۇرغۇن كىتابلارنى نەشىر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتكەن ھەمدە ئارىلىقتا بىر مەزگىل پاسسىپلاشقاندىن بولسىمۇ، بىراق 1960-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، موسكۋانىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنىڭ تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدە تاشكەنت قايتىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلدى. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش يولغا قويۇلدى. ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇل ئانسامبىلى قۇرۇلۇپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلغىچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. تاشكەنتكە خېلى زور ساندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى، سەنئەتكارلىرى، ئەدىبلىرى توپلاندى. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ، تاشكەنت قايتىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى رولىنى ۋە ئورنىنى يوقاتتى.
خۇلاسە.
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئىككى ئەسىرلىك مۇساپىنى باشتىن كەچۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمى ئۆزىنى ھەتتا ئۇيغۇر دەپ ئاتىسىمۇ بىراق ئوز تىلىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇنتۇپ، ئۆزبېك تىلىنى ئوز تىلى قىلىپ بېكىتىش ھەمدە داۋاملىق تۈردە سىڭىشىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
خۇلاسىلىغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يوقۇلۇپ كەتكەن دىئاسپورىغا ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار يەنىلا ئالدى بىلەن مەدەنىيىتى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش ۋە ئېتنىك تارىخى ئوخشاش بولغان، تىلى ۋە ئورپ-ئادەتلىرى ئىنتايىن يېقىن بولۇشىدۇر. ئەگەردە بۇ خىل شارائىت بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە مۇنچە ئاسان سىڭىپ كېتىشى بولمىغان بولار ئىدى. ھەر قانداق ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ياكى يۇغۇرۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەبىئىي مۇناسىۋەتلەر كېرەك بولۇپ ، بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇشى ئىنتايىن قىيىن.
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ھازىرقى زامان ئۆزبېك خەلقىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، تەبىئىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ياكى تەبىئىي يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق ئەھۋال ئەينى شەكىلدە قەشقەر ، يەركەنت، قاغىلىق، غۇلجا ۋە باشقا شىنجاڭ ( ئۇيغۇر ئېلى )شەھەرلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەرغانە ۋادىسىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ئۆزبېكلەر ئۆزلىكىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتتى. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:
ئۇنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ( )...[详细]
ئۆتكۈزۋېلىش ئۆلچىمى...[详细]
مەكتىۋىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خۇلاسسى ناھىيلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىگە ناھىيلىك مائارىپ كوممىتىتى سىياسى خىزمەت بۆلۈمىگە 1-ئاسا...[详细]
ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئەڭ بۇرۇن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى, ئومۇمەن بۇنىڭدىن 4مىڭ يىل ئىلگىرىكى شىيا دەۋرىگە سۈرۈزشكە بولىدۇ ،...[详细]
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]
باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ كالىندار پىلانى -ئوقۇش يىلى1-مەۋسۇم ئۈچۈن ...[详细]