خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇيغۇرلار-نەبىجان تۇرسۇن(24)

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-21 18:42


ئۆزبېك ئالىمى ، ئاكادېمىك ھەيدەربەك  بابابېكوۋنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يەنە شۇ دەۋرنىڭ ئۆلۈمالىرىدىن  بىرى موللا مۇسۇلمان 1868-يىلى، ئەندىجان ئەتراپىدا 70 مىڭغا يېقىن قەشقەرلىك ياشىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات قالدۇرغان[62].

2) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى  ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى

  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 19-ئەسىردىكى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئېتنىك تەركىبى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل مەنبەلەر بويىچە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ، بۇ خىل تەتقىقاتلار 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ تىلى، ئىجتمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مىللەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئەۋجى ئالغان ۋاقىتلاردا  كۆپرەك مەيدانغا چىقتى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، بولۇپمۇ 1960-1970-يىللىرىدىكى سوۋېت-چىن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى  ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ،  ئۇيغۇر تارىخى، تىلى -ئەدەبىياتى،  ئېتنوگرافىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشكە  ئومۇمىي جۇڭگو تەتقىقاتىنىڭ ۋە تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ   مۇھىم قىسىمى سۇپىتىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ،  بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا كۆپلىگەن نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى.   بۇ جەرياندا  ئۇيغۇرلارنىڭ  تىلى-دىئالېكىتلىرى تەتقىقاتىغىمۇ  ئەھمىيەت بېرىلگەن  بولۇپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى مەخسۇس تەكشۈرۈلدى.  بۇنىڭغا باغلىق ھالدا  پەرغانە ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ   كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئېتنىك تەرەققىيات تارىخىي جەريانى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە پەرغانە ۋادىسىدىكى مۇھىم  ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي تەركىپ بولغانلىقى، بىراق  ئۇلارنىڭ قەدەممۇ- قەدەم ئۆزبېكلىشىپ كەتكەنلىكى  ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئالىملارنىڭ  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى نوپۇسى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈچۈن چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ۋە  كېيىنكى ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ھەم ئەينى ۋاقىتتىكى رۇس ئالىملىرىنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئاساس بولدى.
   س. س. گۇبايېۋا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدا 300مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى[63].
  سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك غوجاخمەت سادۋاقاسوف، پەرغانە ۋادىسىدا چوقان ۋەلىخانوف قەيت قىلغان 9 مىڭ نوپۇس دولانلىقلارنى قوشۇپ، 324 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى[64].
ئى.ۋ. زاخوروۋانىڭ قارىشىچە، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە 200-250 مىڭ ئەتراپىدا  ئۇيغۇر ياشىدى[65].
قازاق ئالىمى ، ئاكادېمىك ئابدۇۋالى قايداروف  بولسا، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا  قەشقەرىيىدىن  كۆچۈپ چىققانلار 250 مىڭ  ئىدى [66]دەپ يازىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار