رۇسلار، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى پەرغانە ۋادىسىدىكى "سارتلار"دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئۇلارنى << قەشقەر سارتلىرى>> دەپ ئاتىغان. رۇس ئالىمى ل. ن . سوبولېۋنىڭ قارىشىچە سارتلار ئالاھىدە باشقا قەبىلە ئەمەس، شەھەرلەردە ياشايدىغان ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەيلى ئۆزبېك، مەيلى تاجىكلارنىڭ ھەممىسى پەرقلەندۈرۈلمەستىن سارت دەپ ئاتالغان[54]. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، قازاق تۈركشۇناسى سېرالى لاپىن<< ئۆزبېكلەردىن پەرقلىق بولغان سارت دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە بىر خەلق يوق، شۇنىڭدەك يەنە ئۆزبېك تىلىدىن باشقا بولغان ئايرىم سارت تىلى دەيدىغان تىلمۇ مەۋجۇت ئەمەس>> دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سارتلار دەپ ئۆزبېكلەر، يەنى ئولتۇراق ھاياتتىكى تۈركىي تىللىق ئاھالىلاردۇر[55].
لېكىن، 1897-يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۈركىستان ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلارنىڭ تەركىبى ئايرىپ چىقىلىپ، سارتلار ئۆزبېكلەر، قارا قالپاقلار، قىرغىزلار، قەشقەرلىكلەر ۋە قىپچاقلاردىن ئايرىۋېتىلگەن. شۇ ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات بويىچە، پۈتۈن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىدە 968655 نەپەر سارت، 726534 نەپەر ئۆزبېك ،34908 نەپەر قەشقەرلىك ۋە باشقا خەلقلەر بولغان. بۇ ۋاقىتتا سارتلار ئۆزبېكلەر ۋە قەشقەرلىكلەردىن ئايرىم بولۇپ چىققان[56]. رۇسىيە ئالىملىرى چار رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشى ئېنىق ئەمەس ۋە كۆپلىگەن خاتالىقلارغا يول قويۇلغان ھەمدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ بېكىتكەن. 1897-يىلى نوپۇس تەكشۈرۈش بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ، يەنى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى رەسمىي تۈردە تۇنجى قېتىم چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان پەرغانە ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلار، يەنى قەشقەرلىكلەرنىڭ سانى سەمەرقەند ئوبلاستىدىكىن ئاز بولۇپ چىققان. ئىستاتىستىكا بويىچە، پەرغانە ئوبلاستىدا 14915 نەپەر قەشقەرلىك، سەمەرقەند ئوبلاستىدا 19993 نەپەر قەشقەرلىك بارلىقى كۆرسىتىلگەن[57].
بۇ يەردە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ، نېمە ئۈچۈن چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە يەرلىك خەلقلەرنى ئايرىغاندا سارت دېگەن ئايرىم توپلۇقنى بېكىتىپ، نوپۇس جەدۋىلىگە كىرگۈزدى؟ ئەگەردە ئەنە شۇنداق ئايرىما ئالدىن بېكىتىلىپ بېرىلمىگەن بولسا، ئاھالىلارنىڭ تەركىبى مۇنداق ئايرىلمىغان بولار ئىدى. بۇ بەلكى تىل شىۋە ئالاھىدىلىكى ۋە رايونلىرى بويىچە بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن ئولتۇراق ھاياتتىكى شەھەر ئاھالىلىرى، يەنى قەبىلە-ئۇرۇغ چۈشەنچىلىرىدىن خالى ئاھالىلار ئۆزلىرىنى چار رۇسىيىنىڭ نوپۇس تىزىملىكىدىكى " سارت" دېگەن كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن، قەبىلە -ئۇرۇغ چۈشەنچىلىرى تېخى مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم ئاھالىلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېكلەر دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا سارت كاتېگورىيىسىگە شەھەرلەردە ۋە يېزىلاردا ياشايدىغان زور ساندىكى ئەسلى قەشقەرىيىدىن كېلىپ ماكانلىشىپ ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ كەتكەن قەشقەرلىك-ئۇيغۇرلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ئېتھىماللىقا يېقىن. چۈنكى، چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتىدىكى ئەشۇ پەرغانە ۋادىسىدىكى 50 مىڭ ئائىلە قەشقەرلىكنىڭ ئارىلىقتا 40 يىل ئۆتمەي تۇرۇپلا بىراقلا غايىپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار كۆپىيىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئازلاپ پەرغانە ۋادىسىدا قانداقسىگە 14 مىڭ بولۇپ قالدى؟ ئېنىقكى ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى شۇ قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۆزلىرىنى قەشقەرلىك دەپ ئاتاشتىن ۋاز كېچىپ، سارت دەپ ئاتاپ تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ئانچە رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ-، بىرىنچىدىن ئۆزبېك ئاتالغۇسى بىۋاسىتە شەيبانىخان دەۋرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆچمەنلىك ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەبىلىنىڭ نامى بولغاچقا بۇنىڭ قەشقەرىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئىككىنچىدىن قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر قانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سارت ئاتالغۇسى يېڭى ئاتالغۇ ئەمەس، چۈنكى، ئۇلار قوشنا قىرغىزلار تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق ئاتىلىدىغانلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پەرغانە ۋادىسى چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى تەركىبىگە كىرگەندىن كېيىن پەرغانىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا قېرىنداش شەھەر ۋە ئولتۇراق ھاياتتىكى قېرىنداشلىرى، يەنى "ئەنجانلىقلار" بىلەن ئوخشاش ھالدا "سارت" دەپ ئاتىلىشىدىن خەۋەردار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىكلەشكەن مەزكۇر قەشقەرىيە مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئاللىقاچان تىل جەھەتتىن يەرلىك ئەنجانلىقلار ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بولغان بولۇپ، زاتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىل ۋە باشقا ئورتاقلىقلارمۇ كۆپ ئىدى. بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارغا قارىتا قەشقەرىيە كۆچمەنلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە سارت دەپ ئاتىدى خالاس. رۇسىيە ئىستاتېستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ ۋاقىتتا پەرغانە ئوبلاستىدىكى سارتلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى 788989 بولۇپ، پۈتۈن تۈركىستاندىكى سارتلارنىڭ 80%دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان. پەرغانە ئوبلاستىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 153780 نەپەر بولغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرغانە ۋادىسىدىكى سارتلارنىڭ مۇنداق كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئامىل قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ بولغان ئاھالىلارنىڭ ،يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى سارت دەپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشىدۇر. ئەمدى ، نوپۇس ئىستاتېستىكىسىدىكى " قەشقەرلىكلەر " مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇلار بەلكى قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ چىقىپ يەرلىكلىشىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان، بولۇپمۇ 1878-يىلىدىن كېيىن كۆچۈپ چىققان ۋە 1890-يىللاردا قەشقەرىيىدىن پەرغانە ۋادىرىلىرىغا ئىشلەشكە ، سودىگەرچىلىككە چىقىپ يېڭىدىن يەرلىكلىشىپ قالغان ئاھالىلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز تىل شىۋىلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە ۋەتىنى بىلەن بولغان بىۋاسىتە باغلىنىشلىرىنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. بۇ ئاھالىلار ئۆزلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن "قەشقەرلىك " دېگەن كاتىگورىيىدە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.