خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(47)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42



ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پەرغانەنىڭ ئۆزبېكىستان قىسىمىنىڭ قەشقەر بىلەن ( شىنجاڭ بىلەن بولغان) چېگرا رايونلىرى  قىرغىزىستانغا ئايرىپ بېرىلىش بىلەن پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  قەشقەرىيە بىلەن بولغان بىۋاسىتە  باغلىنىشىمۇ  ئۈزۈپ تاشلىنىپ، بۇرۇنقى بىۋاسىتە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت ئاخىرلاشتى.

  كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ  بۇ زېمىنگە  كۆچۈپ كېلىپ ماكانلىشىشى تارىخىي جەريانىدا باشتا  قوقەنت  خانلىقى، ئارقىدىن چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن  سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ، يەنە ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن  ئىبارەت تۈرلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ   ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولدى.  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇشى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ياشىغان جايلارنىڭ   ئۈچ سىياسىي جۇغراپىيىگە پارچىلىنىشى  ئۇلارنىڭ  پارچىلىنىشى، بىر يەرگە توپلىشىپ  ياشاپ، شۇ جايدىكى ئاساسلىق ئېتنىك توپلۇققا ئايلىنىش مۇمكىنچىكىنى ئازلاتتى.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كەلگەن  مۇنداق تەبىئىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيىلىك شارائىت ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ، مۇھىمى دەھقان، ئولتۇراق ھاياتتىكى ئۆزبېكلەر جەمىيىتىگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى ئامىلدۇر.
 
4)    ئېتنىك سىياسىي ئىستراتېگىيە .

ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى  سىياسىي تۈس ئالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  ئۆزگەرتىشنى تاللىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قوقەنت خانلىقى چار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، پەرغانىدا چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى  تىكلەنگەندە بىرىنچى قېتىم باشلاندى.  چىڭ سۇلالىسى بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بۇ ۋاقىتتا بىر قاتار دىپلوماتىك ئالاقىلاردا بولۇشى  پەرغانىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، بۇرۇنقى قەشقەرلىك پەرقىنى تاشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، چىڭ ئىمپېرىيىسى  ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىپ، پۈتۈن قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېين، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن كۆپ قېتىم   بەي ياڭخۇ، بەك قۇلىبەك قاتارلىقلارنى ۋە  باشقا قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرەپنىڭ  قەشقەردىن قاچقانلارنى  رۇسىيە تەرەپتىن  تەلەپ قىلىشى  پەقەت پەرغانىغا  يېڭىدىن قېچىپ كەلگەن ئاھالىلارنىلا ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىلا  چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭلارغا قاتنىشىپ،  پەرغانىغا قېچىپ كېلىپ يەرلىشىپ قالغان قەشقەرلىكلەرنىمۇ ئەندىشىگە سالدى. گەرچە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى قاچاقلارنى  قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما  بۇ يەردىكى   مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن  قەشقەرلىك ئاھالىلارنىڭ يېڭىدىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقان   چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسى  تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى.  

چۈنكى، زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، چار رۇسىيە بىلەن  چىڭ ئىمپېرىيىسى ئارىسىدا  پامىر رايونىدىكى بىر قىسىم زېمىنلەرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى جىددىي تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان  بولۇپ،  1881-يىلى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا <<ئىلى شەرتنامىسى>> تۈزۈلۈپ،  چار رۇسىيە ئىلىنى  چىڭ ئىمپېرىيىسىگە  قايتۇرۇپ بەردى. پامىر رايونىدىكى چېگرا پاسىلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە چىڭ ئىمپېرىيىسىمۇ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن  چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل  ياقۇپ بەگنىڭ ئوغلى بەك قۇلىبەككە ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قوراللاندۇرۇپ،  چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى سالماقچى بولدى. ھەتتا  قەشقەرىيە ئاھالىلىرى ئارىسىدا ھاكىمخان تۆرە ۋە بەك قۇلىبەك قاتارلىقلارنىڭ قايتا قوشۇن تارتىپ كېلىپ  مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى خەۋىرى تارقالدى.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار