ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنىڭ شاھىدلىرىدىن بىرى، 1935-1937-يىللىرى موسكۋا تەرىپىدىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ بىرى مەنسۇر ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە تارانچى-قەشقەرلىك كۈرىشىنى ئەسلەپ << بۇ، 1920-يىللاردا تاشكەنتتە ستۇدېنتلار ، ھەتتا ئايرىم ئاۋام -پۇقرالار ئىچىدە ئەۋجى ئالدى. تالاش-تارتىشلار، تىللاش-ھاقارەتلەشلەر، كوچىلاردا مۇشتلىشىش، كالتەكلىشىشكە ئوخشاش توقۇنۇشلار دەرىجىسىگە يەتتى>دەپ يازىدۇ (107).
قادىر ھاجى يەنە دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، يەنى ئۇيغۇر نامى بېكىتىلگەن چاغلاردا << ئۇيغۇر دېگەن مىللەت يوق، قەشقەرلىك ، تارانچى دېگەن ئىككى خىل مىللەت بار. تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قەشقەرلىك، تارانچىلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىكەنلىكى نامەلۇم>>(108) دەيدىغان ئىدىيىنى تەرغىپ قىلىپ، پەرغانە ۋە يەتتەسۇدىكى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كۆچۈپ چىققان ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ، يەنى قەشقەرلىكلەر بىلەن تارانچىلارنىڭ مەزكۇر رايون خاراكتېرلىك ناملىرىنى تاشلاپ بىر ئورتاق ئۇيغۇر نامى ئاستىغا يىغىلىش ۋە بۇ نامنى ئورتاق ئىشلىتىش ئىدىيىلىرىگە قارشى چىققان ئىدى.
ئۇنىڭ ئەكسىچە ئابدۇللا روزىباقىيېف بولسا بۇنىنغا قارشى چىقىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئالتىشەھەر ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا سوغۇقچىلىق سالماق مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى ئىككى تۈرلۈك مىللەتكە ئايرىۋەتمەك مۈمكىن ئەمەس>>، << ئالتىشەھەرلىك>>، <<قەشقەرلىك>>، <<تارانچى >> دېگەن ئايرىم مىللەتلەر يوق، بەلكى ئۇيغۇر دېگەن بىرلا مىللەت بار، ھەممىگە ئومۇمى بولغان <<ئۇيغۇر تىلى>> دېگەن بىرلا تىل بار(109).
ئەمما، 1926-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، يەتتەسۇدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى تارانچى دەپ تىزىمغا ئالغۇزغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېتنىك كىملىكىنى تاللىغانلار تارانچى نامىنى تاللىغانلاردىن ئاز بولغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ بېكىتكەنلەر قەشقەرلىك دەپ بېكىتكەندىن كۆپ بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر نامىنى تاللىغانلارنىڭ مۇتلەق زور قىسىمى ئۆزبېكىستانغا جايلاشقان.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر نامىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش تارانچىلارغا قارىغاندا قەشقەرلىكلەر ئارىسىدا كۈچلۈك بولغان. لېكىن ، قەشقەرلىك ئايرىم تارانچى ئايرىم مىللەت دەيدىغان خاھىش ۋە تالاش-تارتىش تاكى 1930-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، 1930-يىلى ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا يىغىنىدا تارانچى ۋە قەشقەرلىكلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىككى خىل شىۋىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى ئىملا قائىدىسى بېكىتىلگەنگە قەدەر تارانچى-قەشقەرلىك جېدىلى داۋاملىشىۋەرگەن ئىدى. بۇ خىل تالاش-تارتىشلاردا ئاكتىپ ماقالە يازغانلار ئابدۇللا روزىباقىيېف، قادىر ھاجى، لاتىپ ئەنسارى، سابىرجان شاكىرجانوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، بۇرھان قاسىموف، ئۇچقۇن ۋە باشقىلار ئىدى.